پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 49|ئىنكاس: 2

نەزىرىمدىكى بەخت ئۇقۇمى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 19:13:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھاياتتا ئارزۇيۇڭ باشقا تەقدىرىڭ باشقا بۇلىدىكەن ،ئۆزۈڭ خالىمايدىغان ئىشلار سىنى خوشال قىلىدىكەن ،ئۆزۇڭ ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەر سەندىن يىراق بۇلىدىكەن ،سەن ئۆمرۈڭدە ساڭا تەۋە بولمايدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن جان بىرىدىكەنسەن ،قۇربىڭ يەتمەيدىغان ئىشلار ساڭا ھۇزۇر بىلىنىدىكەن بىراق سەن يەنىلا ئىزدەيسەن سىنىڭ ئۆمرۈڭ بەخىت ئىزدەش ئۈچۈن ئۆتىدۇ . ئۆزۇڭنىڭ قانچىلىك بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيسەن،بىلسەڭمۇ  شۈكرى قىلمايسەن  شۇڭا ئىنسانلارنىڭ  ھېچقانداق قانائىتى ھاسىل بولمايدۇ   بەخىت ئىچىدە تۇرۇپ بەخىت ئىزدەيسەن  .
بەختلىكلەر بەخت ئىچىدە تۇرۇپ بەختنىڭ نېمىلكىنى ھېس قىلىشى قىيىن . مەن ئۆزۈمچە ئىنسانلارنى ناشۈكۈرلۈكتە ئەيىبلەيمەن .
بىراق ، كونىلار : « كەينىڭدىكىلەرگە قاراپ شۈكرى قىل ، ئالدىڭدىكىلەرگە قاراپ پىكىر قىل » دەپ ئېيىتقان .
بەخت ئۇقۇمى –ھەممە كىشىدە ئوخشاش بولۇشى ناتايىن . بۇنى شۇ كىشىنىڭ ياشاش شارائىتى ، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ھالەتلىرى ...قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
شۇنداق كىشىلەر باركى ، توختاۋسىز ئىزدىنىدۇ ، تىرىشىدۇ ، قىيىن ئكتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ . ئالدىغا يولۇققان قىيىن ئۆتكەللەر ، غەم-قايغۇ ، دەرت-ئەلەملەر ئالدىدا ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن سەبرى قىلىدۇ ۋە كۆپ « شۈكرى » قىلىدۇ . ياراتقۇچىدىن تىلەش بىلەن بىرگە تىنىمسىز ئەجىر قىلىدۇ . نەتىجىدە قىيىنچىلىقلىرى بىر-بىرلەپ تۈگەيدۇ –ئاخىرلىشىدۇ .
ھەر بىر ئىشتا ، ھەر بىر سۆزدە ، ھەر بىر جايدا ئۆزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ، نەگە قايتىپ بارىدىغانلىقىنى زىنھار ئۇنتۇپ قالمايدۇ . دېمەك ، ھاياتتا ھوشيار تۇرىدۇ ، غاپىل بولمايدۇ .
باشقىلارنىڭ ئۆسەك سۆزلىرىگە پىسەنىت قىلمايدۇ . باشقىلار شان-شەرەپ قۇچسا ، بەخت-ئامەتكە ئېرىشسە چىدىماسلىق ، ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ بەلكى باشقىلار ئۈچۈن خوشال بولىدۇ ۋە ئېسىل تىلەكلەرنى تىلەيدۇ .
مانا بۇلار مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر ۋە مەن ئەزىزلەيدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى .
يەنە بەزىلەر باركى ، ئۆتۈش قىيىن بولغان تاغ-داۋانلارغا يولۇققاندا بۈيۈك كۆككە قاراپ توختىماستىن دۇئا قىلىدۇ ، مەغپىرەت تىلەيدۇ .
ئۆتكەللەردىن تىنىچ-ئامان ئۆتۈۋالغاندىن ھەممىنى ئۇنتۇپ ، كەيىپ-ساپا ، ئەيىش-ئىشرەت ۋە ئاخىرى چىقماس دۇنيا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ .
كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ ، ۋاقتىمىز بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتىدۇ . بىر ۋاقىتلاردا مەن سىزلەرگە ئوخشاش تۇيغۇلىرى چاپچىپ تۇرىدىغان ئۆسمۈرلەردىن ۋە بەردەم يىگىتلەردىن ئىدىم . ۋاقىت ھەممىنى ھەدىيە قىلدى ؛ يەنى مۇكەممەللىكنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈنسېرى خوراۋاتقان ئۆمۈر بايلىقىنىڭ تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ قەدىرلەش لازىملىقىنى ئۇقتۇردى .
ھايات كۈيلىرى توختىماي جاراڭلاۋاتىدۇ : قاياقتىندۇر تاشمۇھەممەت باتۇرنىڭ «ھايات دېگەن مانا شۇ ! » ناملىق ناخشىسى ياڭرىماقتا ؛
ھەر بىر كۈن ئۈچۈن ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە چوڭقۇر خىياللار قاينىمىغا چۈشمەستىن بۇرۇن ئەھمىيەتلىك مەنىلەرنى ، ئۆچمەس ئىزلارنى بېسىش كېرەك ، شۇندىلا كۈنلەر تېخىمۇ بەرىكەتكە تولغۇسى .
ئادەم ئاتىدىن باشلانغان بۇ قىممەتلىك ھايات باشلىنىشى بولغاندەك ئاخىرلىشىشىمۇ بەرھەق . بېشى بار نەرسىنىڭ ئاخىرىمۇ چوقۇم بولىدۇ .
ئۆمۈرنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە !
بىراق ، بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس !!!
ئۆتۈپ كەتكەن گۈزەل ۋاقىتلارغا ، ياشلىق مەزگىللەرگە ئاھ ئۇرۇش نە ھاجەت ؟! ئۇ ئۆتمۈشكە ئايلاندى . كەلگۈسى ئەمدى ئۆمۈرنىڭ جانلىق يېرى ، ئويلىنىشقا ، ئەھمىيەت بېرىشكە ، قۇربان بېرىشكە تېگىشلىك مۇددىتى .
غايىبانە ھېس-تۇيغۇلار  گۈزەل تۇرمۇشقا بىرلىشىپ ئىنساننى يەنىمۇ پارلاق ، بۈيۈك بولغان كەلگۈسىنى يارىتىشقا ، ئالغا ئىلگىرلەشكە ئۈندىمەكتە .
...

مەنبە-ئۆزۈمنىڭ ھېسلىرى
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 00:30:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەر ئەپەندىم مۇنبەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئۈزىڭىزنىڭ بىركىشلىك توھپىسىنى قۇشۇۋاتىسىز. ئۆز ھىسلىرىڭىزنى دادىل قۇيۇپسىز، تىرشىڭ. بايقاشنى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈشكە تىرشايلى. رەخمەت سىزگە.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 16:50:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئىيتىدۇ،بايقاشنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىڭىزنى قوشىۋاتىسىز!
تىخىمۇ نادىر تىمىلارنى يوللىشىڭىزغا تىلەكداشمىز!!!
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:41, Processed in 0.130650 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش