پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 411|ئىنكاس: 12

خانىم بولماق تەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
228
قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 16:29:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خانىم بولماق تەس


153236_12795132182cB7.gif


ئائىلىدە ۋاپادار ئايال، كۆيۈمچان ئانا، مەكتەپتە جاپاكەش، تەلەپچان ئۇستاز بۇلۇپ، جەمىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان، ئۇيغۇر مىللى مائارىپى سېپىدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى خانىم-قىزلار، ئايال ئوقۇتقۇچى تورداشلار، ياخشىمۇ سىلەر؟ تور زىيارىتى داۋامىدا بۇ شېئىرنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ھەرقايسىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم(ئاپتورى ئېنىق ئەمەس). بەھىر ئالغايسىزلەر!



دىدىكى بەزىلەر دىھقان بولماق تەس،
ۋە ياكى ئەر بولماق، خۇتۇن بولماق تەس،
رەسمى ئىش ئۈستىدە توختىلايلى بىز،
زادى بۇ دۇنيادا نىمە بولماق تەس؟
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



تاماقنى ۋاقتىدا ئەتمىسە بولماس،
دەرستە پىلانغا يەتمىسە بولماس،
شۇ نۇرغۇن مەسلىنى يەشمىسە بولماس،
قائىدە تۈزۈمدىن چەتنىسە بولماس،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



خىزمەتكە ۋاقتىدا بارمىسا تېخى،
بىر دۈۋە تىزىسنى يازمىسا تېخى،
خىزمىتى ئۇڭۇشلۇق ئاقمىسا تېخى،
باشلىقنىڭ تەلىۋىگە ياقمىسا تېخى،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



ئۈيىدە ئېرىنى كۈتمەي بۇلامدۇ؟
بالىغا مىھرىنى تۆكمەي بۇلامدۇ؟
نادانلىق-دۆتلىكنى سۆكمەي بۇلامدۇ؟
خىزمەتكە باشچىلاپ چۆكمەي بۇلامدۇ؟
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



ئىلىم-پەن كانىنى قازمىسا بولماس،
ئۇلۇغلۇق سازىنى چالمىسا بولماس،
شەرەپلىك مۇنبەرگە چىقمىسا بولماس،
شۇ تۈرلۈك سىناقتىن ئۆتمىسە بولماس،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



ئالايلى مىسالغا ئارام كۈنىنى،
ئۆي ئىشى دەستىدىن ھارام كۈنىنى،
ئۇخلىسا مەيلىتتى يېتىپ خىرامان،
بىر سائەت راھەتتە ئۇنتۇپ ئۈزىنى،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



ئالدىراش ئۈتەر ئۇ ئارام كۈندىمۇ،
بىر قېنىپ ئۇخلىماس ئۇزۇن تۈندىمۇ،
ئۇھسىنىپ ۋايسىماس ئېغىر كۈندىمۇ،
غودۇڭشىپ سۆزلىمەس يەنە شۇندىمۇ ،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



بىر دۆۋە قاچىلار تۇرار مۇڭسىراپ،
شىكەر كىر يوتقانلار ھومىيار باتناپ،
كىرئالغۇ ئاچچىقتىن ئۇھسىرار يىغلاپ،
قاراپلا يۈرەكلەر كىتەر جىغىلداپ،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!


   

كەچقۇرۇن ئەمدىلا تاماقنى يەپلا،
ئۈستەلنىڭ چىرىغى قىلىدۇ لاپلا،
تەكشۈرمەي قېپقاپتۇ تاپشۇرۇق «ئاپلا»،
نۇمۇرنى خاتىرلەش بەتلىرى ئاقلا،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!


   

دۈشەنبە باشلىقنىڭ نۇتۇق سۆزى بار،
سەيشەنبە پىئونۇر پائاليىتى بار،
چاشەنبە سىياسەت مەزمۇنىغا زار ،
پەيشەنبە ئىككىنچى دەرسخانا بار،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



جۈمە كۈن تەكشۈرەر مۇدىر ماتېريال،
كۆز بۇياپ ئۈتۈشكە قىلما خام-خىيال،
شەنبىسى جىنشۇ دەپ تاپقۇزار كامال،
يەكشەنبە بولمىسا بولمايدۇ ئايال،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



بىلمەيدۇ گاھىدا تۇۋاق ياپتىمۇ؟
كەشىنى ئوڭ ياكى تەتۈر ساپتۇمۇ؟
ئىشىكى ئۇچۇقمۇ ؟قۇلۇپ ساپتىمۇ؟
ئاچقۇچى قەيەردە؟ ئۆيدە قاپتىمۇ؟
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



يوقمىدۇ، خانىمنىڭ كۆڭۈل خۇشلىغى،
ئۈزىنى كۈتۈشكە يېرىم بوشلىغى،
ھالىنى ئېيتقىدەك ئاداش-دوستلىغى،
سەيلىگە چىققىدەك يارى قوشمىغى،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



يوق دەيدۇ بەزىلەر: «خانىمنىڭ غېمى»،
تۆكسىمۇ ئەۋلاتقا يۈرەكنىڭ قېنى،
ئون ئەمەس پەقەت بىر خانىمنىڭ جېنى،
ئەۋلاتلار كەلگۈسى ئۇنىڭ چوڭ غېمى،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



ئۇ ئەمەس ھەممىنى بىلەرمەن ھاتەم،
ماڭا ۋە سىلەرگە ئوخشاشلا ئادەم،
ئۇ بولماي گۈللىمەس ھاياتلىق ئالەم،
ئۇ ئۆلسە تۇتمايمىز، ئىھتىمال ماتەم،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



خانىمنىڭ كۈنلىرى ئۈتەر ئاشۇنداق،
خوشلىغى بەكمۇ ئاز، پىغان تولاراق،
جاپاسى چەكسىز،كۆپ،راھىتى ئازراق،
سۇرىماس بىر كىشى «ھالىڭ قانداراق؟»
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



سۈزۈمنى توختىتاي ئەمدى بولدى بەس،
بىلدىڭىز ئىھتىمال كىملەر بولماق تەس،
ئالەمنى تۇرغۇزغان شۇنداق زەبەردەست،
خانىمغا قىلمىسۇن يامان كۆزلەر قەست،
دۇنيادا ھەممىدىن خانىم بولماق تەس!



مەنبە: «پەرزەنت مۇنبىرى››


gna3u4jms6p.gif

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 19:29  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 18:56:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئامان ئەپەندىم بەك ياخشى بولغان تەربىيەۋىي ئەھمىيتى يۇقىرى تىما يوللاپسىز . يازغان قۇلىڭىزگە دەت بەرمىگەي. تىرشىڭ .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
639 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
386 سەر
شۆھرەت
402 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 19:21:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئامان ئەپەندىم شۇنداق ياخشى بىر شېئىر بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا ! ئاپتۇرنىڭمۇ قولىغا دەرت بەرمىگەي ئىلاھىم .خانىملارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشىنى بىر نەچچە كۇپلىت شېئىر ئارقىلىق شۇنداق ئەينەن سۈرەتلەپ بىرىپتۇ .ئاپتۇرى ئەرمىدۇ  ئايالمىدۇ ؟ بىر ئەسكەرتىۋەتكەن بولسىڭىز ياخشى بولاركەنتۇق .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
908 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 19:50:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئامان ئەپەندىم سىز ئاياللار ھەققىدە ناھايتىمۇ ياخشى تىمىلارنى يوللايدىكەنسىز  سىزنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى تونىشىڭىز ناھايتىمۇ چوڭقۇردەك ھىس قىلدىم.ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.....


باھا سۆز

ئامان سىزگىمۇ رەخمەت.  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 19:56:49

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
908 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 20:44:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتىمۇ ياخشى يېزىلغان شىئېر ئىكەن .ئامان ئەپەندىم سىز ئاياللار ھەققىدە ناھايتى ياخشى تىمىلارنى يوللايدىكەنسىز . سىزنىڭ تىمىللىرىڭىزغا تولىمۇ قىزىقىپ قالدىم. سىزگە كۆپ شەككۈر...





Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
180 سەر
تىللا
19 دانە
تۆھپە
96 سەر
شۆھرەت
143 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 23:29:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر خانىملارنىڭ تۇرمىشنى ئەينەن تەسۋىرلەپتۇ  .قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن .

Rank: 4

قىزغىنلىق
258 سەر
تىللا
16 دانە
تۆھپە
210 سەر
شۆھرەت
247 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 01:00:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىملارنىڭ جاپسى ھەقىقەتەن كۆپ،ئۇلارنى ئاسرايلى ،ئۇلارغا كۆيۇنەيلى.
تامچە يىغىلسا كۆل تولۇر،دانچە يىغىلسا باداڭ تولۇر.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2735 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1670 سەر
شۆھرەت
1811 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 06:45:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز ئامان ئەپەندى . بۇ شېئىردىكى ھەر بىر مىسرانى ئوقۇغىنىمدا ئۆزەمنىڭ ھايات مۇساپامدىكى ھەر بىر مىنۇتلار كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمغا كېلىشكە باشلىدى .  ئاياللارنى بولۇپمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلار تۇرمۇشىنى ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن ياخشى شېئىركەن. ئاپتورنىڭ قولىغا اللا دەرت بەرمىسۇن. ئاياللارنىمۇ چۇشىنىدىغان  مۇنداق يازغۇچىلارنىڭ بولشى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۇردى .بۇ يازغۇچى ئايالمۇ ياكى ئەرمۇ ؟
ئاخىردا سىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بىر شېئىرنى ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 08:36:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسى ھەقىقەتەن كۆپ، ئۇلار ئائىلىدە كۆيۇمچان ئايال، مەكتەپتە تەلەپچان ئۇستاز بولمىسا بولمايدۇ.ھازىرقى مائارىپ خىزمەت تۇزۇلمىسىنى دىمىسەممۇ بىلىسىلەرغۇ، شۇڭا ھەممىمىز ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا كۆيۇنەيلى، ئەگەر خىزمەتداش بولۇپ قالساق، خىزمەتتىكى ئالدىراش ئىشلىرىغا ئاز-تولا ياردەم قىلايلى.
ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك يار بولغاي،
ياخشى تىمىكەن، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
695 سەر
تىللا
77 دانە
تۆھپە
433 سەر
شۆھرەت
510 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 16:45:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئىرلار ئايال ئۇقۇتقۇچلارنىڭ جاپاسنى ئەينەن ئىپادىلەپ بېرىپتۇ ،بۇ شىئىرنى ئۇقۇغۇچە گەرچە مەن تېخى تۇرمۇشلۇق بولمىغان بولساممۇ ،لىكىن بۇنۇڭدىنى كىينكى تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانمنى كۆرستىپ بەرگەندەك بولدى ،ئۇقۇتقۇچى بولغان ئادەم بەزدە ئۆزمۇ تۇيماي باشقىلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بېغشلايدىكەن ،مەن بارا بارا ھىس قىلىپ يىتۋاتمەن ،سىزگە كۆپ رەخمەت  ئۇستاز ....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 11:23, Processed in 0.184386 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش