پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 4

بىر سائىلنىڭ رىسالىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 19:09:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر سائىلنىڭ رىسالىسى


روزى سايىت

قول ، پۇتى ساق ، قەلبى چولاق توكۇرمەن ،
غۇرۇر سېتىپ مۇتقا ، توقۇم توقۇرمەن .
سىياقىمدا بىچارىلىك ، مىسكىنلىك ،
بارغان يەردىن « چالما » يۈدۈپ قوپۇرمەن .
پارچە-پۇرات سەدىقىگە خوشۇم يوق ،
چوڭ-چوڭ بەرسە ئاندىن رەھمەت ئوقۇرمەن .
ساددىلارغا ئېيتارىم شۇ :« دادام يوق ،
پۇلسىز ، كېسەل -ئۈچەيلىرىم سوقۇرمەن .
ئانام قارىغۇ ، ئاكام پالەچ ، ئىنىم گاس ،
ئاھ ، نامراتلىق ...» دەيمەن تىنىپ چوڭقۇر مەن .
« سېخىيلارنىڭ جايى جەننەت ! » شۇ گەپتە
يانچۇقىنىڭ ئاغزى چىڭنى نوقۇرمەن .
ئالىقان ئېچىپ ، دۇئا چېچىپ ، كۆز ياشلاپ ،
بەرمەسلەرنىڭ ئىنسابىنى چوقۇرمەن .
خەقنى ئالداپ تاپقىنىمنى ھەر ئاخشام
تاۋىكاغا خەجلەيدىغان موخۇرمەن .
ئاكام تىمەن ، ئانام ساپمۇساق ، دادام بار ،
( ئاغزى شالتاق ، لەۋزى يالغان كۇپۇرمەن ) .
ياتار جايىم تۇغ-شەددىلىك گۈمبەزدە ،
نىكاھىمدا ئىككى خوتۇن-پوخۇرمەن ...
قول قاپارتىپ يۈرمىسەممۇ ، يېنىم توم ،
رىزقى كەڭرى ، ئەقلى چولتا « خور-خور » (1) مەن .
باغرى يۇمشاق مىللىتىم بار بەرگىلى ،
بەرگەنسېرى قىچىشقاقتەك يۇقۇرمەن .
نامىم سائىل ، ھېچنەرسىدىن كېمىم يوق ،
خۇدا بەرگەن «ھالى ئېگىز ئوقۇر » مەن .
كېمىمغۇ يوق ، يۈرەك پوك-پوك غېمىم بار ،
يۇرت شەنىگە  داغ ، ساقايماس قوتۇرمەن .
دەپ قالسا ئەل : « ئىشلەپ يېگىن ئالدامچى ! »
ھالىم چاتاق ، ئۇچاغ ئوپۇر-توپۇرمەن ...
« ئانا تىلىم زەر تىلىم » دىن ئېلىندى.

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 00:33:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم رۇزى سايىتنىڭ شىئىېرلىرىنى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن.  مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولغاي. ياخشى تەربىيەۋىي ئەھمىيتى بار شىر يوللاپسىز.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 4

قىزغىنلىق
717 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
43 سەر
شۆھرەت
43 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 05:46:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى يوللىغىنىڭىنىزغا رەھمەت.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 12:29:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىكنىڭ نادىر شىئىرىدىن بىرنى بىزلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت.
بەك خۇشھال بولدۇم.
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.

Rank: 4

قىزغىنلىق
830 سەر
تىللا
9 دانە
تۆھپە
92 سەر
شۆھرەت
99 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 12:50:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن مەشھۇر دېھققان شائىرى رۇزى سايىت شىئىرلىرىنى. شائىرنىڭ ئۆتكۇر پىكىرلىك دۇردانىللىرىنى ئوقىغان ۋاقتىمدا خىيالغا پېتىپلا قالىمەن. رەخمەت سىزگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:45, Processed in 0.132117 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش