پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 1

سېنى سېغىندىم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 17:39:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كەۋسەر

قىينار مېنى چەكسىز تەنھالىق ،
بۆلەپ ئازاب-دەرتلىك قۇچاققا .
شوخ ناخشىلار ئەمدى خۇشياقماس ،
تۈندە –كۈندە پەقەت قۇلاققا .

تېلفۇنۇمدىن سايراپ ئاۋازىڭ ،
ۋۇجۇدۇمنى سالار لەرزىگە .
قەلبىم تەكتى بىر مۇڭلۇق نىدا ،
ئۇچۇپ كەتتى كۆكنىڭ قەرىگە .

ئۇزۇن بولدى ھىجران پەيتىدە ،
ئۆتتى تۈنلەر ، جۇدالىق دەملەر .
ئۈنچە-مارجان ئاقار كۆزۈمدىن ،
ماڭماس ئەسلا ئالغا قەدەملەر .

قەلبىم تۆرى سۇلتانىدىڭ سەن ،
ئەمدى بولدى بۇ جاي قۇپقۇرۇق .
ۋىسالىڭنى كۈتتۈم زارىقىپ ،
قاچان دىلىم قىلىسەن يورۇق ؟

بىر ساڭىلا ئېيتىمەن ئەركەم ،
سۆيگۈدىكى شېرىن سۆزۈمنى .
شوخ كۈيلەردە بىر بولساق ئەگەر ،
بىلدىم تەۋە ساڭا ئۆزۈمنى .

ئۇچسا شامال بېشىڭ ئۈستىدىن ،
قوشۇپ قويغىن يۈرىكىڭنىمۇ .
بىللە كەلسۇن تىنىقىڭ –ھىدىڭ ،
بىرگە بەرگىن تىلىكىڭنىمۇ .

بۈگۈن كېچە قاراڭغۇ ئاخشام ،
سېغىنىشنىڭ ئىلكىدە پەقەت .
ساڭا يازدىم بىر تاتلىق سالام ،
ۋۇجۇدۇمدا بىر قۇياش ھەسرەت .

سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ يار ،
شەيداسىدەك بۇلبۇلى گۈلنىڭ .
سەنسىز كۈنلەر تەمى يوق ئارمان ،
نە زۇۋانى چىقماس بۇ تىلنىڭ ...

غېرىب ئۆيۈم تىمتاس ۋە تەنھا ،
خاتىرەمدە سېنىڭ سۈرىتىڭ .
ھىجرانىڭدا ئۇزىسا ۋاقىت ،
ئاشار شۇنچە –شۇنچە قىممىتىڭ .

بارغۇم كېلەر شۇ تاپ قېشىڭغا ،
گويا بۈركۈت بولۇپ بۇ ئاخشام .
مۇڭلۇق كېچە ئەۋەتتىم ساڭا ،
تولۇق ئاڭلا بۇ مېنىڭ ناخشام ...

مەنبە-كېچىدىكى ئىلھام .

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2734 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1669 سەر
شۆھرەت
1810 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 18:53:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز . ماۋزۇسىنى ‹سېغىنىش ›دەپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغىدەك . ‹كەۋسەر › ئىسمىڭىزمۇ ياكى شېئىرىڭىزنىڭ  ماۋزۇسىمۇ ؟  رەھمەت سىزنىڭ كۈيلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەس كۈيلەر بولۇپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:18, Processed in 0.156168 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش