- تىزىملاتقان
- 2012-5-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 10340
- نادىر
- 3
- تېما
- 133
- يازما
- 943
  
- يوقلىما
- 126
قىزغىنلىق- 2734 سەر
تىللا- 435 دانە
تۆھپە- 1669 سەر
شۆھرەت- 1810 سەر
         
| ئەجىر ۋە مېھنەت

بىر نامرات ئەر-خوتۇن بۇلۇپ، ئەر مىڭ مۇشەققەتتە تاغدىن ئوتۇن تېرىپ كېلىپ جان باقاتتى. ئۇ مىڭ تەستە ئوتۇن تېرىپ كەلسە، خوتۇنى ئوتۇنلارنى بىردەمدىلا قۇلۇم-قوشنىلىرىغا تارقىتىۋېتەتتى. قۇلۇم-قوشنىلارمۇ تەييارغا ھەييار بولۇپ، ئوتۇن تېرىپ كېلىشنى ئويلاشماي، قوشنىسىنىڭ ئوتۇن تېرىپ كېلىشىنى كۈتىدىغان بولۇۋالدى. بىر كۈنى ئېرى خوتۇنىنىڭ قىلىقىغا ئاچچىقى كېلىپ، ئوتۇن تېرىپ كېلىشكە ئۇنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار كەچ كىرگىچە مىڭ تەستە ئىككى باغلام ئوتۇن تېرىپ كەلدى. ئايال جاپانى يەتكۈدەك تارتىپ، قارا تەرگە چۆمدى، قاتتىق ئۇسسىدى، چارچىدى،ئوتۇن تېرىشنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ئەتىسى ئەتىگەندىلا قوشنىلار يەنە ئوتۇن سوراپ كىردى. -كەچۈرۈڭلار، ئوزۈم تەرگەن ئوتۇندىن بىر تالنىمۇ بەرمەيمەن، ئېرىمنىڭكىگە مەن قول تەگكۈزەلمەيمەن، ئوتۇن كېرەك بولسا، ئۆزۈڭلار تاغقا بېرىپ تېرىپ كېلىڭلار،-دېدى. قوشنىلار ئۇنىڭدىن بىر مۇنچە رەنجىپ، قېيداپ تاغقا مېڭىشتى. ئۇلار مىڭبىر جاپادا ئوتۇن يىغىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاران قايتىپ كېلىشتى. بۇ جەرياندا ئۇلار قوشنىسىنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىدىغانلىقىنى چۈشەندى ھەمدە ئۇنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ئېيتىپ، دەرھال ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى. ئەجىر سىڭدۇرمەي تۇرۇپ، ھالاۋەت كۆرگىلى بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ جاپاسىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ،جاپانىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە بۇ بىر ساۋاق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
قەدىرلىك دوستۇم سىزمۇ بايقاشنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئازراق ئەجىر سىڭدۇرۇڭ شۇندىلا ئەجرىڭىزنىڭ مىۋىسىنى كۆرەلەيسىز ھەم باشقىلارنىڭمۇ ئەمگىكىنىڭ مىۋىسىنىدىن ھۆزۇرلىنالايسىز . مەنبە : ئامانلىق ژۇرنىلى . ئىمىنجان قۇربان تەرجىمىسى
 |
|