- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| شۇ گۈزەللىك (مەن بۇشىئېرنى ئەل كۈيى مۇنبىرنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا مەن ياقتۇرۇپ يوللاپ قويدۇم . ئەل كۈيىدىمۇ مەنبەسى ئىنىق ئەسكەرتىلىمىگەن ئىكەن ) ئۇزۇن-ئۆرۇم چاچلارنى كەستۇرگەن شۇ گۈزەللىك، كالتا-كۆسەي كىيىمنى كەيدۈرگەن شۇ گۈزەللىك، غەرپچىنى مودا دەپ سۆيدۈرگەن شۇ گۈزەللىك، ئەنئەنىنى چالمىدەك چۆرىگەن شۇ گۈزەللىك، قەلىمىمنى تەۋرەشكە ئۈندىگەن شۇ گۈزەللىك.
ئۇپا-ئەڭلىك سۇرۇققا تولدى سومكا،خالتىسى، ئاتىمش بەتبۇي تارايدۇ،تۇرۇپ قالسا ئالتىسى، ياپالمىدى پاچىقىنى يوپكا-ئىشتان كالتىسى، شۇڭا شەھۋەت كۆرىنەر ئۆزى ھەتتا سايىسى، شەرمى-ھايا،نۇمۇسنى ئۆلتۈرگەن شۇ گۈزەللىك.
يەڭسىز مايكا تارلقىدىن بەدەنگە يىم چاپلاشتى، ماراپ تۇرغان كىندىكىگە،ئۇچۇق يوتا ماسلاشتى، ئېچىپ قويۇپ كۆكسىنى ئۆزگىلەرگە داملاشتى، دۇمبىسمۇ ئېچىلىپ ئەنئەنىدىن ياتلاشتى، ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلەكنى يۈتتۈرگەن شۇ گۈزەللىك.
مودا بولغاچ كىينىش،‹‹ئىىسل كىيىم››كىيىلدى، قاش-قاپاققا،لەۋلەرگە بوياق قىنىق سۈرۈلدى، كىيم-كېچەك،گىرىمگە مەبلەغ كۆپلەپ سىلنىدى، ئاي ئون بەش بولماي يانچۇق پۇلدىن قىسىلدى، ھەشەمەتكە قىزلارنى كۆندۈرگەن شۇ گۈزەللىك.
گۈزەللىك دەپ ئالدى جاي دىسكوخانا،قاۋاقتىن، مەس بۇلۇشىنى بىلسىمۇ،يىراق تۇرماس ھاراقتىن، يىغلاپ تۇرۇپ ئەتىسى چىقار شۇ نەس ياتاقتىن، قۇتۇلالماس بىر ئۆمۈر بۇزۇق دىگەن ئاتاقتىن، ئۆزىدىكى گۆھەرنى يۈتتۈرگەن شۇ گۈزەللىك.
راستنى يازدىم بەك ئوچۇق مودا قىزلار تىللارمۇ؟! ياكى راست دەپ ئوڭ قولدا يۈرەكنى سىىلارمۇ؟! ھاياسىزچە يۈرگەنىگە پۇشايماندا يىغلارمۇ؟! ئەقلىى بولسا تۆۋە قىپ‹‹ئەسىلى››گىمۇ قايتارمۇ؟! قەلمىمنى يالڭاچ تەۋرەتكەن شۇ گۈزەللىك!
|
|