ئەخلەت يىمەكلىكلەر قايسىلار؟

1.ياغدا پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەر ياغدا پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەر قان تومۇر كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلار بار. ۋىتامىننى بۇزۇپ،ئاقسىلنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
 2.تۇزلانغان يىمەكلىكلەر تۇزلانغان يىمەكلىكلەر يۇقىرى قان بېسىمنى،بۇرۇن راكىنى پەيدا قىلىدۇ،بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.شىلىمشىق پەردە سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ (ئاشقازان،ئۈچەيگە زىيانلىق).ئاسان يارا ۋە ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ.

3.پىششىقلانغان گۆش يىمەكلىكلىرى (كولباسا قاتارلىقلار) ئامېرىكىدا ئېچىلغان راكقا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا دەلىللىنىشىچە،كولباسا ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش يىمەكلىكلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن.بۇ خىل يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ئۈچ چوڭ ماددىنىڭ بىرى _ نىترىتوئىد (چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رەڭنى روشەنلەشتۈرۈش رولىغا ئىگە) ۋە چىرىتمەس دورا (جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرېۋىتىدۇ) لار بار ئىكەن.
 4.پېچىنە تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر بۇ خىل يىمەكلىكلەر ۋىتامىننى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدۇ. ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى،ئوزۇقلۇق تەركىبى تۆۋەن.

5.گازلىق سۇ،كولا تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر تەركىبىدە فوسفورىك كىسلاتا ۋە كاربونىك كىسلاتا بولۇپ،ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قەنت مىقدارى يۇقىرى. بۇ خىل ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن،قورساقنى كۆپتۈرۈپ،ئىشتىھاغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

6.تەييار يىمەكلىكلەر (تەييار چۆپ ۋە كۆپتۈرۈلگەن يىمەكلىكلەر) بۇ خىل يىمەكلىكلەردە تۇزنىڭ مىقدارى يۇقىرى بۇلۇپ، تەركىبىدە چىرىتمەس دورا، مۇئەتتەر(جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ) بار. ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق.
 7. كونسېرۋا تىپىدىكى يىمەكلىكلەر (گۆش،بېلىق ۋە مېۋە كونسېرۋاسى) ۋىتامىننى بۇزىدۇ،ئاقسىلنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن.

8.بالقاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ئۈچ چوڭ ماددىنىڭ بىرى-نىترىتوئىد ، چىرىمەس دورا ۋە مۇئەتتەر بار، تۇزنىڭ مىقدارى يۇقىرى.

9.ماروژنى تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر تەركىبىدە بەدەننى سەمىرىتىدىغان ئاقماي بار،قەنت مىقدارى يۇقىرى،نورمال غىزالىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-28 16:00
|