پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 48|ئىنكاس: 2

يوپيورۇق كارىۋاتتىكى چۈش[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 17:31:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يوپيورۇق كارىۋاتتىكى چۈش
ئادىل تۇنىياز
جىمجىتلىققا ئايلىناي دېسەم ،
قەلبىم توشۇپ كېتەر ئاۋازغا .

غازاڭلاردەك پىلدىرلاپ چۈشۈپ ،
يەنە بىر چۈش قوندى كارىۋاتقا .

قانىتىنى كېرىپ بېلىقلار
بىر-بىرىنى قوغلىغان پېتى
ئۇچۇپ كەتتى تىنىق سەھراغا .

دوپپىسىغا پادىچى بالا
تۇخۇم يىغار قومۇشلۇق ئارا .
تۇمان گۈلى ئېچىلىپ قالغان
تېرەكلەرنىڭ چىڭ چوققىسىدا .

قەلىمىمنىڭ ئۇچىدىن
بىر پەرىزات چۈشۈپ قەغەزگە
قەغەز بولۇپ قالدى بىر پەستە .

قەيەردىندۇر كەلگەن بىر خىيال
ماڭا قاراپ ھىجىيىپ تۇرار .
يىغلاپ قالدىم توساتتىن ئۈنسىز
كۈلمەك بولسام كېرەك ئېھتىمال .

يالىڭاچ نۇر كېلەر مەن سايان
ئېھ ، شۇ قەدەر غېرىب بۇ جاھان .
مەن ئۆزۈمنىڭ تەنھالىقىدىن
مۆكۈنگىدەك دالدا تاپالماي
يېلىنىمەن ساڭا ئەي ئايال .

يىراق قۇش قانىتىدەك
يوىتىسى بار ئاياللار ...

ئۇچۇپ يۈرەر كېپىنەكتەك چۈش
تاتلىق چۈشنىڭ مەسىتخۇشلىقىدا
مامۇق تەنلەر قوندى كارىۋاتقا .

1991-يىل 4-ئاي
« بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى » دىن ئېلىندى .

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2734 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1669 سەر
شۆھرەت
1810 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 19:03:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى يېزىلغىلى  21 يىل بولۇپتۇ، بەلكىم ئاپتورمۇ چۈشتىن ئويغىنىپ بولغاندۇ .
  كەۋسەر ئەپەندى سىزمۇ كەۋسەرلىرىڭىزنى ئىدىشقا قاچىلاپ قويماي،  باشقىلارغا سوۋغا قىلىڭ تەڭ ھۆزۇرلىنايلى .
رەھمەت .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 19:24:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدە «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيتى »دىگەن كىتاپ بارمۇ؟  مەن كىتاپخانىلاردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم.مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان شىئىرلار ئىدى، ئەگەر سىز تاپالىسىڭىز ماڭا خەۋەر بىرىۋەتكەن بولسىڭىز،
ياخشى تىما يوللاپسىز، ھارماڭ بۇرادەر
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 09:50, Processed in 0.134151 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش