پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 4

كىچىككىنە يېزا بازىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 19:06:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىچىككىنە يېزا بازىرى




ئادىل تۇنىياز



بۈگۈن سەھەردە ،
قۇياش سۇنغان ئاق گۈلچەمبىرەك
ياراشقاندا مۇز دېرىزەمگە ؛
تىرىلگەندەك قارلىق دالىغا
دەپىن قىلغان كېپەنلىك باھار ،
ئەسلىمەمنىڭ تاش ئەينىكىگە
ئېقىپ چۈشتى ئۇزۇن بىر سايە .
قەلبىم شۇئان يىرتىپ تۇماننى
ئەرۋاھ كەبى چىقتى ئايلىنىپ ،
كىچىككىنە يېزا بازىرىنى .

كىچىككىنە يېزا بازىرى ،
سالام سېنىڭ چوغدەك تېڭىڭغا .
كۆڭلەپ كىيىپ شايى تۈتۈندىن ،
سەھرادىكى قىزغۇچ تۇماندا ،
ئۇخلاۋاتقان كۆپكۆك ھاۋاغا .
سالام ئېگىز تېرەكلىرىڭگە –
زەر قاناتلىق يىڭناغۇچلاردەك ،
قونۇۋالغان كۈن نۇرلىرىغا .
سالام كېچىدە قۇياشنى چۈشەپ
تام تۈۋىدە سوزۇپ چىللىغان
شاھزادىدەك خورازلىرىڭغا .
سالام ئىشىكنى غىچىرلاپ ئېچىپ
ئىبادەتكە ماڭغان بوۋايغا .

ئەنە ،
تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدىكى
چاك كەتكەن تام تۈۋىدە ،
ياغلىق سېلىپ رەڭدار بۇلۇتتەك ،
چىنىلەرنى تىزىپ ئۈستىگە ،
ئولتۇرىدۇ قېتىقچى قىزلار .
تورغاي يول ئالماستا يول ئالغان تۇزچى ،
تاش تۇز باسقان ئېشەك ھارۋىنى ،
بازار چېتىگە كېلىدۇ ھەيدەپ .
كىيىملىرى جۇلجۇل قەلەندەر
چاپاق باسقان كۆزىنى ئېچىپ ،
تام تۈۋىدە كۆردى بۈگۈنمۇ ،
تۈنۈگۈنكى سېخىي قۇياشنى .

ئەنە ،
تورۇسى ئىسلاشقان خۇشىۇي چايخانا ،
سالام بېرەر خېرىدار تاڭغا .
تەمبۇرچىدەك مۇڭلۇق ئاۋازدا
ساماۋەردە ناخشا ئېيتار چاي .
كالا سۇغارغىلى بېرىپ گۇگۇمدا ،
كۆل بويىدا يىگىتى بىلەن
ئۇچرىشىپ قالغان سەھرا قىزىدەك –
تونۇردىن چىققان پا – پا گىردىلەر
مەڭزى چوغدەك قىزارغىنىچە
سېۋەتلەردىن باقار ئۇياتچان .

تۇرىدۇ بىر قىز ،
ساتماق بولۇپ دوقمۇشتا ،
سۈبھى پەيتى قوناقلىقىدىن
ئېلىپ كەلگەن بىر تاغار ئوتنى .
قىزىل گۈلدەك خۇشبۇي ھاۋا ھەم
كەڭ دالىنىڭ مەيىن شامىلى
چەمبىرەكتەك ئايلىنار ئۇنى .
سالۋا تەلپەكلىك دېھقان ،
بېدە باسقان كالا ھارۋىغا ،
ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن تاڭدىكى
جىگدە چېچەكلىرىنىڭ ئىللىق پۇرىقى
كوچىلارغا چاچار خۇش پۇراق .
يېقىن يېزىنىڭ باغۋىنى ئەنە
شاپتۇل ساتقىلى كىردى سەھەردە ،
شاپتۇل چېچىكىدەك ھالرەڭ سۈبھىنى
سېتىۋەتتى غۇۋا شەھەرگە .
سېتىۋەتتى ئالمىچى يىگىت ،
ئوسما قويغان قاشلىق جۇۋانغا ،
سېۋەتتىكى ئالمىلا ئەمەس ،
ككڭلىدىكى ئالمىلارنىمۇ .

سالام ، ئاشۇ يېزا بازىرىدىكى
كۆكتاتچى مومايلار ، گۈل ساتقۇچىلار ،
كۆكسى لەڭپۇڭدەك لىغىرلاپ تۇرغان
ھېسىپچى ئاياللار ، لەڭپۇڭچى قىزلار .
سالام ، شاۋقۇنلۇق ئاشپۇزۇلدىكى
ئۇسسۇلچى چۆمۈچلەر ، ناخشىچى سەيلەر .
سالام ، كاۋاپداندا پىچىرلاۋاتقان
ئىخلاسمەن كاۋاپلار ، ئەۋلىيا چوغلار .
سالام ، بەك يىراق جاڭگالدىن كەلگەن
ساقىلى بېدىدەك بورا ساتقۇچى .
سالام ، زوڭزىيىپ كۈپ تاللاۋاتقان
قېشى ئاق ، كۆڭلى ئاق ، ئۈستىبېشى ئاق
ئاق ئۇنغا مىلەنگەن نۇرلۇق تۈگمەنچى .
سالام ، تاش تۈۋىدە ئولتۇرغان چوكان ،
سالام ساتالماي قالغان تۇخۇملىرىڭغا .
سالام ماي چاپانلىق جۇۋازچى بوۋاي ،
سالام ، ماي قاپىقىڭغا ، جۇۋاز كالاڭغا .
ئۆمۈچۈك تورلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان
سالام قاراڭغۇ جۇۋازخاناڭغا .
سالام ، ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن
ئاققوناق ساتقۇچى ، بۇغداي ساتقۇچى .
خالتا كۆڭلىكىڭگە ياماقلار چۈشكەن ،
مال بازىرىدا تۆگە يېتىلەپ
كېتىۋاتقان تۆگە باققۇچى .
سالام ، يالاڭئاياغ سەھرا قىزىنىڭ
ئالدىغا تىزىقلىق باغلام ۋە باغلام
قۇرۇتۇپ ئېپكەلگەن ياۋا سۈپۈرگە .
سالام شۇ سۈپۈرگە چېچەكلەپ ئۆسكەن
شاماللىق دالىغا ، ئاق كۆڭۈل كۈنگە .
سالام شۇ يەردىكى قەدىم پوسۇندا
سېلىنغان قەۋەتسىز ئاددىي ئۆيلەرگە .
سالام شۇ ئۆينىڭ تەكچىلىرىگە
باھاردەك-باھاردەك تىزىپ قويۇلغان
سۆگەتگۈل ، ئەتىرگۈل قوناقگۈللەرگە .
سالام سۆيۈملۈك يېزا بازىرىدىكى
پەردازسىز ، گىرىمسىز بوۋاقتەك دۇنيا ،
سالام ، ئۇندىكى ھەممە-ھەممىگە .

كىچىككىنە يېزا بازىرى

1990-يىل 3-ئاي ، ئۈرۈمچى




مەنبە:دېڭىزدىكى كوچا

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 00:34:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە كوپ جاپاچىكىپسىز.

باھا سۆز

ياشنار زەپەر ئەپەندى سىز بىر مۇنبەر باشلىقى بولۇش سۈپتىڭىز بىلەن ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلمىسىڭىز باشقىلارغا نى تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 10:09:24
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
765 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
549 سەر
شۆھرەت
658 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 10:09:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2012-7-21 00:34
رەخمەت سىزگە كوپ جاپاچىكىپسىز.

زەپەر ئەپەندى سىز بىر مۇنبەر باشلىقى بولۇش سۈپتىڭىز بىلەن ئىملا خاتالىقىغا  دىققەت قىلمىسىڭىز باشقىلارغا نىمە ئامال
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 16:53:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان شىئىر ئىكەن كۆپ جاپا چىكىپسىز!!!رەخمەت سىزگە،
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 17:00:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنۇ كەۋسەرجاننىڭ شىئېرلىرى بەك تاتلىق دىسە...ھارمىغايسىز !
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:39, Processed in 0.151875 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش