پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 116|ئىنكاس: 3

ئىككى ساتىرا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
304
قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 17:37:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىككى ساتىرا


مەمتىمىن تۇرسۇن



ئۆي بىزەپ



مەن ئۆزەمنى شاھ ياراتتىم ئۆي بېزەپ،
بەك ئۇزاق كۈچنى خۇراتتىم ئۆي بېزەپ،
تىلغىغاچ دىلنى ھەشەمەت خەنجىرى،
ئاھ ئەجەب بىر دەردنى تارتتىم ئۆي بېزەپ.

بىر كۈنى قوشنام ئۆيىگە چىللىدى،
ئۆي بېزەپتۇ ئاھ، يۈرەكنى تىلغىدى.
دۈم يېتىپ خوتۇن ھەسەتتىن يىغلىدى،
قايتىدىن نىكاھنى چاتتىم ئۆي بېزەپ.

قۇلىقىمغا كىرمەي ئاتامنىڭ كاھىشى،
ئۆي بېزەش دېدىم ئۆزۈمنىڭ خاھىشى.
رام قىلىپ ياتنىڭ ئۆيۈمنى مارىلىشى،
بىر تالاي قەرزگە پاتتىم ئۆي بېزەپ.

ئۆي بېزەپمۇ چىقمىدى ھېچ ھاردۇقۇم،
ئۆيگە لايىق بولمىغاچقا جابدۇقۇم،
بانكىغا چاپقۇزدى قايتا ساندۇقۇم،
بەك يامان پاتقاققا پاتتىم ئۆي بېزەپ.

ئۇچىرغانغا قىپ سالام مەن ئىگىلىپ،
خۇددى «ئالتۇن چىشلىق ئىت» تەك ھىجىيىپ،
ئۆي چېيىمنى پۈتكۈزۈپلا گىدىيىپ،
ئەسلى-ۋەسلىمنى يوقاتتىم ئۆي بېزەپ.

ئۆي بېزەلدى، تامنى ئاسراپ تۇتمىدۇق،
گاھى چاينى كەلسە-كەلمەس يۇتمىدۇق.
پۇلنى ئاسراپ ئاستا ماڭدۇق ئۇخلىدۇق،
مەن گويا زىنداندا ياتتىم ئۆي بېزەپ.

دوستلىرىم سىز ئۆيلىرىمنى كۆرسىڭىز،
غەيۋىتىمدە شاھ قەسىر دەپ يۈرسىڭىز،
شۇندىلا ئاچچىق يۇتۈپ تېز ئۆلسىڭىز،
مەن پۇخادىن پاھ چىقاتتىم ئۆي بېزەپ

.



ئۆي چېيى



ئاھ، ئادەمنى ئەجەپمۇ زېرىكتۈردىڭ ئۆي چېيى،
شوخلۇقۇمنى ئۆلتۈرۈپ تېرىكتۈردىڭ ئۆي چېيى،
خەق ئۆي ئالسا قەرز قىپ مەن تارتامدىم دەردىنى،
شۇ قەرزگە مېنىمۇ چېتىشتۇردۇڭ ئۆ چېيى.

بارچە ئىنسان ئالەمدىن ئۆي-ماكانسىز ئۆتكەندەك،
سەن ئالەمدە تۇنجى بوپ ئۆينى ئىجاد ئەتكەندەك،
ھەم ئۆزۈڭچە زېمىندىن مارس تامان كۆچكەندەك.
ھەشەمەتكە ئات سېلىپ چېپىشتۇردۇڭ ئۆي چېيى.

بوۋام دەيتتى ئۆي كۆچسەڭ كەم قىلمىغىن نەزىرنى،
داۋام ئېتىپ كەلگەنتى داداممۇ شۇ پەرزنى،
ئەمدى ساڭا كەلگەندە دەستەك قىلىپ قەرزنى،
ئاشۇ ئېسىل ئادەتنى پېلىشتۇردۇڭ ئۆي چېيى.

كەم نەرسەڭنى بىراۋغا سېلىق سېلىپ تاپتۇرۇپ،
ئۇيالمىدىڭ نومۇستىن ئىككى قۇلۇڭ ساق تۇرۇپ.
ئۆتۈپ قالغان بەش پۇلۇڭ باردەك بىزنى ئاختۇرۇپ،
ئاجىز جاننى ئەجەبمۇ قېيىشتۇردۇڭ ئۆي چېيى.

قاتار چايدا سۇندۇرۇپ قازان-قومۇچ، چىنەمنى،
توي چيىڭدا ئېپ كەتتىڭ ئۆيۈمدىكى گىلەمنى،
ئۆي چېيى دەپ ساتقۇزۇپ ئەمدى سافا، شىرەمنى،
قېلىنلىق قىپ ئۆيۈڭنى قېقىشتۇردۇڭ ئۆي چېيى.

ھەقلىق دېسەڭ گۈل تۇتۇش تۆت ئېغىز ئۆي سالغانغا،
نېمە دەيمىز ئۆمرىدە ئاتمىش خامان ئالغانغا،
يۇلۇققاندا ئۆلمەمدۇق شەھەر ئالغان پالۋانغا،
شۇ پالۋانغا ئۆزۈڭنى سېلىشتۇردۇڭ ئۆي چېيى.



مەنبە: «كېرىيە ژورنىلى»1-سان
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 18:41:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئېسىل ساتىرالارنى يوللاپسىز ئادمىن ئەپەندى.
دىمىسىمۇ بىزدە بىھۇدە ئىسراپچىلىق، قۇرۇق ھەشەمەتخورلۇق قاتارلىق مىللى ئەنئەنىلىرىمىزگە زىت كېلىدىغان يېڭى ئۆسمىلەر كۆپىيىپ كەتتى، بۇ ھالەتلەر كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسى بىلەن ئىستىمال سەۋىيەسى ئوتتۇرىسىدا غايەت زور تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىپ، نورمال تۇرمۇش تەرتىۋىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە. بۇنداق مەسىلىلەرنى پاش قىلىش ۋە تەنقىت قىلىش كېرەك.
رەخمەت سىزگە، ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 19:41:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل تەربىيەۋىي ئەھمىيتى يۇقىرى ساتتىرا يوللاپسىز  رەخمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 21:44:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا سىزمۇ شئېرىيەتكە قەدەم باستىڭىزمۇقانداق !سىز دىگەن ھەممىگە قادىر ئادەم جۇمۇ !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:23, Processed in 0.143941 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش