- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| يەپتۇدەك ( ئاپتۇرى : مۇھەمەتجان راشىدىن )
1)ئۆرۈلسىمۇ يەپتۇدە ، چۆرۈلسىمۇ يەپتۇدەك ، تالان تەنقىد – تەنبىھلەر بېرىلسىمۇ يەپتۇدەك . يەپ ئۈگەنگەن دا يۈزلەر ،تاتمايدىكەن ئۈزىنى، يېقىنلىرى يىمە دەپ، يېلىنسىمۇ يەپتۇدەك .
2 )ئالىدىكەن يالغاندىن قۇبۇل قىلىپ پىكىرنى ، ئالىدىكەن ئۈزىدەك چاشقانلاردىن ئۇچۇرنى. ئۈگۈنۈپتۇ قۇشۇپ يەپ قانائەتنى شۇكۈنى ، ھىسابىدا ئارتۇق كەم كۈرۈلسىمۇ يەپتۇدەك .
3)شىرىنكانە بىرىدىن ،تامغا ھەققى بىرىدىن ، جايلايدىكەن قرۇقماستىن ئېپى كەلگەن يىرىدىن. ئۇنداقلارنىڭ خوش ئىكەن خۇتۇنلىرى ئىرىدىن ، خوتۇنلىرى چاندۇرۇپ كېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
4 )يىلدا خۇتۇن يەڭگۈشلەپ يۈرگەنلەرمۇ شۇلاركەن ، دۇنيا ئۈچۈن پۇل ئۈچۈن ئۆلگەنلەرمۇ شۇلاركەن. نەدە تاۋكا شۇ يەردە، ئۆلگەنلەرمۇ شۇلاركەن ، نەچچە ئۈلۈپ تاۋكادا ، تېرىلسىمۇ يەپتۇدەك.
5)نەچچە يەردە ئۈيى بار ،نەچچە يەردە داچىسى، بىرئاشنىسى سىڭلىمىش ،بىر ئاشنىسى ئاچىسى. خەيجەيدىغان پۇلىنىڭ يۈزكوي ئىكەن پارچىسى ، تۇققانلىرى تەشۋىشتەبەس دىسىمۇ يەپتۇدەك .
6 ) يىگەنلەرنىڭ يالغاندۇر خۇدا بەردى دىگىنى ، ۋىژدان بىلەن ئىنساپ يوق سۈرۈشتۈرسەك تىگىنى . يەتمىگەندەك ۋاي تېخى، ياشلىقىدا يىگىنى ، بەزىللىرى ئۇلارنىڭ قېرىسىمۇ يەپتۇدەك .
7)بىر سەتەڭگە بۇزۇلۇپ ئاخىر ى رەسۋا بولغۇدەك ، كۈندە سۇنماس كۇزىلار ،ئاخىرى بىر كۈن سۇنغۇدەك . گاھى چاغدا كۆڭلى غەش ، خۇددى پوق يەپ قويغاندەك ، تاغدەك تەشۋىش ئۈزىنى، قىينىسىمۇ يەپتۇدەك .
8) ئۈلەمدىكىن ئەمەلدار زادى پارا يىمىسە ، قىلامدىكىن خىيانەت ياكى يولدىن تىنىسە . يا بەخىتلىك بولمايدۇ،بىر ئۈزىنى دىمىسە ، ۋە لېكىن ئۇ، باشقىلار يىمىسىمۇ يەپتۇدەك .
9)شۇلار بۇزماي كىم بۇزدى ،بىزدە تۈزۈم ئەخلاقنى ، ئېچىپ بەردى شايتانغا ،ئىشىك بىلەن قالپاقنى . باشلاپ بەردى ئاشۇلار ،باغدىن غۇرا قاقماقنى ، ئەل ئۇلارنى ھەر كۈنى تىللىسىمۇ يەپتۇدەك .
10 ) ھۆكىرەتكەن بوقىنى ھېلىقى ئىككى نىمىسى، بوقىمىكىن بىلمىدۇق بەزىلەرنىڭ جىنسىنى . كۈنلۈك قىلار ھۇقۇقنى پارىخورنىڭ ھىيلىسى ، كۈندە سىگنال ئۇلارغا ،چېىنسىمۇ يەپتۇدەك .
11)نەپسى ئۈچۈن تۇتقاچقا ،ئۇلار ئەسلى ئەمەلنى . چىقارماق بار يىگەننى ، بىرىش كىرەك بەدەلنى . تەس كەلگەندە چىقارماق ،قانۇن قىلدى ،ئەمەلنى ، كۈندە سىگنال ئۇلارغا چېلىنسىمۇ يەپتۇدەك .
12) ئىچ ئاغىرىتماڭ ئۇلارغا ، قانۇن سوتقا تاتقاندا ، تۈلكە چۈشەر ئاخىرى قۇۋ بولسىمۇ قاپقانغا . ھەيران بولماڭ ھەر قېتىم ،بىر – ئىككىنى قامىغانغا ، ھەر ئامبارغا ئون قۇلۇپ ،سېلىنسىمۇ يەپتۇدەك .
يوللىغۇچى : زەپەر |
|