- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17856
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1058 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| ئۈنتۇلماس كۈنلەر ( بايان خارەكتىرلىك ماقالە )
ئاپتۇرى : نۇرمۇھەممەت جۈمە
زەپەر
ھېلىمۇ ئىسىمدە؛مەن تۇيۇقسىزلا كىسەل بۇلۇپ مىنى 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 20 كۈنى ۋىلايەتلىك خەلىق دۇختۇرخانىسىدا ئوپپىراسسسىيە قىلىپ ياتقان ۋاختىمدا ، ھاۋا تۇتۇلۇپ توختىماي يامغۇر ياققان ۋە شامال چىققان ئاشۇ پەسىلنى بالىنىستا يېتىپ ئۆتكۈزدۈم . ئۇۋاقىتتا ئايالىم ۋە ئاتا- ئانام گاڭگىراپ تۇرۇپ . مىنى ئاخىرى ئوپپىراسسىيە قىلدۇرۇشقا تەس قۇشۇلدى.بۇ گەرچە ئەڭ چوڭ ئوپپىراسسىيە بولمىسىمۇ ئەمما مەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئۇنتۇلغۇسىز ئازاپلىق بىر ئىش بولدى. ئوپپىراسسىيە ۋاختىدا تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىنتايىن قىيىن بولغان بىرخىل ئاغىرىقتىن،تاشقىرى پەقەت سىرىتتا شاقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇر ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. مىنىڭ يۈرۈگۈم خۇددى ياش تۈكۈلىۋاتقاندەك بۇلۇپ مەن بالىنىسقا ئېلىپ كىلىنگىنىمنى ھەر ۋاقىت سىزىپ تۇردۇم .مىنى ئوپىراسسىيە ئۈيىگە ئەكىرىپ كارۋاتقا ياتقۇزۇشى بىلەن مەن ئوپپىراسسىيە ئۈيىدىكى كارۋات ئۈستىدە قاراپ 2مىنۇتتىن 3 مىنۇتقىچە قالاپ ياتتىم ئاق خاللاتلىق دختۇر ،سىستىرالار يېنىمدا نىمىلەرنى دىيىشكەنلىگىنى بىلىپ تۇراتتىم .شۇ ئەسنادا بىراقلا ئىختىيارسىز ئۇيقۇغا چۈمۈپ كىتىپتىمەن. ئەتتىگەن سائەت 7:30 دە ئوپپىراسسىيە ئۈيىگە ئەكىرىپ كىتىپ چۈشتە سائەت 12:00 ئوپپىراسسىيەدىن ئۇڭۇشلۇق ھالدا چىقىپتىمەن . ئۇيغۇنۇپ قارىسام ئاتا- ئانام ،ئايالىم يېنىمدا ئولتۇرۇپ باش كۈتۈرىمەي يېغلاۋاتقان ئىكەن . مەن مىدىرلاپ قارىماقچى بولدىم- يۇ شۇھامان قۇلۇمغا ئاسما ئۇكۇل ۋە بۇرنىمغا ياڭچى ھەم يۈرۈكۈمگە يۈرەكنىڭ سۇقۇشىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئەسۋاپنىڭ سېلىنغانلىقىنى سىزىپ جىم ياتتىم .تۇيۇقسىزلا مەن بېشىمنىڭ قاتتىق ئاغىرۋاتقانلىقىنى سەزدىم .بۇنداق ئاغىرىقىنى مەن ھازىرغىچە تۇلۇق ھىس قىلىپ باقمىغان. مەن بوش ئاۋازدا ئىڭىردىم . ئانام مىنىڭ ئويغانغانلىقىمنى سىزىپ ، بېشىمنى سىلاپ كۈزۈمدىن تاراملاپ چۈشكەن ياشلىرىمنى ئېتتى، ئۇغلۇم قوزغالماي جىم يېتىڭ ؟ بەرداشلىق بىرىڭ دىدى.مەن يېنىڭىزدا بار قورۇقماي ھە دىدى ئانام . مەن ھېچنىمە دىمىدىم ،كۆڭنەم ئىختىيارسىزھالدا دەرىزە سىرتىغا يۆتكەلدى .سىرىت خۇددى بىرقەۋەت قار پەردە تارتىپ قويغاندەكلا قاراڭغۇ كۈرنەتتى. يېغىۋاتقان يامغۇر ۋە شامال ئاۋازى تېخىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى . يامغۇر تامچىللىرنىڭ دەرېزىگە ئۇرالغان ئاۋازى مىنى تېخىمۇ قاتتىق بىي ئارام قىلاتتى .مەن سائەتكە قارىسام ئالىقاچان كەچ سائەت ئۈچ بولغان ئىدى .ئاتا- ئانامنى ئۇخلاشقا دەۋەت قىلدىم .ئەمما ئۇلار ئۇكۇل چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇخلاي دەپ تۇرىۋالدى. يامغۇر بارغانسىرى قاتتىق ياغماقتا . شامال تەسىردە دەرىزە خۇددى ئەينەكلەرنى چېلىلا چېقىۋاتقاندەكلا تاراسلاپ ئۇرۇلماقتا ئىدى. مەن تۇلىمۇ بىيئارام بولماقتىمەن .ئوپپىراسسسىيە تەسىرىدىن بولسا كىرەك . مەن توختىماستىن قان ياندۇراتتىم ،ئانام تىنىم تاپماستىن ئەتىراپىمدا قاتتىق پايپۈتەك بۈلۈپ قانلىرىمنى سۈرتەتتى. بىر نەچچە كۈن مۇشۇ تەرەققىدە ئۆتتى .ئوپپىراسسىيەئۆرنى بۇرۇنقىدەك قاتتىق ئاغىرمايدىغان بولدى. مەن كۈزۈمنى ئېچىپ ئانامغا- دادامغا تىكىلىپ قارىدىم . كۆزلىرىم ئۇنىڭ غەم ئەندىشە نۇرلىرى بىلەن تولغان ، قىزىرىپ قان رەڭگىگە تولغان بىر جۇپ كۈزى بىلەن ئۇچىراشتى. مەن ئۈندىمەستىنلا جىمجىت بۇلۇپ قالدىم . دۇختۇر ماڭا ئوپپىراسسىيەدىن كىيىن چۇقۇم يەرگە چۈشمەسلىك كىرەكلىكىنى بولمىسا ئوپپىراسسىيە بۇرنۇمدىكى ئوپپىراسسىيە قىلغان يەرگە تەسىر يىتىدىغانلىقىنى تاپىلىدى. ئاناممۇ ھەر كۈنى مىنى كارىۋاتتىن چۈشمەسلىكىمنى تاپىلاپلا تۇردى. بەلكى كارۋاىتتا ئۇزۇن يېتىپ كەتكەنلىكىمدىن بولسا كىرەك .ئورنىمدىن تۇرغىنىمدا بېشىم قاتتىق قېيىپ ئۈزۈمنى پەقەتلا باشقۇرالمىدىم . ئوپپىراسسىيە قىلغان جايمۇ خۇددى قايتىدىن كىسىۋاتقاندەك ئاغىرىپ كەتتى . ئانام ۋە ئايالىم مىنى يۈلەپ تۇرغۇزدى . ۋە ئاۋايلىغان ھالدا كارىۋاتتىن چۈشۈرۈپ ئاستا- ئاستا كارىۋاتتىن پەسكە چۈشۈردى. مەن كۈزۈمنىڭ قۇيرىقىدا ئانامغا- ئايالىمغا قاتتىق سەپ سالدىم مانە ئىنىقلا كۆردۈم .ئانامنىڭ چەككەن چاشلىرى خۇددى كۈمۈشتەك ئاقارغان بۇلۇپ ،يۈزلىرىدىكى قورۇقلارمۇ كۈپىيىپ قالغاندەكلا كۈرنەتتى . كۆزلىرى خۇددى شاقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇر ياش تامچىللىرى بىلەن تولغان ئىدى. مەن ھازىر قايسى ۋاقىت ئىكەنلىگىنى ئىسىمگە زادىلا ئالالمىدىم . يامغۇر توختىدى .مەن ئانامغا تاينىپ ياتماقتىمەن . مەن قانداقتۇر بىر ئىللىق ئېقىمنىڭ پۈتكۈل ھۇجۇدىمغا تارىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . بۇ ئىللىق تۇيغۇ بولسا مىنى تېخىمۇ تىزرەك ئالغا بېسىشقا ئۈندەتتى .شۇ چاغدا مەن ھەممىنى تۇلۇق چۈشەندىم .ياش تامچىللىرى كۆزلىرىمنى خىرەلەشتۈردى. خۇددى ئانامنىڭ ماڭا مېڭىشىنى ئۈگۈتىۋاتقاندەك بىر تەسىرلىك مەنزىرە ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئىھ !ھېلىقى ئۇنتۇلغۇسىز ئاشۇ بالىنىستا ياتقان يامغۇرلۇق كۈنلەر .................
مەنبەسى : ئۆز يازمام زەپەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-25 02:34
|
|