- تىزىملاتقان
- 2012-5-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 10340
- نادىر
- 3
- تېما
- 133
- يازما
- 943
  
- يوقلىما
- 126
قىزغىنلىق- 2734 سەر
تىللا- 435 دانە
تۆھپە- 1669 سەر
شۆھرەت- 1810 سەر
         
| يۇپۇرماق ئىزدەش ( ھېكمەت ) 
بىر پىشقەدەم راھىپ ئىككى شاگىرتى ئىچىدىن بىرىنى ئۆزىگە ۋارىسلىق قىلىپ تاللىماقچى بوپتۇ . بىر كۈنى پىشقەدەم راھىپ شاگىرتلىرىغا : - سىلەر سىرتقا چىقىپ بىر تالدىن چىرايلىق يۇپۇرماق تېپىپ كېلىڭلار ، - دەپتۇ . ئىككى شاگىرت يولغا چىقىپتۇ . ئۇزاق ئۆتمەي چوڭ شاگىرتى قايتىپ كېلىپ ، ئۇستازىغا ئانچە چىرايلىق بولمىغان بىر تال يۇپۇرماقنى سۇنۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا : - بۇ يۇپۇرماق ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ ، ئەمما بۇ مەن كۆرگەن يۇپۇرماقلار ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئىكەن ، - دەپتۇ . ئىككىنچى شاگىرت شۇنچە ئۇزۇن ئىزدەپمۇ ئۆزىگە يارىغۇدەك يوپۇرماق تاپالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ ۋە ئۇستازىغا : - مەن نۇرغۇن يۇپۇرماقلارنى ئۇچراتتىم ، بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ ئەڭ چىرايلىقىنى تاپالمىدىم ، - دەپتۇ . نەتىجىدە پىشقەدەم راھىپ چوڭ شاگىرتىنى ۋارىسلىققا تەيىنلەپتۇ .
ھېكمەت : پۇتۇن ئەس - يادى بىلەن گۈزەللىك قوغلىشىش ئاخىرىدا ئادەمنى ھەممىدىن قۇرۇق قويىدۇ . كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن تىراگېدىيەلەر بەزى كىشىلەرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق گۈزەللىك قوغلىشىپ ، ئاددى تۇرمۇشقا سەل قارىغانلىقتىن چىققان . ئەمىليەتتە ئاددىي تۇرمۇش ئىچىگە نۇرغۇن ئۇلۇغلۇق ۋە مۆجىزىلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ . ھالقىلىق مەسىلە دەل سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىزدا .
 |
|