پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 7

ئىككى شېئىر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 2

يوقلىما
31
قىزغىنلىق
57 سەر
تىللا
23 دانە
تۆھپە
20 سەر
شۆھرەت
29 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 13:05:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                    ئەر ئەمەس

ئۆز بەختىگە، ئۆيىگە كۆيمىگەنلەر ئەر ئەمەس،
يارى تۇرۇپ يارىنى سۆيمىگەنلەر ئەر ئەمەس،
ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماستىن ھاپ ئېتىپ،
رەزىللىكنىڭ ئۆيىدە تۈنىگەنلەر ئەر ئەمەس.
ۋاي دەپ قۇيۇپ ئالدىدا، غەيۋەت قىلىپ دالدىدا،
جان دوستىنى ئورىغا سۆرىگەنلەر ئەر ئەمەس.
پىتنە-ئېغۋا تارقىتىپ، قان-قەۋمىنى قاقشىتىپ،
ئۇرىقىنى جىدەلنىڭ تېرىغانلار ئەر ئەمەس.


چۆلنى بوستان ئەيلىمەي، ئىش-ئەمگەكنى كۆيلىمەي،
لالما ئىتتەك نىشانسىز لەيلىگەنلەر ئەر ئەمەس.
نەشە بىلەن دوست تارتىپ، ھاراق ئىچىپ مەس قايتىپ،
ئەيىپىنى بىر ئۆمۈر كۆرمىگەنلەر ئەر ئەمەس.
ياخشىلىقنىڭ گۈلىگە پەرۋىش قىلماي بىر قېتىم،،
يامانلىقنىڭ ئوتىنى پۈۋلىگەنلەر ئەر ئەمەس.
ئەجىر قىلماي بىر ئىشقا، تۇلا قاقشاپ ھاياتتىن،
ئۆز بەختىنى بىراۋدىن تىلىگەنلەر ئەر ئەمەس،



مەرىپەتكە يول ئالماي، كەڭ جاھانغا كۆز سالماي،
غەپلەت باسقان روھىنى يۆگىگەنلەر ئەر ئەمەس.
بىر-بىرىنى كولىشىپ، يوق ئىشقىمۇ توۋلىشىپ،
ئىناقلىقنىڭ نۇرىغا چۆممىگەنلەر ئەر ئەمەس.
قۇچسا زەپەر ياخشىلار چاۋاك چالماي كۆڭلىدىن،
ئەل بەخىتىگە ھەسەت قىپ كۈلمىگەنلەر ئەر ئەمەس،
سوقۇشتۇرۇپ خورازنى، پۈكۈپ دىلغا غەرەزنى،
توپىلاڭدىن توقاچنى كۆزلىگەنلەر ئەر ئەمەس.
دۇشمەن كەلسە ئېلىگە، قېلىچ ئېسىپ بىلىگە،
ۋەتەن ئۈچۈن قان كېچىپ ئۆلمىگەنلەر ئەر ئەمەس

                          ئەر بارمۇ

ئەر بارمۇ ئەجىر قىلىپ، تەر تۆكۈپ ئۇرۇق سالسا دېھقانلار،
قۇرۇق قۇيۇپ ئەجىرنى ئۇزۇق بەرمەس يەر بارمۇ؟؟؟
جاپاكەش شۇ دېھقاندەك ئەجىر تۆكۈپ تەر تۆكۈپ،
ئادالەت دەپ قەدەملەر ئالىدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

بۈگۈن كۈندە ھەممىسى قاقشايدىكەن قىزلاردىن،
ئەمەس قىزلار ئۇلارچە، ئەخلاقلىق ھەم ئۇزلاردىن.
ئىزدەپ باقماس ئۆزلىرى يۈتۈپ كەتكەن ئىزلاردىن،
چىراي ئەمەس قەلبىنى سۆيىدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

بۇزۇلدى دەپ قىزلارنى تىللايدىكەن كەينىدىن،
ھاراق ئىچىپ چېكىشتە يېنىشمايدۇ پەيلىدىن،
تۈن كېچىدە دالدىدا كېلىشمەيدۇ « سەيلىدىن»
لېكىن مەيدە ئۇرۇپ ھەم توسايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

شاراپ سۇندى قىزلارغا غەيۋەت قىلغان يىگىتلەر،
مەس قىلىشتى، كۆڭلىگە پۈكۈپ رەزىل نىيەتلەر.
شاراپ ئىچمەس قىزلارغا مۇش كۆتۈردى «ئەزمەتلەر»
قېنى، ئاجىز قىزلارنى قوغدايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

كەلتۈرگىچە قىزلارنى ئاپپاق دەيدۇ، ئۇز دەيدۇ،
بەزى شەرتكە كۆنمىسە« ئۆمۈرلۈكقۇ بىز » دەيدۇ.
ئېرىشىدۇ كۈتكەنگە« نېرى تۇرغىن بەز» دەيدۇ،
مەسۇليەتنى ئادا قىپ ياشايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟

ياغلىق ئارتقان قىزلارنى «موماي» دېدى بەزىسى،
يوپكا كەيسە ھەم شۇندا «مەتو» بولدى بەلگىىسى ،
ئوچۇق يەرلەر كۆپەيسە خۇشال بولدى بەزىسى ،
«بىر ماڭىلا تەئەللۇق، ياپقىن» دېگەن ئەر بارمۇ؟؟؟


يېقىلسا گەر يوللاردا مەنپەت ئۈچۈن يۆلەيدۇ،
«بىخەتەر» دەپ قىزلارنى ياتاقلارغا زورلايدۇ،
تېيشسا گەر بىچچارە« بىكارغا ئىش بامۇ»دەيدۇ،
مېھىر ئۈچۈن قىزلارنى يۆلەيدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟


بىلىپ- بىلمەي تالاي قىز پېتىپ قالدى پاتقاققا،
دېيەلمىگەچ دەردىنى ئەتراپىدىكى تۇنۇش «ياتقا»،
ئىلاج يوقتۇر ئاقىۋەت « بۇزۇق » نامنى ئالماسقا،
كۆكرەك كېرىپ پاتقاقتىن تارتىدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟


مەنبە :  نۇر تورى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 13:32:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تېمىكەن يارايسىز، تېمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 14:18:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىركەن. ئاپتۇرنىڭ نامىنى ئىنىق يازغايسىز.
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
947 سەر
تىللا
672 دانە
تۆھپە
711 سەر
شۆھرەت
819 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 14:57:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىلىسى چوقۇر مەنىلىك ئادەمنى ئويغا سالىدىغان شېئىرلاركەن. ھەرقانداق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى بۇلىدۇ. بۇنداق باشقىلارنىڭ ئەجرى مىۋىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالساق بولماس چۇقۇم ئاپتۇرنىڭ نامىنى ئىنىق ئەسكەرتىڭ قېرىندىشىم.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2735 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1670 سەر
شۆھرەت
1811 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 16:27:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى شېئىركەن. رەھمەت
‹ ئەر ئەمەس › دىگەن شېئىرغا مەنمۇ ئىككى مىسرا قوشۇپ قوياي .
نەپ بېرىشنى ئويلىماي ، نەپ ئېلىپلا يۈرگەنلەر ،
ئەل غېمىدا كۆيۈشنى بىلمىگەنلەر ئەر ئەمەس .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 16:48:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر ئەردەك ،ئاياللار ئايالدەك بولغىنى ياخشى...
ئە رلىرىمىزدە غورور،ۋىجدان  ،قىز -ئاياللىرىمىز دا ۋاپا بولغىنى ياخشى...
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 19:34:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شېئر ئېكەن !مەزمۇنىمۇ شۇنداق چوڭقۇر !لېكىن ئامال بار باشقا مۇنبەرنىڭ تېملىرىنى مۇنبىرىمىزگە كۆچۈرمىسەك ~!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 19:34:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شېئر ئېكەن !مەزمۇنىمۇ شۇنداق چوڭقۇر !لېكىن ئامال بار باشقا مۇنبەرنىڭ تېملىرىنى مۇنبىرىمىزگە كۆچۈرمىسەك ~!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 11:13, Processed in 0.153636 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش