پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 1

چىش يۇدۇرۇش[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 18:09:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىش ئاستىدا

            
  كاۋاك مىنۇتلار
كۈنلەر ئۆتەر سۇنغاندەك سەدەپ .
چول تەگمەيدۇ ھەر يوغان ئىشقا ،
ئاۋارە بىز كىچىك بىر چىشقا ،
كېسىلىمىز كەتكەندەك ئەدەپ .

جېنىمىزدىن چېچىمىزغىچە
سەن ھەدىيە قىلىپسەن بىزگە ،
بىلمەي قاپتۇق ساقلىقتا ھەجەپ .

چىش دوختۇرى ئاق ئەتىرگۈل قىز
نۇرى چۈشۈپ چاقنايدۇ پولدا ،
دۈپۈلدەيدۇ يۈرىكىم تېز-تېز
بىر مالائىك ئامبۇرى قولدا .

چىشلىرىمنى كۆرمەكتە بېقىپ
مەن گوياكى قۇل بازىرىدا ،
نۇر زەنجىرى مەيدەمگە چۈشكەن .
ئورۇندۇقتا خۇشيېقىپ يېتىپ
مەدەنىي بىر جازانى كۈتكەن .

بىز ئىنسانلار كۆنۈك بۇ ئىشقا
ئاستا ، سىلىق ، تەرتىپلىك ، خۇرسەن
جاننى ئالسا تەگمەستىن چىشقا .

گىژىلدايدۇ چىش يۇچ ئەسۋاب ،
قىزنىڭ قولى ئاغرىتار يۇمشاق .
كۆكرەكلىرى تېگەر يۈزۈمگە
قىلالمايمەن بىراق مەن ئۇنداق ...
يېتىپ بەردىم پەقەت ياغاچتەك
مانا تىرىك ياغاچ بىز شۇنداق .

شىلدىرلىغان خالاتمۇ ، ياپراق ؟
شاياتۇنمۇ ، ھۆرمۇ بۇ قىزچاق ؟
بولدى ،جاننى ئالساڭچۇ پاتراق !

يىلتىزسىز گۈل ،
مېڭىپ كەتتى مەر مەر ئۈستىدە
ئويغاق ياتقان شائىر چۈشىدە .

2004-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى

"دېڭىزدىكى كوچا " دىن ئېلىندى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەۋسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-19 18:10  

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 19:33:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەر ئەپەندىم بەك ياىشى تىمىلانى يوللاۋاتىسىز . رەخمەت سىزگە.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:55, Processed in 0.134542 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش