پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 3

سىرلىق كۆل سايرام كۈلى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
198
قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 01:53:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                   سىرلىق كۆل سايرام كۈلى


سايرام كۆلى تىيانشاننىڭ غەربى شىمالىغا ، بورتالا شەھىرىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. كۆلىنىڭ شىمالي قىرغىقى بىر ئاز تىك، قالغان ئۈچ تەرىپىنىڭ يانتۇلۇق بىر قەدەر تەكشى. ئەتراپتىكى 26 تاغ بۇلىقى ۋە پەسل خاراكتىرلىك 20 نەچچە كۆل ئېقىنى كۆلگە قۇيۇلىدۇ. « شىنجاڭ يىلنامىسى» ( 1985– يىلى) بايان قىلىنىشىچە، سايرام كۆلىنىڭ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 2072 مېتىر ئېگىز ( بەزى ماتېرىياللاردا 2070 مېتىر، يەنە بەزىلىرىدە 2073 مېتىر دېيىلگەن)، كۆلنىڭ سۇ يۈزى كۆلىمى 458 كۋادرات كىلومېتىر، يەنە بەزىلىرىدە 457 كۋادرات كىلومېتىر دېيىلگەن) ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 90.5 مېتىر. كۆلنىڭ شەكلى تۇخۇمغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 29.5 كىلومېتىر ( بەزى ماتېرىياللاردا 20 كىلومېتىر دېيىلگەن) ، جەنۈبتىن شىمالغا كەڭلىكى 23.4 كىلومېتىر ( بەزى ماتېرىياللاردا 30 كىلومېتىر دېيىلگەن) ، ئومومى ئايلانمىسى 86.5 كىلومېتىر كېلىدۇ ( يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، كۆلنى ئات بىلەن ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كەلسە، ئىككى كۈن ۋاقىت كېتىدۇ). كۆلنىڭ ئېگىز تاغلىققا جايلاشقان مەشھۇر بۇغدا كۆلىدىنمۇ ئېگىز. بۇ كۆل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ يۇقىرى كۆل ھېسابلىنىدۇ.
سايرام كۆلى خەنزۇچە « سەنتەي خەيزى» ( سەنتەي كۆلى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ نام چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ قويۇلغان بولۇپ، تەلكە ئاغزىدىن داخىيەنزىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى بەش قەدىمكى ئۆتەڭنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان سەنتەيگە يېقىن جايلاشقانلىقىغا قاراپ بېرىلگەن. سەنتەي ئۆتىڭى سايرام كۆلىنىڭ جەنۇبى قىرغىقىغا جايلاشقان. سايرام كۆلى موڭغۇلچە « سەرىمنۇر» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ، « تاغ قىرىدىكى كۆل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. سايرام كۆلىنى قىرغىزلار « سۈت كۆل » دەپ ئاتايدۇ. ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئەسىرى « غەربكە ساياھەت» تە بۇ كۆل تەڭرى كۆلى دەپ ئاتالغان.
سايرام كۆلىنىڭ بويى قەدىمدىن تارتىپ كارۋانلارنىڭ تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى يىپەك يولىدىن ئىلى ۋادىسىغا كىرىپ – چىقىشىدا، شەرقتە چاڭئەن، لوياڭلارغا، غەربتە پېرسىيە، رۇملارغا بېرىشىدا بېسىپ ئۆتىدىغان يولى بولۇپ كەلگەن. نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى بۇ يەردىن ئۆتكەن ئەدىبلەر ، سەركەردىلەر، ساياھەتچىلەر سايرام كۆلى ھەققىدە نۇرغۇن خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. چيۇچۇجى 1221– يىلى يازغان « چاڭچۈن جېنرېننىڭ غەربكە ساياھىتى» دېگەن ئەسىرىدە سايرام كۆلىنى ئالاھىدە تەرىپلىگەن؛ چىڭ سۇلالىسىدا ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكەن خۇڭ لىياڭجى سايرام كۆلىنى « سۈزۈك دېڭىز » دەپ مەدھىيلىگەن. مۇشۇ ئەسرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىر تەۋپىق ( مەمتىلى ئەپەندى توختاجى، 1901– 1936) 1920– يىلى دادىسى بىلەن بىللە تىرىكچىلىك مەقسىتىدە بورتالا، غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارغىنىدا ، « سايرام كۆلى» ناملىق شېئىرىنى يازغان :
سايرام كۆلى ئۆزۈڭ كىچىك، دەردىڭ تولا،
داۋالغۇيسەن، ساھىللاردىن تاشالمايسەن.
ئەتراپىڭنى قورشىۋالغان ئېگىز تاغلار،
ئۇمتۇلىسەن، داۋانلاردىن ئاشالمايسەن……
ئىلىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق ناخشىچى ، سازەندە، داڭلىق قوشاقچى ئېلاخۇن تىلىۋالدى (ئېلاخۇن كۆككۆز) (1866– 1970) بەدنام بىلەن قارىلىنىپ ، 1929– يىلى قەپەزگە سولىنىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىلغاندا، سايرام كۆلى ھەققىدە قوشاق توقۇغان. بۇ قوشاقلار خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، ئاھاڭغا سېلىنىپ، خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتتى.
خەلق ئارىسىدا سايرام كۆلىنىڭ پەيدا بولۇش ھەققىدە مۇنداق ئىككى رىۋايەت بار : 1– رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى بۇ يەر كۆل ئەمەس، ئۆت – چۆپى ، سۈيى مول، گۈل – چىچەككە پۈركەنگەن گۈزەل ئوتلاق ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىكارغا چىققان يالماۋۇز بۇ ئوتلاقتا قوي بېقىۋاتقان گۈزەل قويچى قىز چىمەننى كۆرۈپ قېلىپ، نىيىتى بۇزۇلۇپ، نۆكەرلىرىگە قىزنى تۇتۇپ ئورىدىغا ئاپىرىشقا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. قىز يالماۋۇزغا ئىتائەت قىلماي، قاراۋۇلنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ ، ئاتقا مىنىپ ئوردىدىن قېچىپ كېتىپتۇ. يالماۋۇزنىڭ ياساۋۇلى قىزنىڭ ئارقسىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ كېلىپتۇ، ياساۋۇل قىزغا يېتىشۋالاي دېگەندە ، قىز تېگى يوق بىر جىرانى كۆرۈپ قاپتۇ– دە، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان قىزنىڭ يىگىتى – يىلقىچى باتۇر سىدىق دەرھال يېتىپ كېلىپ، ياساۋۇلنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، قىزنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ جىراغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. جىرانىڭ ئىچىدىكى سۇ شۇ زاماتلا غەزەپ بىلەن مەۋج ئۇرۇپ ، ئاسمان – پەلەك دولقۇن چىقىرىپ، يالماۋۇزنى ئوردىسى بىلەن قوشۇپلا يۇتۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتبارەن بىپايان ئوتلاق ھازىرقىدەك كۆز يەتكۈسىز چوڭ كۆلگە ئايلىنىپتۇ. ھەسرەت – ئەلەم بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن چىمەن بىلەن سىدىق دولقۇنلاپ تۇرغان كۆل ئىچىدە بىر– بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ئىككى كىچىك ئارالغا ئايلىنىپتۇ. بۇ ئىككى كىچىك ئارال كۆل ئىچىدە ھېلھەم بىللە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. 2– رىۋايەتتە ، سايرام كۆلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين شەرققە يۈرۈش قىلىپ، مۇشۇ ئەتراپقا كەلگەندە، يەرلىك ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن قاتتىق ئېلىشقانلىقى ، ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ قېنىدىن كۆل ھاسىل بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ماكىدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر ماكىدونسكىي ( ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ) نىڭ ئوتتۇرا ئاسياغا يۈرۈش قىلغان ۋاقتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 334 – يىلىغا توغرا كېلىدۇ. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرۇشقانلىقى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ « تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ : « زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىغا يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى 4000 ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالىدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ.» ( بىرىنچى توم 151– بەت.) زۇلقەرنەيىن قوشۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى ئېنىق. ئەمما بۇ ئۇرۇشنىڭ سايرام كۆلى ئەتراپىدا بولغان – بولمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىسپات يوق. ئەمدى كۆلنىڭ ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ قېنىدىن ھاسىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشقا كەلسەك، بۇ رىۋايەتتىن ئىبارەت.
سايرام كۆلى تاغنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىدىن ھاسىل بولغان. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 70 مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارىدا يەر– جاھاننى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىدىغان زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ھىمالايا تېغى ئىنتايىن كۈچلۈك يەر پوستى ھەرىكىتى ئارقىلىق دېڭىز ئاستىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان. گېئولوگىيە ئىلمىدە « ھىمالايا تاغ ھاسىل قىلىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان بۇ جەرياندا، تىيانشان رايونىنىڭ پوستىدىمۇ كەسكىن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، بەزى جايلار كۆتۈرۈلۈپ چىققان، بەزى جايلار ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. سايرام كۆلى ئەنە شۇ مەزگىلدە ئېگىز تاغنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى بىلەن كۆلگە ئايلانغان.
سايرام كۆلىنىڭ سۈيى خەلق ئارىسىدا « يا تاشمايدۇ، ئاقمايدۇ» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەنىدى. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا سۇنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقى بايقالدى. بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئون يىل ئىلگىرى كۆلنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىر كېلىدىغان كىچىككىنە يېرىم ئارال ، ئارالدا ئىبادەتخانا، ئىبادەتخانىغا بارىدىغان تاشيول بارئىدى. كۆل سۈيى كۆپەيگەنلىكتىن ، تاش يول چۆكۈپ كېتىپ، يېرىم ئارال كۆل ئوتتۇرىسىدىكى پۈتۈن ئارالغا ئايلىنىپ قالدى.

مەنبە-ئەنۋەرسوفت تورى

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
947 سەر
تىللا
672 دانە
تۆھپە
711 سەر
شۆھرەت
819 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 15:14:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىم سايرام كۆلىگە ساياھەتكە بارماقچى بولغان ئىدۇق. ئەسۇس بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. ئەمما بۇ تېمىنى كۆرۈپ سايرام كۆلىگە بارغاندەكلا ھەممە ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم. بولسا رەسىمدىن بىرنى قىستۇرۋەتكەن بولسا تېخىمۇ ئوبرازلىق چىقاركەن.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 08:50:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايرام كۆلى ھەققىدە تەپسلىي مەلۇماتقا ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. ئۇ تەرەپلەرگە ئۆتۇشكە پۇرسەت چىقماي تۇرىدىغۇ تاڭ،
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 4

قىزغىنلىق
258 سەر
تىللا
16 دانە
تۆھپە
210 سەر
شۆھرەت
247 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 19:03:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۆل ئاجايىپ كۆل جۇما،مىنىڭ كۆلگە نىسپەتەن قىزقىشىم يەنىمۇ ئاشتى،توۋا بۇدۇنيادا مۇشۇنداق كۆلدىن نەچچىسى باردۇر،ھىكايە رىۋايەتلىرىمۇ ئادەمنى شۇنداق جەلىپ قىلىدۇ دىسە.رەھمەت سىزگە.
تامچە يىغىلسا كۆل تولۇر،دانچە يىغىلسا باداڭ تولۇر.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 08:06, Processed in 0.144805 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش