پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 93|ئىنكاس: 3

بۇ شۇنداق ماكان،بىز ئاشۇنداق ئىنسان ( نەسىر)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 15:06:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                             بۇ شۇنداق ماكان،بىز ئاشۇنداق ئىنسان

                                                      
                                                           (نەسىر)
                                                   
                                             ( ئاپتۇرى : نۇرمۇھەممەت)

                                                       زەپەر

بۇ شۇنداق ماكان.
بىز،ئاشۇنداق ئىنسان.
بىز ۋەتەننىڭ ئىلكىدە،ئاناماكان-ئانا يۇرتنىڭ ئېتىگىدە،ئىستىگىدە.ۋەتەن يۈرىگىمىزدە،ئانا ماكان،ئانا يۇرت سۆيگۈمىزدە،تىلىكىمىزدە.بىز شۇنداق، بىر تەقدىردە مەڭگۈلۈك باغلانغان.بىر سۆيگۈدە قانداش،قېرىنداش بولغان.بىز ۋەتەننى يۇرت-ماكاننى جاندىن ئەزىز كۆرىمىز.بارلىقىمىزنى ئاڭا بېغىشلايمىز؛مېھنىتىمىزدە ئۇنى گۈللەندۈرىمىز؛مېھرىمىزدە ئۇنى سۆيۈندۈرىمىز؛تېنىمىز بىلەن ئۇنى قالقىلايمىز؛ئەقىدىمىزنى ئانىدەك باغرىغا رىشتىلايمىز؛ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئۇنى مەڭگۈ-مەڭگۈ قوغدايمىز.ئۇنى ئەبىدى يۈرىگىمىزدە ساقلايمىز.چۈنكى ۋەتەن يۈرىگىمىزدە،ئۇ بىزنىڭ يۈرىگىمىز.
بىزنىڭ تېنىمىز بىر-مەھكەم يۇغۇرۇلغان؛بىزنىڭ جېنمىز بىر-بىر يۈرەكتە ئويغانغان،دۈپۈلدەپ سوققان؛ئەھدىمىز،ئەقىدىمىز بىر بىزنىڭ-ئەجرىمىزدە،مېھنىتىمىزدە يىلتىز يايغان؛ۋىجدان-غورورىمىز،شەرەپ تۇيغۇمىز بىر بىزنىڭ-قىسمەت بورانلىرىدا،مۈشكۇلات داۋانلىرىدا سىنالغان؛ئارزۇيىمىز-ئۈمىدىمىز بىر بىزنىڭ يۈكسەك غايىمىز بىزنىڭ-ئۆم،ئىناق،تەڭ باراۋەر ياشايمىز دەيدىغان،«بۈيۈك بىر ئائىلە»كىشلىرى بولۇپ،ۋەتەن-يۇرتنى گۈللەندۈرىمىز،قۇدرەت تاپقۇزىمىز دەيدىغان.
بىز تارىخنى تەڭ ياراتتۇق ئەزەلدىن.سۇدا تەڭ ئېقىپ،ئوتتا تەڭ كۆيۈپ،قان دەريانى ئورتاق كەچتۇق ئەزەلدىن.يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇردۇق،گۈللەندۇردۇق ئەزەلدىن.تاغ سېرىلسە ئورتاق تورودۇق،دەريا تاشسا ئوخشاش قىرلىدۇق؛يەر يېرىلسا ئورتاق يامىدۇق،ئاسمان يىقىلسا ئوخشاش تىرىدۇق؛كەلكۈن كەلسە ئوخشاش سەكرىدۇق؛قاقشاللىققا ئورتاق يەنە يۈرەكلەردىن سىرغىدۇق.بىز تارىخنى ئاشۇنداق يازدۇق،ئەنە شۇنداق بېسىپ كەلدۇق.
ۋەتەن بېشىدا ئوت كۆيگەندە،ياۋغا قارشى بىرلىكسەپ تۈزدۇق،سەدىچىندەك مۇستەھكەم قورغان ياسىدۇق.ئەل بېشىغا ئاپەت ياغقاندا،يۈرەكلەردىن-يۈرەكلەرگە سىرغىپ كۆيۈندۇق،سايىلەرگە ئاپتاپ سېپىپ شۇنداق يېپىلدۇق.بىرىمىز يىقىلغاندا بىرىمىز كۆرپە بولۇپ يېيىلدۇق.بىرىمىز ھالسىزلانغاندا بىرىمىز تاغ بولۇپ تىرىدۇق.بىرىمىز قاقشال قالغاندا بىرىمىز دەريا باشلىدۇق،بىرىمىز مۇھتاج بولغاندا بىرىمىز يىلتىزىغا كۆمۈلدۇق.تارىخ دەشتىلىرىدە بىز ئاشۇنداق كۆكلىدۇق،تەڭ يىغلاپ،تەڭ كۈلۈپ،ئورتاق گۈللىدۇق.
كۆپچىلىك: شۇنداق،شۇنداق! ۋەتەننىڭ ھەممە يېرىدە ۋەتەنداشنىڭ  ھەققى مىھرى بار،ۋەتەننىڭ ھەربىر ئۆزگىرىشى،يۈكسىلىشىدە ۋەتەنداشنىڭ ئۆچمەس ئىزى بار.
ۋەتەن شۆھرىتىنى دۇنياغا يايغان يىپىك يولىدا شۇنداق.
ۋەتەن غۇرۇرىغا مەدەت بەرگەن،دۇنياۋى قەددىنى كۆتەرگەن مەتبەئە،قەغەز ئىختىراسىدا،پۇرۇخ،كومپاس كەشپىياتىدا شۇنداق.
قىيا تاش سۆرەتلىرىدە شۇنداق،مەڭگۈلۈك يېپىلماس،يىقىلماس،يوقالماس تاش ئابىدىلەردە شۇنداق.
تالاي-تالاي يازما مەدەنىيەت،قازما مەدەنىيەت،ھۈنەر كەسىپ كارامەتلەردە شۇنداق.
مىڭ ئۆيلەردە،قەدىمىي شەھەر ئىزلىرىدا،تۇرلاردا،ئارخىلوگىيلىك تارىخ شاھىدلىرىدا شۇنداق.
كوللىكتىپ: شۇنداق،شۇنداق!تارىخنىڭ ھەر بېتىدە مۇشۇ ئورتاقلىق،مۇشۇنداق بىرلىك.تارىخنىڭ ھەر بىر قەدىمىدە مۇشۇنداق ماسلىق،شۇنداق ئۆملۈك،ئاسايىشلىق.
ئەرلەر: تارىخ سەپىرىنىڭ ھەر بېكىتىدە سەنمۇ بار يۇرتۇم،سەنمۇ بار خەلقىم.مەدەنىيەت ياراتمىلىرىنىڭ ھۇلى تەكتىدە سەنمۇ بار يۇرتۇم،سەنمۇ بار خەلقىم.دۇنيا نەزىرىنىڭ شۆھرەت تۆرىدە سەنمۇ بار يۇرتۇم،سەنمۇ بار خەلقىم.ئىپتىخارلىق يۈرەكلەرنىڭ پەخىرلىك دۈپۈلدىشىدە سەنمۇ بار يۇرتۇم،سەنمۇ بار خەلقىم.
كوللىكتىپ: سەن مۇشۇنداق ماكان-يۇرتۇم!سەن ئاشۇنداق ئىنسان- خەلقىم!
ئاياللار: شۇڭا ۋەتەن دېگەندە سېنى ۋەتەننىڭ بىر قىسمى دەيمەن ئانا يۇرتۇم،خۇددى گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك.شۇڭا ۋەتەن دېگەندە سېنى ۋەتەننىڭ رەڭدار جۇلاسى دەيمەن يۇرتۇم،ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ گۆھەر كۆزىدەك-ئۈنچىسىدەك.
ۋەتەن تاغ بولسا،ئانا يۇرتۇم-سەن ئۇنىڭ شۆھرەتلىك بىر چوققىسى،غۇلىماس،سېرىلماس تىزمىسى.
ۋەتەن باغ بولسا،سەن مەي باغلىغان مىۋىلەر غۇژمەكلەشكەن بىر شېخى،بېھىش پۇرىقىدا گۈپۈلدەيدىغان ئىپار بۇلىقى.
ۋەتەن دەريا بولسا،ئانا يۇرتۇم-سەن ئۇنىڭ مەۋج ئۇرغان بىر دولقۇنى-كۈۋەجىگەن ئويغاق قاينىمى.
ۋەتەن كۈي بولسا،سەن ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل مىلودىيدە شوخلانغان مەرغۇلى.
كوللىكتىپ: ۋەتەن-زەپەرلىك سەپەر بولسا،ۋەتەن-تەڭ سازلانغان سىمفونىيە بولسا،ۋەتەن-ئارمان بوشلۇقىدىكى پەرۋاز بولسا،سەن شۇ يەردە يۇرتۇم،سەن شۇنىڭ بىلەن بىللە-ئايرىلماس بىللە.
شۇنداق ئانا يۇرتۇم،سەن باھار رەڭگىدە يېشىل ياشرىدىغان ناخشا،سەن گۈللەر قوينىدا قانرەڭ تاۋلىنىدىغان شەپەخ،سەن قار-مۇز قوينىدىمۇ كۈلۈپ پورەكلەيدىغان مەڭگۈلۈك ئېرا،ئەمگەك مېۋىلەيدىغان ھۇسۇللۇق سالا،سەن ئاشۇنداق گۈزەل گۈل سىما.
سەن ياپ-يېشىل چىمەن،گىلەمدەك ماكان؛ئالەمدىكى بارچە ئۇزلۇقتىن ئەندىزە ئالغان،جەننەتتىن ئۇز شۇنداق يارالغان؛سەن بىر تال قۇم،بىر تال يۇپۇرماق،ئاددىيغىنە خىسلەتكار ئۇرۇق؛قىيا تاراشلىغان تامچىلاردەك،مۆھۈردەك بېىسلغان ئىزلاردەك،سۆيگۈ تۇغىدىغان يۈرەكلەردەك،قىسمەت يامغۇرلىرى يۇيۇپ ئۆچۈرەلمىگەن؛دەۋر بورانلىرى سوقۇپ كۆچۈرەلمىگەن؛سەن يىلتىزى يۈرەكلەرگە تۇتاشقان ناخشا؛سەن ئارمانلىرى مېھنەتلەردە چېچەكلەيدىغان ئىپتىخار؛سەن مۇھتاجلىقنى قالقىلايدىغان تىلتۇمار،ئاشىقلىقنى قاندۇرىدىغان دىلخۇمار...
سېنىڭ قاراشلىرىڭ مۆلدۈر بۇلاقلاردەك تىنىق ھەم سۈزۈك؛يۇلتۇز چاراقلىشىدەك ئويناق ھەم يۇرۇق؛
دائىم شۇ بىر ناخشىنى قانماي ئاڭلايمەن؛شۇڭا دائىم شۇ بىر سۆزنى تالاي نىدالايمەن:«ئەڭ گۈزىلى يەنىلا سەن ۋەتەن،ئەڭ گۈزىلى سەن-ئانا ماكان».ئەڭ ئېسىلى سەن ئىكەنسەن ئانا ماكان.چۈنكى سەن دېڭىز-ئوكياندىن يىراق تۇرۇپمۇ چاڭقىماي كەلگەن يۇرتسەن.توغراقلاردەك-قەيسەرلىكنى،قەھرىمانلىقنى ئۆزەڭ بەرگەن ئەشۇ دەرەختەك:چۈنكى سەن قۇم-بارخانغا كۆمۈلۈپ تۇرۇپمۇ يوقىماي كەلگەن يۇرتسەن.
