پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 3

نادىر فىلىم:«بوستانلىقتىكى تەنتەنە»توغرىسىدا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 14:54:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر فىلىم:«بوستانلىقتىكى تەنتەنە»توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى شاڭخەي خەييەن كىنو سىتودىيىسى بىلەن شىنجاڭ كىنو سىتودىيىسى بىرلىشىپ، 1959-يىلى ئىشلىگەن.)
سىنارىست-ۋاڭيۈخۇ، يۈسۈپ خوجايۇف قاتارلىقلار
رىژىسۇر-جاۋ مىڭ، چىڭگاڭ.
ئاساسلىق روللاردا:
بارات جۇرىن- سىراجىدىن ئىسرايىل.ھاشىم- توختى موللاتاجى
ئايىمخان-ئايشەم كېرىم. ئايشەمخان-رەنا مەخسۇت.
توختى-مەمەت ئىبرايىمجان.نۇردىن-توختى ئېزىز
لى شۇجى- چىڭ يىنمىڭ. ئىمىن ياخاڭ-يولۋاسخان ئىمىن.
زورىخان-پاتەم راھىدىن. نىساخان جۇرىن-زۇنۇنقىز قاتارلىقلار
فىلىم ھەققىدە ئومومى چۈشەنچە:
«بوستانلىقتىكى تەنتەنە» فىلىمى-شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇنجى رەڭلىك ھىكايە فىلىم.بۇ سىنارىست-ۋاڭ يۈخۇنىڭ «قەسەن-جەمىلە» ۋە باياۋاندىكى كۆرەش» ناملىق سىنارىيىسىدىن كىيىن بىر قانچە سىنارىستلار بىرلىشىپ، 1950-يىللاردىكى يىزا تۇرمۇشى خىزمىتى
توغرىسىدا يازغان كوللىكتىپ ئىجادىيىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بۇ فىلىمدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1957-يىلدىكى يىزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان «ئىككى يول» كۆرىشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ فىلىم يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا سوۋغا قىلىنغان فىلىم بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئېنىق تەسۋىرلىنىپ، فىلىمنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. بۇ فىلىمدە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ، داۋامىدىكى ئىككى يول ئولتۇرسىدىكى كەسكىن كۆرەش ئاساس قىلىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپ مۇدىرى-بارات جۇرىن بىلەن ھاللىق ئوتتۇرا دىھقان توختى قاتارلىقلارنىڭ زىددىيىتى قانات يايدۇرۇلغان. بارات جۇرىن پارتىيىنىڭ تەلىم-تەربىيىسى ۋە سىنىپىپى كۆرەش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن كادىر. ئۇ پۈتۈن نىيتى بىلەن سوتسىيالىزىم يولىدا ماڭغان خەلقلەرنىڭ رەھبىرى. توختى بولسا، كاپىتالىزىمنى تىرىلدۈرگۈچى كۈچلەرنىڭ سادىق ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن نىيتى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىۋىغا قارشى تۇرىدىغان كاپىتالىزىم يولىغا ئىنتىلگەن كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق زىددىيىتى ئاشلىق مەسىلىسى بولۇپ، ئەينى چاغدا توختى يۇقىرى باھادا ئاشلىق سېتىۋىلىپ، قانۇنسىز ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارغان. بارات جۇرىن بۇنى بىلگەندىن كىيىن دەرھال توسىدۇ.
بۇ فىلىمدە ئىپادىلەنگەن ئاساسىي تىما-شىنجاڭ خەلقىنىڭ سوتسىيالىزىم يولىغا مېڭىش ئىرادىسى ۋە قىزغىنلىقىنى ھەر قانداق ئەكسىيەتچى كۈچ توسىيالمايدۇ، بىر ئادەمنىڭ بەختى پەقەت ئىنقىلاۋىي كۆرەش ئارقىلىق قولغا كىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت ئوي-پىكىرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
بۇ فىلىمدىكى ئايال باش قەھرىمان-ئايىمخاننىڭ ئوبرازىنىڭ يارىتىلىشى ئۇنىڭ خورلۇققا ئۇچرىشى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى، كوپىراتىپنى قوغدىشى قاتارلىق بىر قانچە مەيدان ھەركەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۆزگىرىشچان تارىخي موھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى تەسۋىرلەشتىن كۆرىۋالغىنى بولىدۇ. ئاپتۇر ئۇنى ئۆتكۈر زىددىيەت ئىچىگە،شەخسىلەر مۇناسىۋىتىدىكى شەخسىلەر ئىچىگە قويۇپ، ئوبراز ياراتقان.ئايىمخان  1-قىتىم  مەيدانغا چىققان ۋاقىتتا جىمغۇرلۇق، كەم سۆزلۈك، گۈزەل رۇخسارلىق لاتاپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، تاماشىبىنلارنى ئۇنىڭ تەقدىرىگە بولغان دىققەت ئىتىبارىنى قوزغايدۇ. ئۇ ئىلگىرى بارات جۇرىن بىلەن بىللە گۈلزارلىقتا مۈكۈشمەك ئوينىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. لىكىن ئۇلار ۋىسالىغا يېتەلمەيدۇ. ئايىمخان ئېرى-نۇردۇن ۋە قېيىن ئاتىسى-توختى قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىللىرىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئىككى تەرەپ ئېدىيە  جەھەتتىن ئوخشاش ئەمەس. بىراق ئۇ تەقدىرگە باش ئەگمەي، كوپىراتىپنىڭ ئەمگىگىگە قاتنىشىپ، ياخشى ئىشلەپ، ئاياللار ئەتىرتىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. ئۇ كوپىراتىپنى، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ. بارات جۇرىن بىلەن ئۇچرۇشۇش ئەھۋالى ئۇنىڭ كوپىراتىپنى سۆيۈش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتىدۇ. لىكىن نۇردىن ئۇنىڭغا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. زورىخان ئېرىنى خاتا چۈشىنىدۇ. مەريەمخاننىڭ پىتنى-پاسات تارقىتىشى ئايىمخان بىلەن بارات جۇرىننى قېيىن موھىتقا تاشلاپ قويىدۇ. نۇردىننىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئايىمخان قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلغان كۆرنۈشتە نۇردىنىڭ كوپىراتىپقا بولغان ئۆچمەنلىكى، ئايىمخاننىڭ كوپىراتىپقا بولغان ساداقىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. نۇردىن بىلەن ئايىمخان تەدرىجى قارشىلىشىپ، ئاخىرى ئاجىرىشىپ كېتىدۇ. بارات جۇرىن زورىخاننى تېپىپ، ئۇنىڭ خاتا چۈشەنچىسىنى ئوڭشايدۇ ھەم ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، پىرسۇناژلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىدا بىر داۋالغۇش پەيدا بولغان. ئايىمخان كۈچلۈك زىددىيەت ئىچىدىكى كىشلىك مۇناسىۋەت داۋامىدا ئۇنىڭ خاراكتىرىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلەر ناھايىتى ئىنچىكە، تەپسىلى،جانلىق  تەسۋىرلەنگەن.بىز بۇ پىرسۇناژلارنىڭ تەسۋىرىدىن ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقىي ۋە ئالىجاناپ پەزىلىتىنى كۆرىۋالالايمىز. باش قەھرىمان بارات جۇرىننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىگى-ئۇنىڭ كوپىراتىپ ئىشلىرىغا،خەلق ئىشلىرىغا ئۆزىنى بىغىشلاش روھىنى يىتىلدۈرگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. زورىخاننىڭ خاتا چۈشىنىشى،ئايىمخاننىڭ ھىسسىياتى، قىزىنىڭ مەيۈس كۆڭلى قاتارلىقلار بارات جۇرىننىڭ كوپىراتىپقا بولغان مۇھەببىتىنى، ئۆزىنى بېغىشلاش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. كوپىراتىپتا،ئۆيدە بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئۇمۇ ئازاپلىنىدۇ، ھەتتا يىغلايدۇ.
ئۇ ئاخىرى رايۇنلۇق پارتىكوم شۇجىسىنىڭ ئالدىدا قايتىدىن جەڭگىۋار ئىرادىگە كىلىدۇ.بەلكى، تېخىمۇ يۈكسەك دەرجىدىكى غەيرەت-شىجائەت بىلەن ئورنىدىن دەست تۇرىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياخشى ئوغلى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى-«بوستانلىقتىكى تەنتەنە»دە بەزىبىر خەنزۇ ئارتىستلاردىن باشقا ھەممىسى يەرلىك ئۇيغۇر ئارتىستلار. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى تۇنجى قىتىم ئىكرانغا چىققان. شۇنداقتىمۇ ئاجايىپ ماھارەت بىلەن رول ئالغان. بۇنىڭدا ئايىمخان بىلەن بارات  جۇرىننىڭ رولىنى ئالغان ئايشەم كېرىم بىلەن سىراجىدىن ئىسرايىل ھەركەت ۋە روھى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشكە ياخشى ماسلاشقان. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا كىنودىكى پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى ۋە ئالاھىدىلىگىنى گەۋدىلەندۈرگەن. توختى، نۇردىن، مەريەمخان قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىستلارمۇ ناھايىتى مۇۋاپىقيەتلىك رول ئالغان. ئىبرايىم پومىشچىكنىڭ رولىنى ئالغان-نۇرمەمەتمۇ ناھايىتى ياخشى رول ئالغان بولۇپ، پومىشچىكنىڭ روھى دۇنياسىنى ۋە ھەركىتىنى جانلىق ئىپادىلىگەن.
بۇ فىلىمدە تەڭرىتاغنىڭ تەبىي مەنزىرسى، يېشىلزار دالىلار، ئالمىزارلىقلار، پايانسىز بوستانلىقلار جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايلىق ئۇسۇللىرى، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ناخشىللىرى تاماشىبىنلارغا يېڭىچە گۈزەل ھىس تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ. فىلىمنىڭ باش،ئاخىرىدىكى ۋە ئوتتۇرىدىكى ناخشىلار قويۇق ئۇيغۇرچە مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ،،تۇرمۇش پۇرىقى ۋە دەۋىر پۇرىقىنى نامايەن قىلغان.
شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇزىكا-ناخشىللىرى ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك يېڭى يىزىنىڭ قىياپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، «بوستانلىقتىكى تەنتەنە» فىلىمى ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق مۇۋاپىقيىتى بىلەن يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا سوۋغا قىلىنغان نادىر فىلىم بولۇپ، رىيال تۇرمۇشنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرگەن. بۇ فىلىمدە مۇھەببەت يىپ ئۇچى ئاساسىي تىما قىلىنغان بولۇپ، فىلىم قويۇلۇش بىلەنلا زىل-زىل پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ تۈپ سەۋەبىي چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ۋە خەلق كوپىراتىۋى مەزگىلىدىكى گۈللىنىش دەۋرىنى ناھايىتى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن.فىلىمدە يۇقىرى بەدىئى ماھارەت بىلەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان سىنىپىي كۆرەشنىڭ يارقىن سىماسى بىلەن مۇھەببەت، ئائىلە تۇرمۇشىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەت تەسۋىرى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن. لىكىن فىلىم ئېدىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا مۇھەببەت، ئائىلدىكى زىددىيەتنى ئىككى سىنىپ ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش دەرجىسىگە كۆتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرگەن. شۇڭا «بوستانلىقتىكى تەنتەنە» فىلىمى شۇ چاغدىكى ئوبزۇرچىلارنىڭ ماختىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئەڭ موھىمى بۇ فىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنارىيىدىكى تىل سەنئىتى، ئارتىستلارنىڭ رول ئېلىشتىكى ماھارىتى، فىلىمگە قىستۇرۇلغان ناخشا-مۇزىكا، ئوپىراتۇرلارنىڭ ماھىرلىقى قاتارلىقلار فىلىمنى
ھەر جەھەتتىن مۇكەممەللىككە ئىگە قىلغان،خالاس.ئەسكەرتىش:
بۇ فىلىمنى ئوتتۇرا ياشلىق ۋە پىشقەدەملەر بۇرۇن كۆرگەن، ئەمما ياشلار تېخى كۆرمىگەن. مەن بۇ فىلىمنى ساقلاپ، تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ئاۋاز بەرگۈزۈپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ كۆرىشىگە تەييارلىدىم. كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان تورداشلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىنى سورايمەن.
ماقالىنى يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مەمەتئېلى
2012-يىلى 16-ئىيۇن يېزىلدى. قەشقەر            


ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8093 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4561 سەر
شۆھرەت
5249 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 18:21:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىمنى ئاسىغا چىقىرىپ قويغان بولساق تېخىمۇ ياخشى بولغىدەككەن. مەن بۇ فىلىمنى توردىن ئىزدەپ باقاي ھە!
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 18:27:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا شۇنداق قىلايلى
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1681 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 18:42:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:57, Processed in 0.143723 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش