- تىزىملاتقان
- 2012-5-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 10340
- نادىر
- 3
- تېما
- 133
- يازما
- 943
  
قىزغىنلىق- 2734 سەر
تىللا- 435 دانە
تۆھپە- 1669 سەر
شۆھرەت- 1810 سەر
         
| زەپەر ئەپەندى سىزنىڭ بۇ شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم . توغرا سىز دىگەندەك ھەسەتخورلۇق ، پىتنەخورلۇق جەمىيىتىمىزدىكى پارازىت قۇرۇتلار . ئۇلارغا ۋاقتىدا زەربە بەرمىگەندە ئۇلار بەك ھەددىدىن ئېشىپ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرسىغا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىدۇ . ئەمما بۇ نۇقتىنىمۇ ئويلاپ بېقىڭ. ئەگەر سىزمۇ مۇشۇنچىلىك سىناقلارغا بەردەشلىق بېرەلمەي ،ئۇلارنى ھەممە ياقتا داتلاپ يۇرسىڭىز سىزنىڭمۇ ئۇلاردىن نىمە پەرقىڭىز قالىدۇ . كونىلار ئېيتقان « قىلغان ياخشىلىقىڭنى ئۇنتۇپ كەت ، ئەمما باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما »، « تەگىسەڭ تېرىق بولۇر » ، « يامانلىق ئەيلىگەن كىشىگە ، ياخشىلىق قىلالىلغان كىشى ھەقىقى ئىنساندۇر » دىمەك بۇنداق كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلارنى تەگەش سىزگە ماس كەلمەيدۇ . سوۋغا : بىر كىشىنى چۈشەنمەي ھەسەت قىلىش ھەسەت قىلغۇچىنىڭ بىلىمسىز - نادنلىقىنى ، چۈشىنىپ ھەسەت قىلىش قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقەتەن قالتىسلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ . دۈشمىنىڭگە دۈشمەنلىك كۆزىدە ئەمەس ، رەقىپلىك كۆزىدە قارا ، شۇ چاغدا سەن ئىلگىرلەشنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنىسەن . مۇشتى بىلەن سېنى قاتتىق سوقىۋەتكەن دۈشمىنىڭگە رەھمەت ئېيت ، چۈنكى ئۇ سېنى بىخۇدلۇق ئۇيقۇسىدىن ئويغاتتى ئەمەسمۇ !!! رەھمەت ، سىزنىڭ يەنىمۇ نادىر تېمىلارنى يوللىشىڭىزغا تەشنامىز . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-21 12:59
|
|