كوللىكتىپ: بىر-بىرىنىڭ ھۇلىغا سىرغىغانلار كۆپ سېنىڭدە،بىر-بىرىنىڭ يىلتىزىغا كۆمۈلگەنلەر كۆپ مېھىردە؛بىر-بىرىنىڭ كۆچىتىگە سۇ قۇيغانلار كۆپ مېھنىتىدە،بىر-بىرىنى گۈلدەك كۈلدۈرگەنلەر كۆپ ئەقىدىدە؛بىرى ئاپتاپتا قاق بولسا،بىرى سايە بولۇپ يېپىلدى سەندە؛بىرى نىمجانلىقتا توڭۇپ تىترىسە،بىرى ئاپتاپ بولۇپ سېپىلدى سەندە؛بىرى ھاجەتلىكتە غەمگە كۆمۈلسە،بىرى ئىسسىق كۆڭۈلدىن يېرىلدە سەندە؛بىرى مۇھتاجلىقتا ياشلانسا،بىرى ئىچ-ئىچىدىن سېرىلدى سەندە.
ئاياللار: ئانا يۇرتۇم،ئانىلىق باغاشىدا بەھۇزۇر پەپىلەيدىغان.مۇھتاجسىز ئەركلىكتە پەرۋازغا ئۈندەيدىغان كۆڭۈللەردەك كەڭ يۇرتۇم،باي يۇرتۇم.
ئەرلەر: ئانا يۇرتۇم ئاتىلىق يۇرتۇم،ئانىلىق يۇرتۇم!تاغدەك قامىتىدە قەددىمنى قىيا قىلىدىغان،ئىرادەمنى ئوقيا قىلىدىغان شاھ يۇرتۇم،شاھانە يۇرتۇم.خانتەڭرى ئېتەكلىرىنى،جۇڭغار بەلۋاغلىرىنى،تارىم بوستانلىقىنى،يىلتىزداش مۇنبەت قوينىنى ئالتۇن بۆشۈگۈم قىلغان تەختىم يۇرتۇم،بەختىم يۇرتۇم.
كوللىكتىپ: سەن بۈيۈك غەزىنە،تەبئىي مۇزىي.ئۈستۈڭ بىر جەننەت،ئاستىڭ ئوت يۈرەك،بايلىقىڭ ئەلۋەك.كۆڭۈللەرنى تىپىرلاتقان گۈزەل جايىڭ ساناقسىز،جاھان ئەھلىنى تاقىلداتقان قەدىم جايلىرىڭ ئارمانسىز.يايلاپ تۇرغان مال-چارۋىنى بۇلۇت دەيسەن،مول-ھۇسۇللۇق ئېتىزلارنى سۆرەت دەيسەن،سېنىڭ ئىچىڭمۇ بايلىق،تېشىڭمۇ بايلىق.ھەر خىل بايلىقنىڭ ئەڭ تولۇقى سەندە بار،ھەر خىل مەدەننىڭ ئەڭ تولىسى سەندە بار.
ئالەمدىكى بارچە گۈزەللىك ساڭا مۇجەسسەمكەن ئارىلسام؛ئىپاردەك خۇشبۇي پۇراقلار يىغىلغانكەن سېنى ھىدلىسام؛دۇنيانىڭ تەڭدىن تولىسى ساڭا مەپتۇنكەن-ساڭا سەيياھكەن سانىسام؛تەبئىي مۇزىي ئىكەنسەن،تەبئىي قامۇس ئىكەنسەن سېنى ئوقىسام،سېنى يادلىسام.
تەكلىماكان-ئەسىرلىك ئۇيقىنىڭ تاڭ پەسلى ئۈمىد قۇچاقلىرىدا ئويغۇنىدىغان؛  B:كىرورەن-تارىم ئەللەيلىرىدە ئۇخلىغان گۈزەل لاتاپەت،ئانىلار تولغىقىدا قايتا تۇغۇلىدىغان؛
تۈمەن دەرياسى-قەدىمىي تۇرالغۇنى كۆكلەتكەن زەم-زەم،ئەقىللەر يىلتىزىنى كۈلدۈرگەن ئېقىن،قۇرۇم تاغ تاماسىغا سىرغىغان تامچە؛
تاشقورغان-تاغ قورغان قۇياش مەھەللىسى،يۈكسەكلىكنى تامالىرىغا قاندۇرغان ماكان؛
يۇرۇڭقاش-قاشتېشىنىڭ مۇڭلۇق كۆز يېشى،ياڭاق چاققاندەك تاشتىن تاشقا ئۇرۇلار تېخى؛
توغراقلار-مىڭ يىللىق،مىڭ يىللىق تارىخلارنىڭ قىزارغان بېتى؛
تەلكە تاغلىرى-يېشىل كىمخاب يېپىنغان دالا،گۈزەللىكلەر تىزىلغان تەكچە،ئىلى قوينى گۈزەل بۆلەكچە؛نارات كېلەر تۇتۇپ گۈلدەستە،قاناس ھۆسنى ياپيېشىل زىلچە؛
سايرام خۇددى ساقىغان يۇلتۇز،مەڭگۈلۈك تىرىك كۆك ياقۇت؛تەڭرىتاغ –يېپىلماس قامۇس.يىقىلماس-يىمىرىلمەس پىرامىدا.تەڭرىتاغ بىر ئەزىم تارىخ-ئەبىدى كۆمۈلمەس،يوقالماس تارىخ.
ئەبىدى نۇرى ئۆچمەس،ئىزى كۆچمەس،ھۆسنى ئۆڭمەس تارىخ.ئالتاي ئۇنىڭ ئالتۇن ۋارىقى،جۇڭغار،تارىم تۇرپان دىيارى ئۇنىڭ پەخىرلىك ۋاراقلىنىشى،ئەسىرلىك ئۇيقۇلاردىن ئويغۇنىشى،دولقۇن ياساپ تولغۇنىشى-دەۋرىشى.
كوللىكتىپ: شۇنداق،ئانا شۇنداق! سېنىڭ قىشلىقىمۇ تونۇر تەپتىدە،ئانا مېھرىدە گۈپۈلدەيدىغان ئىللىق ھېدىڭ بار.
ئانا يۇرتۇم،ئانا يۇرتۇم!خىيالىڭ خۇددى چۆچەكلىرىڭدەك سىرلىق،سېھىرلىك؛كۆڭلۈڭ ئەينى تۇپرىقىڭدەك كەڭرى ھەم يۇمشاق؛مېھرىڭ گويا قۇياشىڭدەك ئىللىق ھەم ئوتلۇق؛نىيىتىڭ دۇرۇس،سۈزۈك سېنىڭ بۇلاقلىرىڭدەك؛ئەجرىڭ تولا-مېھنىتىڭ تولا تاغلىرىڭدەك،ئېتىزلىرىڭدەك؛قەلبىڭ پاكىزە،ئۆزەڭ ساددا قاراشلىرىڭدەك،سالاملىرىڭدەك.
سەن ئەزەلدىن شاھانە يۇرت ئىدىڭ،مانا بۈگۈن غەربىي رايۇندىكى نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئايلاندىڭ،دۇنيا سېنى كۆردى،دۇنيا ساڭا قىزىقتى،سېنى نىشانلاپ ئاقتى.سەن ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە يول ئالغان-تۇتاشقان،ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزەڭگە تارتقان جەزبىدار يۇرتقا ئايلاندىڭ.سەلتەنىتىڭ قايتا جۇلالىنىشقا باشلىدى. ....

مەنبەسى: ئۆز ئىجادىيتىم

زەپەر
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
گۇلزار + 4 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 4 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 16:40:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋىتىڭىزنى يەنە بىر قىتىم نامايەن قىپسىز.ھەم نەخ گەپنىڭ ئۆزىنىلا قىپسىز،كۆرۈپ بەكلا خۇشھال بولدۇم،سىزنى قوللايمەن.دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ ھەر قانداق يىرى گۈزەل،ھەرقانداق يىرىنىڭ ئۆزىگە خاس پۇرىقى،تۇرىقى بار.
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 19:39:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋىتىڭىزگە تەشەككۇر  ھارمىغايسىز رەھمەت !!!!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 13:29:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەنپەرۋەرلىك - مەڭگۈلۈك تېما. ۋەتەننى، يۇرتنى  سۆيۈش- ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
بۇرادەر، بۇ نەسىرنى ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ؟!! ئىلھام بۇلاقلىرىڭىز مەڭگۈ قۇرۇپ قالمىغاي. رەخمەت سىزگە!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:54, Processed in 0.147044 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش