- تىزىملاتقان
- 2012-6-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-14
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 3306
- نادىر
- 7
- تېما
- 158
- يازما
- 264
  
- يوقلىما
- 38
قىزغىنلىق- 761 سەر
تىللا- 346 دانە
تۆھپە- 479 سەر
شۆھرەت- 660 سەر
  
| كۆزۈڭنى ئېچىپ كەينىڭگە قارساڭ ئۆتمۈشۈڭ گويا بىر سىقىم كۈل كەبى ھېچنىمە چىقمايدىغان تولىمۇ يىراقلارغا ئۇزاپ كەتكەن ؛ سەن بەلكىم دەقىقە ئىچىدە ئەسلەپ ئۆتۈشكە جەريان تاپالمايسەن . ھايات مۇساپىسى مانا شۇنداق ، ئويلىساڭ ناھايىتى ئۇزۇن ، ئەمما ئۆتمۈشكە قايتىشىڭنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگىنىڭدە ئۇ تولىمۇ قىسقا بىر خىيال بولۇپ ۋۇجۇدۇڭنى ئۆرتەيدۇ ، كۈنلەر ئۆتمەكتە ، ئايلار ئۆتمەكتە ، يىللارمۇ گۈكىرىگەن پېتى ئات چېپىپ كەلمەكتە ، ۋاقىت بېشىڭنى كۈمۈش رەڭگە ئورىغاندا ئۆزۈڭنىڭ پانىي ئالەمدە ئىزسىزلا ياشاپ كەلگىنىڭگە ئىشىنىسەن . كۈنسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئۆلۈم مۇئەككىلىنىڭ شەپىسى سېنى چۆچۈتىدۇ ، ئويلاندۇرىدۇ ، غەمگە –مۇڭغا چۆمدۈرىدۇ . ھەر كېچە ئۇخلاپ ئويغىنىپ ئۆزۈڭنىڭ تېخى باقىغا سەپەر قىلمىغىنىغا ئىشەنىچ قىلىسەن . تۇرمۇش ، ھايات ھەلەكچىلىكىدە ئىجتىمائىيەتنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن قايناملىرىغا چۈشۈپ ، ئادەملەر بىلەن ، تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىسەن مۇناسىۋەت قىلىسەن . ئەمما مەڭگۈلۈك ھەقىقەت-ئۆلۈم سېنىڭ يالغۇز قالغىنىڭدا خىيال ئالىمىڭنى خالىغانچە كېزىپ ، ساڭا چىدىغۇسىز ۋەھىمە بەخش ئېتىدۇ ، ياخشى –يامان ئەمەللىرىڭ ھەققىدە تەپەككۇرغا چۆكىسەن ، ئويلايسەنۇ ئاخىرىنى چۈشۈرەلمەيسەن ، خۇلاسەڭنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى كەمتۈك پېتى قالىدۇ . تېنىڭ ئاجىزلاپ بۇرۇنقى ماغدۇرۇڭ ، كۈچ-قۇۋۋىتىڭ ، چىدامچانلىقىنىڭ سەن بارغانسېرى خوشلاشقاندا قېرىشقا باشلىغانلىقىڭغا تەن بېرىسەن ،تۈنۈگۈن بالا ئىدىڭ ، بۈگۈن يىگىت بولدۇڭ ، ئەتە يەنە تېخى ئاتا بولىسەن ، ھاياتلىق يولى ئۈزۈلمەيدۇ . بىر چاغلاردا سەن قۇچىقىڭغا ئېلىپ بېقىپ بەرگەن تۇغقانلىرىڭ ، قوشنىلارنىڭ بالىلىرى بۈگۈن قارىساڭ ساقال باسقان ئەزىمەتلەرگە ئايلانغان ~ بىر خىل كەيپىيات مېڭەڭنى ئوغرىلاپ ساڭا ھاياتنى يەكۈنلىگىدەك پۇرسەت بەرمەيدۇ . ۋاقىت كەينىڭدىن ئىتتىرىپ كەسىپكە ، مۇناسىۋەتكە ھەيدەپ سېنىڭ ھەركىتىڭگە ئۆزلۈكسىز قوماندانلىق قىلىدۇ . مال-دۇنيا كۆپەيگەنسېرى ئۇنىڭغا بولغان ھېرىسلىقىڭ دېڭىز سۈيىدەك ئۇلغىيىدۇ ، يولدىمۇ شۇ خىيال ، ئۆيدە ، يوتقاندا –ھەتتا تېخى ئىبادەتلىرىڭدىمۇ تۈگىمەس پايدا-زىيان سان-سىفېرلار ئارىسىدا قالىسەن . كېتىۋېتىپ ئازىسەن ، بەزى كەينىڭگە يانىسەن ، ئىنساننىڭ كۆرمىشلىرى ئۇنىڭغا شۇنداق بىر پۇرسەتنى ئاتا قىلغانكى ، ئىنسان ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلى ، مەنپەئەتكە زىيادە بېرىلگەنلىكى سەۋەبلىك يۈكسەكلىككە ئىنتىلگەن پاكىزە قەلبلىرنىڭ سادالىرىنى ئۇنتۇيدۇ .بىر دەملىك ھەۋەس ياكى بىر دەملىك تەشۋىش بىلەن ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىدۇ ، بىلىپ تۇرۇپمۇ قىلىدۇ ، بىلمەي تۇرۇپمۇ ھەم ~تەۋبە قىلىسەن كەينىدىن شۇنداق پاتقاقلارغا ئۆزۈڭنى ئاتىسەن . ئادەم ئاتا جەننەتتىن زېمىنغا قايتۇرۇلغاندىن تارتىپلا ئادەملەر ئازغۇنلۇقتىن ئۆزىنى تارتالماي ياخشى بىلەن –يامان ھامان گىرەلىشىپ كەلدى ، دۇنيا قارمۇ-قارشىلىقنىڭ تەرەققىيات بىرلىكىدە چېلىشىپ كەلدى . لېكىن بىر لا نەرسىدە پەقەتلا ئۆزگىرىش بولسىمۇ –مەڭگۈلۈك ھەقىقەت ئۆلۈم . ئۆلۈمنى ئەسلەش ئاقىل ، ھوشيار ئادەملەرنىڭ خىسلىتى ، ئۆلۈمنى ئۇنتۇش –غاپىل ، ئاسىي بەندىلەرنىڭ ئىپادىسى .
مەنبە-كەچتىكى ئېگىز-پەس خىياللىرىم .
كەۋسەر يازمىسى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى |
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 15 تىللا + 14 تۆھپە + 15 شۆھرەت + 15 باھا خاتىرىسى
|