پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2362 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 251|ئىنكاس: 5

ئائىلە تۇرمۇشىدا دىققەت قىلىشقا تىگىلشىك ئىشلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
63
قىزغىنلىق
390 سەر
تىللا
192 دانە
تۆھپە
253 سەر
شۆھرەت
310 سەر

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 14:34:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان سۆزلەر
كونىلاردا: « يېمەكلىكنى قالايمىقان يەپ قويسىمۇ،گەپنى قالايمىقان دەپ قويماسلىق كېرەك.» دەيدىغان سۆزلەر بار،ئەگەر يېمەكلىكنى خاتا ياكى قالايمىقان يەپ قويسا ئازراق دورا يېسە ياكى دوختۇرغا بارسا بولىدۇ،لېكىن گەپنى خاتا ياكى قالايمىقان دەپ قويىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس، بەزىدە كاللا كېتىشى،بەزىدە يۈز-ئابرۇي بىراقلا يەربىلەن يەكسان بۆلىشى ھەتتا بەزىدە ئادەتتىكى بىر ئېغىز گەپ بىلەن باشقىلارغا بىر ئۆمۈرلۈك ئازاب ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

مۇھەببەت ۋە نىكاھنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرۇشى پەقەت خانىم-قىزلارغىلا تۈگىمەس قايغۇ ھەسرەت ئېلىپ كەلمەستىن،ئەرلەرگىمۇ ئېغىر دەرد ئەلەم ئېلىپ كېلىدۇ.بەزى خانىم – قىزلار ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىن ئۇلارنىڭ ئازابلانغان،قايغۇرغان ھالىتىنى ئاسانلىقچە بىلەلمەيدۇ. شۇڭا بەزىدە ئەرلەرمۇ « يۈرىكىم يىغلايدۇ » دەپ قويىدۇ. نۇرغۇنلار نىكاھتىن ئاجراشقاندا ياكى مۇھاببەتتە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا ناھايىتى سەت گەپلەرنى قىلىشىدۇ. لېكىن ھەر قانداق گەپنى ئېغىزىمدىن چىقتى دەپ دەۋەرسە بولامدۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن تۆۋەندىكى ئالتە جۈملە سۆزنى  ھەرگىز ئېغىزىڭىزدىن چىقىرىپ قالماڭ،بولمىسا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەرمۇ سىزگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇ.
1-جۈملە : سېنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار ؟
ئادەملەرنىڭ ماددىي نەرسىلەرگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان،مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە بەزى خانىم-قىزلىرىمىز مودا قوغلىشىش،جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن بەزى ئارتۇقچە ماددىي نەرسىلەرنى ئېزىقتۇرۇشىدىن قۇتۇلالماي قېلىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ماددىي ئېھتىياجى قالدۇرۇلۇشقا ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، ھەمراھىدىن ئاغرىنىپ « سېنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار ؟ باشقىلارغا بىر قاراپ باقساڭچۇ» دەپ سۆزلەپ قويىدىغان ۋاقىتلارمۇ بار. ئەگەر بۇ گەپنى دەپ قويسىڭىز ئۇ سىزگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىشى مۇمكىن،چۈنكى ئەرلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى،غۇرۇرى دەخلى-تەرىزسىزدۇر.
2-جۈملە : سېنى تاللىغىنىم گۈلنى تېزەككە سانجىغاندەك ئىش بوپتۇ
بەلكىم بۇ جۈملە ئەرلەر ئۈچۈن بەك چوڭ ھاقارەت بولۇشى مۇمكىن،سىزنى بىرى سەن بىر پارچە كالا تېزىكى دېسە ئاچچىقىڭىز كېلەمدۇ؟ غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولامسىز؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنى چىرايلىق گۈل دەپ ئويلاپ قارشى تەرەپنى تېزەككە ئوخشىتىپ رەنجىگەن بولسىڭىز خاتالاشقان بولسىڭىز،چۈنكى ھازىر مۇنداق بىر ئېغىز گەپ مودا : « گۈللەرنى تېزەككە سانجىغاندىلا ئاندىن قۇۋۋەت تېپىپ تېخىمۇ چىرايلىق ئېچىلىدۇ .»
3-جۈملە : سەن ئەر كىشى ئەمەسكەنسەن
«سەن ئەر كىشى ئەمەس» دېيىش بىلەن « سەن ئايال كىشى ئەمەس» دېيىش تەڭ دەرىجىدە،ھەر ئىككىلىسى ناھايىتى كۈچلۈك مەسخىرىگە تولغان. ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى بەك كۈچلۈك بولىدۇ.شۇڭا ئالدىراپ بۇ گەپنى قىلماسلىق لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەركىشى بولمىسا ئۇنداقتا ئۇ زادى نېمە؟ سىز شۇنداق ئەر كىشى ئەمەس بىر نېمە بىلەن توي قىلغان ياكى ئارىلاشقانما؟ ئەگەر مۇنداق دېگىنىڭىز باشقىلار ئاڭلاپ قالسا ئەركىشى ئەمەس ئۆزىڭىزلا مەسخىرىگە قالىسىز،باشقىلار سىزنى ئەركەكلەردەك ئەرنى تاپالماي،شۇنچىلىك ئادەم تېپىپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
4-جۈملە : ئاپاڭ ياكى ئاتاڭ ئادەم ئەمەسكەن
قېينانا كېلىن مۇناسىۋەتنى ئەر-ئايالنىڭ نىكاھىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرى.ئەگەر سىز قېينانىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ ،ئۇنى ياخشى كۈتەلىسىڭىز ،ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى بولسا كېيىنكى تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەم،ئازادە ئۆتىدۇ. ئەكسىچە بولسا بەلكىم ئۇزاققا بارالمايسىلەر ياكى نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرايسىز. مۇشۇنداق مۇناسىۋەت ياخشى بولمىغان،قېينانا تەرەپتىن خاتالىق ئۆتكەندە،سىز ئالدىراپ ئاچچىقىڭىزغا پايلىماي جۈپتىڭىزنىڭ ئاپىسىنى شۇنداق سەتلەپ سالسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ ئۇقمايلا بىرەر تەستەك ياكى بىرەر مۇش يەپ كېتىسىز،چۈنكى ئاجراشسا يەنە توي قىلسا بولىدۇ،لېكىن ئاتا-ئانىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ.
5-جۈملە : سەن ھېچ نەرسە ئەمەس
سىزنىڭ ھەرقانچە كارامىتىڭىز، ياخشى خىزمىتىڭىز،باي ۋە قولى ئوچۇق ئاتا-ئانىڭىز… بولسىمۇ سىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ئۇ كىشىنى مۇنداق دەپ ھاقارەتلىسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا سىز «ھېچنېمىنىڭ» بىرنېمىسى بولۇپ قالمامسىز. ئەگەر شۇنداق دېسىڭىز بەزى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرى كۈچلۈك ئەرلەر سىزدىن ئۆچ ئېلىشى،سىزنى چەكسىز ئازابلارغا مەھكۇم قىلىشى مۇمكىن.
6-جۈملە : سەن بىلەن بىرگە بولغىنىمنىڭ ئۆزى بىر كۈلكىلىك ئىش
مۇھەببەت ياكى نىكاھنى ئىككىڭلار ئۆز رازىلىقىڭلار بىلەن تاللىغان،ھېچكىم سىلەرنى مەجبۇرلىمىغان بولسا،ئەگەر سىزدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭۈل قالمىغان بولسا،ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىڭىز چىرايلىق ئايرىلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ،لېكىن ھەرقانداق مەقسەتتە ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولۇشى ناھايىتى كۈلكىلىك بىر ئىش بوپتۇ دەپلا قويسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق،چۈنكى ئەرلەر مۇنداق چاقچاقنى ھەرگىز كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ خۇددى ئۇنىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانجىغاندەك ئىش.ئۇ سىزنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ.
مەنبە:ئاياللار ژورنىلىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوۋچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 08:11  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2744 سەر
تىللا
437 دانە
تۆھپە
1677 سەر
شۆھرەت
1820 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 15:39:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى  « ئەر ئاياللار دىيىشكە قەتئىي بولمايدىغان گەپلەر » دەپ قويۇلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەنتۇق .  
  چۈنكى ، ئەر ئايال ئىككەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئىناقلىققا تولغان بەختلىك ئائىلە بەرپا قىلغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ .
رەھمەت سىزگە .

باھا سۆز

ئوۋچى ئۇنداقتا ئائىلىدە دىققەت قىلىشقا تىگىلشىك ئىشلار دەپ يېزىپ قۇياي تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 08:10:48

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
118 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
64 سەر
شۆھرەت
68 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 17:21:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇندىن باشقىمۇ ئاياللار ئېرىگە دېيىشكە بولمايدىغان سۆز-جۈملىلەرمۇ بار، مەسىلەن .................

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4486 سەر
تىللا
1071 دانە
تۆھپە
2759 سەر
شۆھرەت
2942 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 18:22:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن .ئەرلەرنىڭمۇ ئاياللارغا دىيىشكە بولايدىغان  سوزلىرى بارغۇ .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1687 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 23:07:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار قىز توغرا دەيدۇ .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
390 سەر
تىللا
192 دانە
تۆھپە
253 سەر
شۆھرەت
310 سەر

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 08:10:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2012-7-22 15:39
بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى  « ئەر ئاياللار دىيىشكە قەتئىي بو ...

ئۇنداقتا ئائىلىدە دىققەت قىلىشقا تىگىلشىك ئىشلار دەپ يېزىپ قۇياي
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-23 01:17, Processed in 0.174293 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش