- تىزىملاتقان
- 2012-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 14711
- نادىر
- 8
- تېما
- 109
- يازما
- 1445
  
- يوقلىما
- 177
قىزغىنلىق- 3941 سەر
تىللا- 508 دانە
تۆھپە- 2362 سەر
شۆھرەت- 2474 سەر
       
| [align=center]ئۇنتىمىغىن ئادەملىكىڭنى
 يۈدۈپ يۈرۈپ «ئادەم »نامىنى ، بولالمىساڭ ئادەمدەك گەرچە، ھايۋانلاردىن بولار نە پەرقىڭ، ئادەم پۇرىقى بولمىسا قىلچە.

ئادەم ئەجدادىدىن شەرمى ھايادۇر ، ئادەم ئۇ مۇھەببەت سۆيگۈ ۋاپادۇر، ئادەم ئادەم ئۈچۈن يورىغان قۇياش، شۇ قۇياش بولغاچ گۈزەل دۇنيادۇر.

ئادەم دىگەن ئاشۇ ئۇلۇغ نام، خىسلىتىدىن ھەر كىم ھۇجۇدى، سۆيۈنمەمدۇ ھەقىقى ئادەم، سەھەر پارلىغان قۇياشتەك خۇددى.

يۈدۈپ يۈرۈپ «ئادەم »نامىنى ، ئادەم روھى كۈلمىسە سەندىن ، ئاچچىق يۇتۇپ قالىسەن جەزمەن ، ئادەم پۇرىقى چىقمىسا سەندىن.

چىن ھەقىقى مەنىسى تاپقان ، ئادەم بولۇپ ياشىساڭ دەيمەن ، ئادەملىكىڭنىڭ پۇرىقى يادلاپ ، دەپ تۇرنىساڭ «زادى نىمە مەن؟»

يۈدۈپ يۈرۈپ «ئادەم »نامىنى ، جۇدۇن-چاپقۇن ،بوراننى ئاتلاپ ، تۇرالايسەن ھەرگىز ئازمىساڭ، ئىللەتلەرنى كۆڭۈلدىن تازىلاپ .

يۈدۈپ يۈرۈپ «ئادەم »نامىنى ، ئادەم ھالاللىققا شائىت قۇت بەلگە، ئۇنتىمىساڭ ئادەملىكىڭنى ، قوشالايسەن تۆھبىلەر ئەلگە .
 مەنبە:«ئادەم ھەققىدە» ناملىق شېئىردىن ئىلھام ئېلىپ ئۆز يازمام .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-21 21:36
|
|