پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 108|ئىنكاس: 7

ساتىرا- شەنبىدە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
304
قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 17:33:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەنبىدە



(ساتىرا)



ئابدۇرېشات مۇساجان توغرۇل




قاچانلاردا دەم ئېلىش بولغاي نېسىپ شەنبىدە؟
مەرىكىگە كۆپ چېپىپ كەتتىم ھېرىپ شەنبىدە.

ئىدى ئەسلىي دەم ئېلىش، بولدى ئەمدى غەم سېلىش،
تۆكمە بولۇپ مەرىكە كەتتى سېسىپ شەنبىدە.

«شېكەر شەنبە» ئىدى ئۇ، «زەھەر شەنبە» بولدىغۇ،
يانچۇق كولاپ غەم بىلەن يۈردۈم كېزىپ شەنبىدە.

ئۈچ كۈن بۇرۇن تۇشمۇ تۇش باغاق ياغار يامغۇردەك،
كۆپلۈكىدىن باغاقنىڭ كەتتى ئېزىپ شەنبىدە.

سالام قىلىپ ئۆتكەننىڭ جازاسىمۇ بىلمىدىم،
ئانام-ئاتام كۆرمىگەن باغاق يېزىپ شەنبىدە.

پاتماي قالسا شەنبىگە يەكشەنبە بار توۋىسى،
نۆۋەت بىلەن بەسلىشىپ قاتار تىزىپ شەنبىدە.

نەۋرە-چەۋرە تويلىرى، بۆشۈك توي، قۇلاق تەشمە...
قۇرۇدى يانچۇق مانا قويماي بېرىپ شەنبىدە.

بوۋاي-موماي تويلىرى، خەتمە توي ھەم غۇنچە توي،
تۇغۇلغان كۈن، ئۆلگەن كۈن... قالدۇق چېنىپ شەنبىدە.

ئۆي سالسىمۇ مۇبارەك، ئۆي ئالسىمۇ مۇبارەك،
ئۆيدىن ئۆيگە كۆچسىمۇ تەبرىك قىلىپ شەنبىدە.

ئۆگزە ئالسا بىنادىن مۇبارەككە قاتارى،
ئېلىپ سېتىپ تاپاۋەت كەتتى قىزىپ شەنبىدە.

بازار تېپىپ باغاق زاۋۇت قۇردى باسارغا،
بىزگە دەپ يۈز ئارقىلىق قىممە سېتىپ شەنبىدە.

كۆپەيگەچكە مەرىكە ئېشىپ باردى سوۋغىتى،
مائاش قانچە؟ پۇل قانچە؟ غەمگە پېتىپ شەنبىدە.

مەرىكىمۇ، تىجارەت، ئادەتمۇ يا تاپاۋەت،
بۇ قىلىقلار چېكىدىن كەتتى ئېشىپ شەنبىدە.

مۇبارەكلەش ئۆز ئارا بولغان تۈزۈك ئەمەسمۇ؟
نە ئىش خەقنى غۇدۇرىتىش، نىزا تېرىپ شەنبىدە.

ئازدۇق، ئەمدى ئازمايلى، باغاقنى كۆپ يازمايلى،
ئەخلاق بىلەن يۈرەككە قولنى سېلىپ شەنبىدە.

خىزمەت يۈكى، ئۆي يۈكى، يىتەر كۈلپەت، بولدى بەس،
راھەتلىنىپ ياشايلى ئارام ئېلىپ شەنبىدە.



مەنبە: «كېرىيە ژورنىلى»1-سان
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 18:38:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلغان شېئىركەن بۇ  تەشەككۇر شائىرىمىزغا تەشەككۇر!!!
شەنبىنىمۇ يوللاپسىز ، ئارقىچىلا يەھشەنبىنىمۇ يوللىۋېتىڭە ، ياقتۇردۇم يوللىغان شېئىرىڭىزنى رەھمەت !!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 18:49:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز، ئادمىن ئەپەندى. ئارقى-ئارقا يوللىغان ساتىرالىرىڭىز ئەجەپ ئېسىل-ھە!
ئابدۇرېشات ئەپەندىم قالتىس شائىردە. ئۇ ‹‹ باشلىق كېلىدۇ›› قاتارلىق بىر يۇرۇش نادىر شېئىرلىرى بىلەن داڭ چىقارغان ئىدى، بۇ شېئىرنىمۇ قالتىس يېزىپ قويۇپتۇ.
سىز يوللىمىغان بولسىڭىز تېخىچە كۆرمەي يۈرىيدىكەنمەن. رەخمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 19:43:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ئادىمىن ئەپەندى. بۇ يوللىغان ساتتىرانى ئۇقۇغانسىرى ئۇقۇغىسى كىلىدىكەن  . بولسا ياخشى تىمىلاردىن بىزنىمۇ بىرگە خەۋەردار قىلىپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1681 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 00:00:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن.
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
168 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
103 سەر
شۆھرەت
112 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 15:15:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ رىئاللىق ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن شئىر ئىكەن.رەھمەت .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
947 سەر
تىللا
672 دانە
تۆھپە
711 سەر
شۆھرەت
819 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 15:39:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىكى رىئال ئەھۋاللارنى بەكلا ئۇچۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ. دېمىسىمۇ شەنبە، يەكشەنبە ئادەمگەرچىلىكنىڭ دەستىدىن ئارام ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. نىمانچە كۆپ ئادەمگەرچىلىك بۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 18:17:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تىمىكەن، تۇرمىشىمىزدىكى رىئاللىق جانلىق سۈرەتلىنىپتۇ.  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:19, Processed in 0.159289 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش