گۈزەل ئەسلىمە: ئامانجان خاتىرسىگە (3) ساۋاقداشلىق- ياشلىقتىكى مەكتەپ ھاياتىنىڭ باھار دەۋرى، ئالتۇن دەۋرى. ساۋاقداشلار گويا باھارنىڭ گۈل چېچەكلىرى قوياش نۇرىغا، شىپالىق يامغۇر سۈيىگە تەشنا بولغاندەك ، يىللار ئۇزارغانسېرى ساۋاقداشلىق مېھرى- مۇھەببەتكە تەشنا بۇلىدۇ. چۈنكى ساۋاقداشلىق مېھرى ھاياتنىڭ،ئۆگىنىش،ئالغا ئىنتىلىش، غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ تەلىپى. 25يىللىق ساۋاقداشلىق مىھرى ئادەمنى ئۆم -ئىناقلىققا، مىھرىبانلىققا، ھالاللىققا باشلايدۇ، ئادەمگە كۈچ، ئەقىل- ئىدىراك، پەم- پاراسەت ئاتا قىلىدۇ، ئادەمنى غېرىپلىق، يالغۇزلۇق، بىئىلاجلىقتىن خالى قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئامانجان ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى گۈزەل ئەسلىمە مەكتەپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ ، كەسىپكە بېرىلىپ، جەميەتكە تۆھپە قوشۇۋاتقان 25 يىلدىن بۇيان، ساۋاقداشلىرىنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىدىن نېرى قىلماي ئەسلىشىپ، مانا بۈگۈنكىدەك خوشال- خورام جەم بولالىدى. بۇ قىسمىنى 56كومغا يوللاپ مۇۋاپىقەيەتلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئامانجان ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ مۇنبەردىن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويىشى ئۈچۈن بىۋاستە مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم.
چۈشۈرۈش:
点击进入下载-samat aman.mpg
点击进入下载-amanjan sawakdaxliri2.mpg بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-5 14:56
|