پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 60|ئىنكاس: 1

ئايمنىسا سۇلايمان شېئىرلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 17:34:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئايمنىسا سۇلايمان شېئىرلىرى
شېئىر بولۇپ يېزىلغان سەن كىم؟  

شېئىر بولۇپ يېزىلغان سەن كىم؟  
ئۆركەش ياساپ تۇيغۇلىرىمدا،  
خىيال بولۇپ توزۇغان سەن كىم؟  
چۈشۈمدىكى رىئاللىقىمدا.  

يۈرىكىمگە ئورنىغان قات-قات،  
ئەڭ ئاداققى ئوتلۇق سېغىنىش.  
ئۇنتۇپ كىتەي دىسەممۇ ئەمما…  
ئۇنتۇشمۇ ھەم ئازاپلىق بىر ئىش.  

كەتسەم دەيمەن قۇشقا ئايلىنىپ،  
مەۋجۇداتسىز يۇچۇن ماكانغا.  
ئاندىن دەستە-دەستە گۈل تىزىپ،  
باھار بولۇپ كەلسەم ئالدىڭغا.  

تىۋىشسىزلا ئىشىك چەككەن كىم؟  
ئازاپمۇ سەن ۋە ياكى شېئىر…  
يانۋاردىكى غېرىب يۈرەككە،  
ھەرىپلىرىڭ ئۇيۇلغان بىر-بىر.  




22ياش  




بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،  
يىگىرمەئىككىنچى يېشىم.  
سوغوققىنە تەبەسسۇم بىلەن،  
يۈرۈگۈمگە ياغماقتا سىم-سىم.  

سېغىنىمەن كىمدۇر بىرسىنى،  
گۇگۇمدىكى سۈگەتزارلىقتا.  
ھۆكۈم سۈرەر غېرىب تەنھالىق،  
قەلبىمدىكى تىمتاسلىق ئارا.  

يىگىرمە ئىككىنچى ياش،  
كۈتىۋالدىڭ مەن كۈتمەستە.  
سۈزۈككىنە ھەسرەتلىرىم بار،  
خىيالىمنىڭ خىلۋەتلىرىدە.  

بۈگۈن منىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،  
ئۇنتۇپ قالدى ئاناممۇ بەلكىم.  
سۈكۈتلەردە ياشايمەن جىمجىت،  
رىئاللىقنىڭ گىرۋەكلىرىدە،  
دولقۇنلايدۇ گاھى بىتىنىم.  




لەپىلدەپ ياغماقتا لەپىلدەپ ئاق قار  


لەپىلدەپ ياغماقتا لەپىلدەپ ئاق قار،  
قەلبىمدە پەرىشان ياش تۈكەر ئاسمان.  
كۈمۈش رەڭ سۈبھىدە مىسكىن بىر ياشاش،  
بىمەنە خىياللار شاماللار سەرسان.  

ئاقباش چۈشلىرىمنى ئاقتۇرۇپ رەت-رەت،  
مەڭگۈلۈك ئازاپقا بولىمەن ئەسىر.  
يوللاردا مىچىلداپ ئاقىدۇ شەھۋەت،  
بىرىلەر گاھ ئاڭا چىرايلىق تەبىر.  

لەپىلدەپ ياغماقتا لەپىلدەپ ئاق قار،  
ھاياتقا ئامالسىز سىڭدىم چوڭقۇرلاپ.  
كۈتكىنىم ئاخىرقى گۈزەل يۇقىتىش،  
يۈرىمەن ئېھتىمال ئۆزۈمنى ئالداپ.

مەنبە:ئاپتورنىڭ توپلىمى ۋە تۇرپان ژورنىلى

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1676 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 20:30:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى شىئىركەن.بولسا ئاپتۇر ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 11:24, Processed in 0.133823 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش