ئۇيغۇر تىلى
(مۇخەممەس)

كەڭرى دۇنيا گۈلشىنىدەگۈل تابان ئۇيغۇر تىلى، خۇددى ئۇيغۇر خىسلىتىدەك مېھرىبان ئۇيغۇر تىلى، تىل ۋە مەنە ئالىمىدەدۇررى كان ئۇيغۇر تىلى، بارچە بۇلبۇل نەغمىسىدەگۈل زۇۋان ئۇيغۇر تىلى، يۈكسىلىشنىڭ مەنزىلىدەپاسىبان ئۇيغۇر تىلى.

بۇجاھاندا مەخلۇقاتنىڭ ئۆز زۇۋانى -تىلى بار، شۇ زۇۋان بىرلە يارالغان بايلىقى بار،ئېلى بار، ئىشقىنى بەرگەن شۇنىڭغا،ئىپتىخارلىق دىلى بار، مۇشۇ تىلغا مۈلكى ۋارىس ئىز باسارى،خىلى بار، مەنىلەر كۆكىدە چولپان بۇ زامان ئۇيغۇر تىلى.

تىل دىمەك مىللەتكە بىرلىك،مەنىۋىلىككە قورال، كىم تىپىپتۇ ئۆز تىلىسىز خەلقىئالەمدە كامال؟! كۈچ،بىلىممۇ تىل- زۇۋاننىڭ بەھرىسىز تاپماس ۋىسال، گەر تىلىڭ بولسا ئىنىق،ئۇز،ھىچ ئىشىڭ بولماس ھايال، ئىنتىلىش،مۇناسىۋەتكە يۇرت -ماكان ئۇيغۇر تىلى.

تىل دىمەك دىللارغا كۆۋرۈك،رىشتىسى قايناق ھايات، تىل بىلەن مەشرەپۇ بەزمە كۈي-مۇقام قىلغاي پارات، تىل بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تاپقۇسى بەختى نىجات، تىل بىلەن ئۆتمۈش،بۈگۈن ھەم كەلگۈسى تاپقاي ھىمات، ئۇلىغاي يول ھەممە ياققا ھەم ئىمان ئۇيغۇر تىلى،

ئەي ئانام تىل،سەندە مەززە،تەملىرىڭدىن تامدى تۇز، سەن بىلەن نۇرلاندى ئەل، شائىر-ئەدىپنىڭ بەرقى ئۇز، سەن بىلەن ئەھلى جاھاندا تىكلىدۇق كاتتا نوپۇز، كۆپ ئۇزاقتىن ساڭا ئاشىق ھون، تۈرك،خۇر-خۇز،ئوغۇز، بار قىتىڭدا تۇخرى،سان،ساك،ئارىيان ئۇيغۇر تىلى.

بار قىلىپ نومنى بۇتىلدا سۆزلىگەن مەئبۇد راۋان، يالتىرار ئۆز تارىخىدا،تاش پۈتۈك،تاقشۇت راۋان، ئىشتىياق باغلاپ<<دىۋان>>نى يازدى خوپ مەھمۇد راۋان، پۈتتى تارىخ زەر كىتاپلارنى ئەجەپ تاقشۇت راۋان، ئىلمۇ ھېكمەت باغچىسىدا نەۋقىران ئۇيغۇر تىلى.

ئالدى ھاجىپ ھەم نەۋائى بەھرىدىن مەھسۇل تىلىم، ئۆز ئەقىدە ئىدرىكىنىڭ ۋەسلىدە بۇلبۇل تىلىم، ھەر زامان سورۇندا ئىززەت ئىلكىدە مەقبۇل تىلىم، مىڭ قىيىندا بىر قىتىممۇ بولمىغان مەجھۇل تىلىم، بىزگە ئاش-ناندەك ئۇلۇغ ھەم قەدىردان ئۇيغۇر تىلى.

ئۇكى تۇتى ،بەلكى بۇلبۇل، سورىساڭ فونتېكىدىن، ئەيلىگەي ئەلگە نامايان تىل-ھۈنەر تىخنىكىدىن، باغرى دەريا،بەلكى ئوكيان بايلىقى لىكسىكىدىن، تەرىپى چولپان، قۇياش،ئاي،دەرس بىرەر لوگىكىدىن، ئىزگۈ مىللەت،سەلتەنەتكە كۈچ،ئىنان ئۇيغۇر تىلى.

سۆز، بوغۇم، تاۋۇش-ئاھاڭ،ھال جۈملىسى نۇردەك ئېنىق، تەپسىرىدە مەنە-مەزمۇن بەك يىقىشلىق،ئۇز،سىلىق، ياخشىلىق سەتىرىدە جەۋلان،ھەر ئورامدا مىڭ قىلىق، كۆر پاساھەت ۋە ھەزىلدە يارىدۇ قىلنى قىرىق!..... خۇش ئىپادە،يازمىلارداساپ،راۋان ئۇيغۇر تىلى.

دىسە قەشقەر سۆزلۈكىنى باغدا بۇلبۇلغا رابات، بولدى ئۆرنەك تىلدا غۇلجا،چىقتى ئەنقادەك قانات، كۆپ قۇمۇل،تۇرپان تىلىدا سۆيگۈلەردىن ئىلتىپات، باۋلى دانىش ئېيتتى:خوتەن نوكتىسى خوپ دىپلۇمات، تۈركې تىلنىڭ تەختىگە خان-ھۆكۈمران ئۇيغۇر تىلى.

ھەر كىشىگە قۇت بىغىشلار بىر خىزىر ئەبەدىيەت، بارچە تىلنى دوسىت بىلەر ئەيلەپ قەدىر،مۇلازىمەت، بولسا چوڭ تىللار شاھانە ،ئۇ ۋەزىر مۇۋازىنەت، ئۇ ياشايدۇ ئەل بىلەن ھەم يەر بىلەن تەڭ ئاقىۋەت، مەيلى ئۆتسۇن كۆپ ئىرالار،نەۋقىران ئۇيغۇر تىلى.

مەنىۋى بايلىق ۋە ھىكمەت سەندە چوڭقۇر ،مول ھامان، مەنىلەر تېرەنلىكىگەھەممە بەرگەن قول ھامان، سەن ھايات مۇساپىمىزدە توغرا ،پارلاق يول ھامان، شانۇ شەۋكەت مۇنبىرىدە ئۈلگە،غالىپ بول ھامان، ئاي،قۇياشتەك پارلا مەڭگۈ،شادىمان ئۇيغۇر تىلى.

ئۆز تىلىنى مەڭگۈ يار ئەيلەپ سۆيىدۇ ئۇيغۇر ئەبەد، مۇشۇ تىلدا شان قۇچۇپ دەۋران سۈرەر ئۇيغۇر ئەبەد، ئۆرپۇ ئادەت، مەرىپەتتىن قۇت كۆرەر ئۇيغۇر ئەبەد، ئۆز تىلىنىڭ لەززىتىدىن خۇش كۈلەر ئۇيغۇر ئەبەد، روھ بىغىشلاپ ھۆر دەۋىرگە ئانچىنان ئۇيغۇر تىلى.

تىل دىگەندە چوڭ -كىچىك يوق،ھەممە تىل بىردەك ئۇلۇغ، مۇشۇ تىل بىرلە يارالغان ئىلىم -پەن ئىستەك ئۇلۇغ، ئۆرپۇ ئادەت،كۈچ،ئەقىدە بىرلىكى،يۈكسەك ئۇلۇغ، مۇشۇ ئارمان دەۋىتىدە ئەتىگە يۈرمەك ئۇلۇغ، قەلبىدە شەيداسىنىڭ مەڭگۈ جانان ئۇيغۇر تىلى.

ئەزىزى تاپقاچ بۇتىلدىن كۆپ خەزىنە،دۇر ھوزۇر، چىن يىتىلدى قەلبىدە لايىق ئاڭا ۋىجدان غۇرۇر، ئېيتىدۇ:ئانا تىلىم دەپ سوقىدۇ يۈرەك، تومۇر، سەن بىلەندۇر قىممىتىم،مەۋجۇتلۇقۇم،بەستىم پۇزۇر، مەڭگۈ روھى تۈۋرۈكىمسەن جانىجان ئۇيغۇر تىلى!

مەنبە:‹‹جۇڭگۇ مىللەتلىرى ››ژورنىلى
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-22 21:47
|