ئىمكانسىز خىيال
كەۋسەر
قەلبىمدە قىيغىتار گۈزەل بىر ئارمان ، ئۇ تىنماي چاپىدۇ ئازاب ئىچىدە . تاپالماي قالىمەن دەردىمگە دەرمان ، تېخىچە ئويغاقمەن تەنھا كېچىدە .
مەن گويا ھۇقۇشتەك ئەنسىز بىر خىيال ، تەشۋىشنىڭ ئەسىرى يارالغان شۇنداق . روھىمدا تىپتىنىچ كېزەر باياۋان ، نىگاھىم ئالدىدا ھەممە قۇپقۇرۇق .
لاۋۇلداپ كۆيمەكتە ئەسلىمە بېتى ، ئىلگىرى ھېچقانداق ياشاپ باقمىغان . قەبرىگە كۆمۈلگەن ئۈمىدىم –غايەم ، مەن تىنىق كۆل سۈيى ئەركىن ئاقمىغان .
توزىغان گۈل بەرگى ، توزىغان ھايات ، مۇڭ باسقان چېھرىمدىن تامىدۇ ھەسرەت . يالغۇزلۇق قۇرت كەبى غاجاپ تېنىمنى ، ئىمكانسىز سۆيگۈگە قىستايدۇ پەقەت. |