پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 81|ئىنكاس: 5

ۋاقىتقا تەسەللى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 19:12:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقىتقا تەسەللى  





ئېغىر تىنىق ئۇھسىنغان چىراي،  
ۋاقىت بىلەن قالدى مۇڭدۇشۇپ،  
يول بويىدا ئولتۇرغان بوۋاي.  
ئۆتمۈش.  
توپىلق يول.  
كونا ھارۋا.  
ئاچ قالغان بالا.  
مۇزدەك سوغۇق قول،  
ئىللىمىغان قۇياش نۇرىدا.  
يوقاپ كەتتى تۇنۇش بىرسادا،  
ۋاقىتنىڭ سۈزۈك قولىدا.  
ئۇبىر ئاقساقال بوۋاي،  
كۈرەشچان ئاتا.  

تۇغۇلغاندايىغلاپ بىر بۇۋاق،  
كۈلۈشىدۇ ھەممەيلەن ئۇزاق.  
بىركۈنى كۈلۈمسىرەپ كەتكەندە ئۇ،  
قالىدۇ ھەممەيلەن يىغلاپ.  
ئېھ ۋاقىت!  
ئوڭ قولۇڭ ئىللىق،  
سول قولۇڭ سوغۇق.  
سەن بىر چۈچۈك كۈي،  
تاكىتىڭمۇ يوق.  

خەرىتە.  
يوچۇن ئۇھسىنىش.  
كالتە يوپكا ،  
زامانىۋىلىشىش.  
بۇ بىر ئېغىر چۈش.  
ئايپاڭۋاش يىگىت،  
ئەر چىقمىغان قىز.  
ۋاقىتنىڭ سىدام چاقچىقى،  
ئېتىلماقتا بىزگە شۇنچە تېز.  

بەزىلەر كىتاپخانىدا،  
بەزىلەر ئىشرەتخانىدا،  
كۆڭۈل ئاچماقتا.  
تۇرمۇشنىڭ رەڭلىرى بىلەن،  
ئۈزىگە تارىخ يازماقتا.  
بىرتوپ قىزلار،  
ھېچ كىشىدىن قىلماستىن ھايا،  
ئولتۇرىدۇمىھمانخانىدا.  
سېتىلغان ئەخلاق،  
يىغلىماقتا ئۈن سېلىپ راسا.  
تارىم غۇنچىلىرى نەشىر قىلىنىش ئالدىدا،  
ئۇلارنىڭ كەينىدىكى كوچىدا.  
بۇنىڭ بىلەن كارى يوق،  
بىرنەچچە يىگىت ،ئىپپەتسىز ئاتا،  
كىرىپ كەتتى ئەشۇ ياتاققا.  
ۋاقىت بۇلارغا غەزەپ بىلەن قاراپ تۇرماقتا.  
ئېھ ۋاقىت!ئۆزۈڭنى تۇتىۋال.  
ئۇلارنى ئازدۇرغىنى شەھۋەت،  
ياكى تۇرمۇش غېمىدۇر پەقەت.  
يىل ئوغلۇڭ ئۆتىۋېرىدۇ.  
ئۇنۇرغۇن نەرسىنى ئۆزگەرتىدۇ.  
سېنىڭ ئۇزۇن مىسرالىرىڭ ئۇلارنى قېرىتىدۇ.  
ئۇلارمۇ ھامىنى چۈشىنىدۇ.  
كىشىلەر جەمىيەتنىڭ مەسئۇلى،  
ئۇلار جەمىيەتنى كۈزىتىدۇ.  
ئاندىن ئۆزىنى تۈزىتىدۇ.  
بۇنىڭغا ئىشەن!  





مەنبەسى:قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مەمەتقۇربان مەتتۇرسۇن

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 00:31:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز .تىرشىڭ .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 01:44:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ چاچما شىئېر ياخشى يېزىلىپتۇ....ۋاقىت كىتىۋاتىدۇ ،بىز نىمە قىلىۋاتىمىز ...
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
246 سەر
تىللا
173 دانە
تۆھپە
129 سەر
شۆھرەت
126 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 11:26:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت رەھىمسىزدۇر،ئۇ ھەممە نەرسىنى بىزدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشتۇرىدۇ،

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 16:52:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورۇنلۇق ئادەمنى خاراپلاشتۇرىدۇ،تىرىشچانلىق ئادەمنى ھەر ۋاقىت ئالغا باستۇرىدۇ.
ناھايىت ىياخشى تىما يوللاپسىز!!!رەخمەت سىزگە!!!
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1681 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 22:16:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەتلىك .ناھايتى ياخشى شىئىركەن .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:46, Processed in 0.135262 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش