ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نادىر شېئىرلار توپلىمى
ۋەتەنسىزنىڭ ۋەتىنى ئوسمان زاﻫىر
ھىچكىمگە تىنمىدىم بۇ كەلگۈلۈكنى، بىر قەبرە كولانغان بوسۇغامغىلا. چىن مودەن، مەرداننى ساقلىدى باغداش، ئىختىرا سۆيگۈ بۇ قۇمۇللۇق قىلغان. ئورۇلغان 66 جان، بۇغدايدەك، ئۆمەرنىڭ تىغىغا بەرگەن جاسارەت. ھەرياندىن سوقىدۇ ياچى، چېرىكنى شېھىتنىڭ قېنىدىن كەتمەس ھارارەت. سۇغۇرۇپ ئالغاندا يۈرەك باغرىنى، مىت قىلىپ قويمىغان كۆزىنى راجى. سۆزلەيدۇ ئاقچۇق سېيىدا بىر ئەرۋاھ:- « ياچىنى ساتقىنى خائىن سامانچى». رەڭ بەردى قەبرىگە، يېشىل گۈمبەزگە، پالۋاننىڭ ئارمىنى، يۇلغۇن گۈللىرى. زىنداندا چۈمۈلە بىلەن گەپلەشكەن، توختىنىڭ يولىدا قاۋان كۆپ ئىدى
ئەرنىڭ ئىپپىتى خوجىمۇھەممەد مۇھەممەد *********** كۈلسە لەۋلىرىدە گۈللەر ئېچىلار يىغلىسا كۆزلىرىدىن ئۈنچە چىچىلار ماڭسا ئايىغىدىن تىللا تۈكۈلەر نەدىسەن مىنىڭ گۈزەل مەلىكەم ؟ *********** خوتەن دەشتىدە مەن پىيادە ھاسام ئۇپرىدى قۇياش كۆزىدە . ئولتۇرۇپ ئەڭ ئىگىز بىنانىڭ پەلەمپىيىدە تاكسىدىن چۈشۈۋاتقان ، ئىشتان كىيمىگەن قىزلار ئىچىدە سىنى بارمىكىن دەپ قاراپ قالىمەن . *********** قاتتىق ھاقارەتتىن يۈزلىرىم چىم - چىم ئانا گۆشى ساتماقتا بىر كىم سەن تېخى قاندىن قورقىدىغانلىقىڭنى بىلمەيتتىڭ دەرەخ شىخىدىكى ۋىجرانكار كاككۇك مىنىڭ ساڭا چاڭقاشلىرىمنى چۈشىنەر بەلكىم . *********** سەن بىلمەيسەن بۇ يەردە ئۇر توخماق ئەسەبىيلىشىپ ئۆز ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى . ئېچىل داستىخان ئېچىلىۋېرىپ قۇرۇتىۋەتتى ئېتىزدىكى ئاخىرقى داننى . ساڭقاڭ ئىشىكىم ئوغرىلاندى ، تەڭەىلەرنىڭ شاراقلىشىدىن كىلەر ئۇنىڭ تاياق ئازابىدا ھاڭرىغان ئۈنى . چۈشۈپ ئاسماندىن ياغاچ ئاتقا مىنگەن شاھزادە سېتىۋەتتى ئاچلىقتىن ئېتىنى ئۇتۇن بازىرىدا. پادىچى تازنىڭ مەلىكىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزلەپ تۇرغىنىنى كۆردۈم كىتاپخانىدا پەرھاد ئون يىل تەشتى بىتون ئەمەس شىرىن تېغىنى غېرىپ پالاندى چۆلگە ئەمەس سەنەمنىڭ مۈشكۈل مۇھەببىتىگە تاھىر ئاقتى دەريادا ئەمەس زۆھرەنىڭ كۆز ياشلىرىدا چۈشەنمەيدۇ بۇنى مەڭگۈ ئاشىقتىن ئۆزگە . سەن نەدە قەدىمدىنمۇ يىراق بىر يەردە دەرەخ كاۋىكىدا مىنى ساقلاپ تۇرامسەن ؟ ئاسمان ، دىڭىز ، تاغ تۇغۇلامدۇ ئۈچ ئوغلۇم قايتا ؟..... ئۇلارنى سەن تۇغۇپ بىرەمسەن ؟.... مەن ئۇرۇق ، ئاچ مەن ساڭا خۇمار ئەرلەر ئىپپىتىنى يوقاتقىلى بولدى يۈز يىللار . رادىئو جىنسىي كىسەل توغرۇلۇق بەرمەكتە ئىلان ئەرلەرنى چۈچۈتكىنى ئىلان ئەمەس قەرز سۈيلەۋاتقان تەلۋە ئايللار . *********** ۋەتەن ئەرنىڭ ئىپپىتى *********** ۋەتەن ئەرنىڭ ياتلاشقان ئىتىقاتىدا سۇسلاشقان ئىمانىدا داتلاشقان پىچىقىدا چاڭقاپ ياتقان بىر سىقىم تۇپراق قانغا ، ۋىجدانغا *********** قورقۇپ كەتتىم ئۈمىدسىزلىكنىڭ يۈرىكىمنى لەختە- لەختە قىلىپ ئۇھسىنىشلىرىدىن ئايال كۆز يېشىنىڭ مۇشتۇملىرىنى تۈگۈشلىرىدىن ئىشتان بىغىغا قول ئۇزارتقاندا پۈتمەس قەرزلەرنىڭ ئەسەبلىرىمنى بوشىتىشلىرىدىن . ئاھ مىنىڭ گۈزەل مەلىكەم كۈلمەي ، يىغلىماي ، ماڭماي مىنى ساقلاپ تۇرامسەن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە. *********** بۇ ئەسەبىي بىر نالە جىمجىت ئاخشام زۇلمىتىدە كىيىندىم رەزىللىككە چوڭقۇر چۈكۈپ ئىزدەپ ئابى ھاياتنى ئاتا مەڭگۈ مۇڭلۇق يىغلار ، ئاتا ئىزلەر ئىرادە كۆردۈم بوۋاق چۈشلىرىدىن سانسىز يۇمران قاناتنى ئەرلەر ياسار جىنازا بۈشۈك بىلەن تەڭ تەۋرىنىپ ئۇخلىماقتا ئاياللار . ئاھۇ قانداق جان تاپشۇرغان سەييادقا قىنى بۆرە ئۇشۇقى قىمارۋازنىڭ تاۋكاسىدا سەكرەپ يۈرەر بىقارار . *********** سىم - سىم گۇگۇم تىرەك ئۇچىدىن سەكرەپ چۈشەر ئاق ئۆچكە ئوتتىن قېچىپ ئادەملەرگە كىرەر جىنلار پاتپاراق. يالغان سۆزنىڭ راسلىقىنى ئىسپاتلاشقا چارە كۆپ ، ئەيلەر كۆز ياش رىئاللىقنى يىرگىنىشلىك ۋە پاتقاق . مايمۇن كىشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال خۇرام قامچىغا ، تۆگە كىلەر مەردانە ھەم قۇتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە . كۆڭلەك سالار ئاي ئىچىدە ئەفسانە قىز نازلىنىپ ، مىليۇن ئاشىق قۇرۇپ ئۆلەر نىسى لەززەت ئىچىدە . مۇھەببەتنىڭ رەسۋالىقى شۇنچە ئايان بولسىمۇ قەسەملەردەك قاتتىق قاندىن قاچار خىيال يولۋاستەك . كونا ئايال يامار جۇل - جۇل يىرتىلغان شۇ كۆڭلنى قارا قاغىنىڭ مەدھىيىسىدە قاقاقلاپ ئېچىلىۋاتقان تاز گۈلدەك . *********** كۈندىن كۈنگە ئىگىزلىمەكتە بىنا كەبى جىنايەت تۈزلەنمەكتە جان دۆڭلىرى زەنجىر تاپان ئاستىدا . بىر كىشىدىن باشقا ھېچكىشى يوق بىر كىشىگە تۇلۇپ كەتكەن چەكسىز دۇنيادا . *********** كىلەر كىمنىڭ ئاتقا مىنگۈسى كىلەر كىمنىڭ نەغمە ئاڭلاپ سۇيۇقلانغۇسى ئۈلۈك ئادەم كۈتۈرمەيدۇ ئۈلۈكلەرنىڭ جىنازىسىنى كىلەر كىمنىڭ جەينامازدا ۋارقىرىمىغۇسى . *********** بۇ ئەسەبىي بىر نالە بۇ كۈڭۈلدىن سۇ ئىچەلمەي چېقىلغان تاش پىيالە تاڭ ئاتىدۇ غەرپ قىزارسا كۆز تىكەرمەن شەرققە . ***********
ﻫىچكىم يوق ئابدىقادىر جالالىدىن
شاۋقۇنلارنىڭ تىلسىمىدا ئۆزۈمنى تىڭشىدىم، ئاۋازىمنى كەستى ئاپلېسىن رەڭگى. ئۇنتۇلماقتىمەن ئاۋات كوچا چىرىغىدەك، كىرىۋالىمەن كەچ كۈزنىڭ تىترەك قوينىغا. ھاۋا سوغۇق، ئاۋازلارغا ئايلانغان كۈنۈم، توڭلاپ كەتتىم سايىلەرنىڭ يامراشلىرىدىن. كالا گۆشى سۇيۇقئېشى تۇرار ھورلىنىپ قۇچاقلىدى بىر قۇيۇن ئەخلەت دۆۋىسىنى. شاكىلات ھەم شىرشىم كەمپۈت قەغەزلىرى نۇر بەھرىدە ئۈزەر ئىدى بېلىقانلاردەك. مېڭىپ يۈردۈم مىغ- مىغ ئادەم ئارىسىدا، ئەركىنلىكىم، سۆيگىنىم پەلەك سىرتىدا. قەلبىمدىكى كۈي قۇشلىرى تاشتىن يىراق، ئورماندىكى سۆگەت شېخىدا قەسەملەرگە ئوخشىغان ۋارقىراشلىرىم پىتنىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى ۋاقىتقا. كىم ئۇ بۇلبۇللارنى مىتالدىن ياساپ ئېسىپ قويغان بوتكىلارنىڭ ئەينەكلىرىگە؟ كىم ئۇ پەرىشتىنىڭ ھەيكەللىرىنى ئۇزۇن بامبۇك تايىقىدا كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىر توپ ئالساڭ ئالتە كوي دېگەن؟ يەر ئاستى ئۆتۈشمىنىڭ پەشتىقىدا كىم ئۇ كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە ئالدىراش ئادەملەرگە غىجەك چالغان ئاقارماقتا پۇل بىلەن ۋەھشىي داغلار كىتابنى دۇربۇن قىلىپ بىر سەنئەتكار ساناپ باقتى بانكىنىڭ پەلەمپىيىنى ئاياللار كۆنمەيدۇ گۈزەللىكىنى شائىرلارنىڭ پۈكۈلۈپ كۈيلەشلىرىگە ئۇلار ئۇسسۇل ئوينار ھۆپىگەرلەرنىڭ پۇلنى كاناي قىلىپ پۈۋلەشلىرىگە ئەمما، شائىرلار بەك سۆيگۈگە مۇھتاج سۆيۈۋەرسە بولماس شېئىرنىلا شېئىر ئەمەس ئۇ تەكرارلانغىنى قەدىرلەيدۇ ھەتتا ئۆزىنى ئەمەس باشقىلارنى بىكەتتە كۈتۈشلىرىنى پۇلدارلار سورۇنغا بولىدۇ زىننەت سەنئەت ئۇ دەردلەردىن تۇغۇلغان ھىممەت ئەمما، دەردمەنلەرنىڭ تويى بىناۋا بولغاچقا ناخشىچى، سازەندە قىممەت ئەزەلدىن سەنئەتكاتلارنىڭ سۈپسۈزۈك يېشى بولۇپ كەلدى زەردارنىڭ ئەيشىگە رىغبەت. قىزىم مەن تېخى يازالمىغان يۇمران بىر مىسرا بىركۈنى ئۇ ئۆزىنى يازدى تۇساتتىن مىنىبوس ئىككىمىزنى تاشلىۋەتتى مۇزلىغان ئاغىزىغا قېرى كېچىنىڭ ئاستا چۈشۈۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى ياپقان ئىدى يۈزىنى خىرە كوچىنىڭ چىراقنىڭ ئاستىغا كەلگەندە، قىزىم ــ دادا، قار بەك چىرايلىق، ــ دېدى. ــ ھە، قار بەك چىرايلىق، ــ ئۇنى دەسسىمىسەڭ بوپتىكەن دادا؟ دەسسىمىسەڭ قانداق ماڭىمىز؟ گەپ قىلالماي قالدىم بىر ھازا زەي بىر كىچىنى ئۆتكۈزدۈم مەن تاماكا شۇراپ ئوقۇيمەن شېئىر ئۇخلاپ ياتقان قىزىمغا قاراپ ئۇنىڭ قولىدىكى لاتا قونچىقى تىكىلەر گويا بىر نەرسە سوراپ. دېرىزەم ئالدىغا كەلگەندە كۈن ئېرىنىپ تۇرىمەن ئاستا ئورنۇمدىن ئىتتىكلا تارتىمەن تىنىمگە نىقاپ. بۇ بىر شەھەر خەرىتىدىن تەمرەتكىدەك كۆرۈنەر ماڭا دەرەخلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ سېمۇنىت بىلەن ياسايمىز ھەيكەلنى نېمە ئۇ چۈشەنمەيمىز قۇشلار تىلىنى دوختۇرخانا ياتاقلاردا ئىڭىرىغان ئاۋازلار سارغىيىپ كەتكەن ‹‹+›› بەلگىسىنىڭ كۆلەڭگىسىدە چىقىم بولۇپ تۇرماقتا پانىي ھاياتتىن تېلېۋۇزۇردا قىلىشتى داۋراڭ گىرىم دۇكىننىڭ خوجايىننى ھېلىمۇ مەزمۇت غەربىي چوڭ كۆۋرۈك سۇلار ئاقماس ئاستىدا ئەمدى ئۈستىدىن ئۆتەر تاش بىلەن گىرىم پۇراپ تۇرغانلار ئاستىدىن تاۋۇتلار ئۆتىدۇ پات ــ پات قۇتۇلۇشقا دو تىكىلگەن ھايات چۆچۆپ تۇرساممۇ ھەشەمەتلىك ماشىنلاردىن ئاسان ئەمەس ھەممىدىن كەچمەك ئىللىق بىر تەسەللىي تاپالمىساممۇ يۈرىمەن ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە سۆزلەپ مانا بۇ گۈللەر ئۆرتەنگەن ئاخشام كىشلەر ۋىتامىنغا بولدى ئىنتىزار كۈندۈزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بىرى مەيخانىغا كىرىپمۇ ئالالمىدى تىن قىلىنلاپ بارماقتا دىلدىكى غۇپار رەنجىمە شېئىر قىلىۋەتمە شائىرىڭنى ئۇنچىلىك نازۇك كىشلەرگە نان كېرەكتۇر ھازىر كۈندۈزدە جاھان كۈرۈنسە گۈزەل ئاخشىمى ھەسرىتىمنى پىچىرلاپ ئۈنسىز زامان كۈن ھەققىدە ئوقۇيدۇ داستان ئاخىر تەمتىرەپ قالغاندا نۇرسىز
تەكلىماكان، خوراز، ئۈرۈمچى
‹باللادا› ھەبىبۇللا توختى ************************************
چەكسىزلىك چەكسىز چېچىلغان ماكان، ئاڭا تۇتاشقان - ئاخىرقى زامان. ئەجەبمۇ سىرلىق بۇ تەكلىماكان. بۇ تەكلىماكان - ئۇيقۇغا چۆمگەن ئۇيقۇسىز شەھەر. جۇشقۇن جەسەتتەك تۇيغۇسىز شەھەر؛ ياتار پەرۋاسىز، تالايدۇ بوران، ھۇۋلار شىۋىرغان ... ★★★ بۇ تەكلىماكان - كۆز ياشقا يېقىن، دېڭىزدىن يىراق؛ مەرمەر دېڭىزى، ئاتلانتىك ئوكيان، بەكمۇ يىراقتا. نەمخۇش ساھىللار، دالا تامىقى، بىر مۆتىۋەرنىڭ ئېسىل قارمىقى، غەمسىز ئوقۇلغان ئەركىن ناخشىلار، يوقتۇر بۇ يەردە. چۈنكى بۇ قۇملۇق ماڭالماس قېيىق، سۇسىز چۆل دېمەك يوق ئالتۇن بېلىق. توغراقزارلىقتا بولۇشى مۇمكىن - پادىشا تۈلكە، مەدىكار ئېيىق، بوۋام ئېيتقاندەك. ★★★ بارخان باغرىدا ئۇيقۇچان مەھەللە. پەرىشتە كەلسە چىللايدۇ خوراز. جاڭگالغا ماڭار پادىچى بالا، بىر توپ مۆڭ كالا. ناخشا توۋلىغاچ - غەمكىن ئوتۇنچى ماڭار ئوتۇنغا: « ئاھ خۇدا بەندەم دېسەڭ، تۇزچى، ئوتۇنچى قىلمىغىن. ئالتە ئېشەكنى ھەيدىتىپ، چۆللەردە ۋەيران قىلمىغىن » پۇتلىرى ھارماس ئۇلاق، بىلىكى ياستۇق ئاڭا. دۆۋە قۇم دەل پەر تۆشەك، چىقسا ئاي - نۇرلۇق چىراق ... خوراز چىللايدۇ ... ★★★ قۇرۇپ قالغان ئاپئاق ئىسكىلىت، بەكمۇ مەغرۇر ياتار ھىجىيىپ، ئاۋۇل تىكىپ ساتۇق بۇغراخان - گۈلخان سېلىپ ئۆتكەن دالىدا. ئوتۇنچىنىڭ جەسىتى چوقۇم، بەش بالىسى كۇلۇڭ ئالدىدا. تېپىلمايدۇ ئەمدى بەرىبىر، كەر بالانى نۇرغا تولدۇرغان - ھۈسەينەمدەك مەڭگۈلۈك جەسەت. بۇ قانداق جەسەت؟ ئۇ قانداق جەسەت؟ بولدى قويغىنا، جەسەتكىمۇ قىلمايلى ھەسەت. ★★★ ماڭا ئەگەشمە كۆڭۈلسىز پاراڭ، سورىساڭ مەن بىر سۆيۈملۈك ساراڭ. ئىزدەپ يۈرىمەن ھېلىقى شەھەرنى، خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەرنى. ★★★ بوۋاينىڭ سۆزى: سۇلايمان ئەلەيھىسسالام قوشۇن تارتقانچە كەلسە بىر جايغا، سېپىل ئالدىدا ئېگىز بىر مۇنار، مۇنار ئۈستىدە بىر سەگەك خوراز - چىللاپتۇ، شۇ ئان باشلىنىپتۇ جەڭ. ... موماينىڭ سۆزى: خورازسىز ئەل ئاداشقان پادا، ئەتراپىدا چىلبۆرە ھۇۋلار. ئەركەك مىجەز سەگەك خورازدىن يالماۋۇز ھەم ئىبلىسمۇ قاچار. ئاڭلىغىن بالام، چىقما تالاغا نەسلىك گۇگۇمدا توغراقلىق ئارا جىن - شاياتۇن بار. يالماۋۇزمۇ بار - چىنتۆمۈر ئاكاڭ چاپسا شەمشەردە، ھەر بىر بېشى مىڭ بوپ يارالغان. نەۋرىسى ئېيتار: ئېيتقىنا موما شۇنچە كەڭرى تەكلىماكاندا بۇرۇنلاردا يوقمىكەن خوراز؟! موماي كۆزىگە ياش يۇقار شۇ ئان: كەچۈرگىن بالام جىنلار ئۆزگىرىپ - خوراز ئالدىغا بوپ كەلگەن مىكىيان. ئاتقان چېغى تاڭ ئاچچىقلاپ بالا غىلتاڭ خورازلارغا، تاش ئاتقاچ ئاڭا، يالىڭاياقلا ماڭار مەكتەپكە، موماي قالىدۇ كۇلۇڭ ئالدىدا. ★★★ لايپاس ئاققان لاي سۇلۇق ئۆستەڭ، مىسىردىكى نىلغا ئوخشىماس. نىل قۇيۇلار ئەرەبلەرنىڭ قەلبىگە. بىراق ئۇ جايدا دىللار چاڭقاق، نىلمۇ توختىماس. پۇراپ تۇرغان قۇمچاقلىق كۆلچەك ئوخشىماس ھەرگىز - ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇلۇغ مۇساغا، ( سالام ئۇ زاتقا ) خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەردە، ماماتقا باي قايناق سەپەردە، ئۆز قوينىدىن يول بەرگەن دېڭىز - قىزىل دېڭىزغا. قىزىل دېڭىز مويسىپىت دېڭىز، دولقۇنلىرى تەلۋە قىسمەتتەك، سۈيى ئاچچىق چىن ھەقىقەتتەك. قوينى داغدام يول كەلگەندە مۇسا، پىرئەۋىن شۇ سۇدا جېنىدىن جۇدا. تەلۋە پىرئەۋىن ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا. ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا - ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا. ئەجەبمۇ ئاچچىق ھەقىقەت دېگەن. بىراق بۇ جايدا، لاي سۇلۇق ئۆستەڭ - كۈتەر شاۋقۇنسىز، خوراز چىللىسا ئېتىزغا ماڭغان - ئورۇق ئۆكۈزنى، غەمكىن قوشچىنى، چاڭقاق پادىنى، دەرستىن قالغان گۆدەك بالىنى. توغراق چىراي، قويدەك مۆڭ بالا، قۇلاق سال ماڭا! سەندەك چاغدا - گۆدەكلىكىدە بەكمۇ جەسۇر، شوخ ئىدى مۇسا ... جاۋاب : پاك ساددىلىق بۇلغىغان جاي بۇ، مەلئۇن پىرئەۋىن چۈنكى بۇ جايدا - باقماپتىكەن مۇسا كەبىي شوخ، جەسۇر، زىرەك بىرەر مەرد بالا. ★★★ خوراز چىللىسا چىقىدۇ قۇياش، قانغا بوياپ چەكسىز بارخاننى. مەكتەپنىڭ يولى يېتىمسىرايدۇ، « قېرى ئەپەندى » ھالسىراپ كېلىپ - ئۆينى سورايدۇ. قوناقلىق بىلەن قاچىدۇ بالا، كۈتەر ئېتىزدا ئاتا، قوش، كالا. خوراز چىللايدۇ، ئۆتىدۇ يىللار ئاۋاتلاشقانچە ھاشارنىڭ يولى. ★★★ گۈزەل ئۈرۈمچى خورازسىز شەھەر، مۇزدەك باغرىڭغا ھېسسىياتسىز چۇقانلار بىلەن - غالجىرلارچە كىرەر باستۇرۇپ تۈتەك باسقان خورازسىز سەھەر. ئوخشايمىز شۇ چاغ ئۆزىمىزگە، بىر - بىرىمىزگە؛ ئارقا كوچاڭ قەلبىمىزدۇر دەل، چىرايىمىز پار - پۇر بىنايىڭ، نېرۋىمىزدۇر نەغمە - نەۋايىڭ. جاھالەتنىڭ شېرىن كەيپىدە - ناخشا توۋلاپ تۇرۇپ چىقارغان تىنىقىمىز تۈتەك ھاۋايىڭ ... روھىمىزغا ئوخشايدۇ ئەجەب، بايلار كىرمەس، مۇساپىر تولا بەكمۇ رەڭدار غېرىب مەسچىتىڭ ... ★★★ سورىساڭ گەر مېنى، مەن پەقەت - قوينۇڭدىكى بىر گۆدەك بالا. قاراپ باق ماڭا: ئارمان قاچىلاپ خورجۇنلىرىمغا، كۆزۈمدەك خۇنۈك جەنۇبتىن كەلدىم. ئەشۇ جەنۇبتىن ئۇزاتتى دادام سىيلاپ بېشىمنى - تارىخىمىزدەك قاداق قولىدا. ئۇزاتتى ئانام، سۇ ۋە دۇئا، سۈتتە يۇغۇرۇپ، مېھرىدەكلا ئاتەش تونۇردا - تاۋلاپ توقاچنى. مۇز رەڭ شەنبە، مۇز رەڭ ياتاقتا بۇ قۇياشسىز جۇل ئۈرۈمچىدە - ساندۇق ئۇپۇقۇم، شۇ توقاچ - قۇياش. ★★★ قالدى قەشقەردە مەغرۇر ھېيتگاھ، لاي ئاققان تۈمەن، تەمكىن « ئوردا ئالدى » ياسانچۇق سەمەن. ھېيتگاھ ئالدىدا قالدى تىزىلىپ مىسكىن مەدىكار، ئۆكتەم تىلەمچى، نوچى تۇماقچى، چىبەرقۇت يۈزلۈك كۇلالچى بوۋاي، ئوغلى ھوقۇقدار قېرىماس موماي. ★★★ خىلۋەت يېزامدا ئوماق پاقلىنىم ئوينايتتى تاقلاپ، كەپسىز ئوغلاقلار قېچىپ نايناقلاپ، قەلبىمدەك سۈزۈك ئېقىن بويىدا. مىسكىن كەپەمدە بوۋامدىن قالغان - قېرى خورىزىم چىللايتتى تاڭدا. ★★★ يەر شارىنىڭ قۇرغاق لېۋىگە قىستۇرۇلغان شېرىن موخۇركا - بەدبۇي سانائەت، ئاتىلىقنى ئايرىپ ئاتىدىن، ئاتىسىزنى يوق قىلدى تامام. دۈمچەك بولۇپ يۆتەلگەچ شەھەر، ئىپلاس راكتىن بەرگەندەك خەۋەر، ئۈرۈمچىدىن كەتتى يىراقلاپ، خوراز لەرزان چىللىغان سەھەر. ★★★ گۈللۈك قەپەس كۆندۈرگەن يولۋاس، ئۇخلاپ ياتار بىر كۈن كەچكىچە. مىجەزىنى يوقاتمىغان شىر - خىرىلدايدۇ ئادەم كەتكۈچە. گۆش چوقۇلاپ ئاۋارە بۈركۈت، بۆرە سۆڭەك غاجار يانپاشلاپ. تىپىرلايدۇ مىسكىن توشقانلار، قەپەسلەرنى يۇمشاق تاتىلاپ. ھەشەمەتلىك قان رەڭ قەپەستە، مەرۋايىت دان چېچىلغان پەستە؛ توك چۆجىسى - ئاتىسىز خورازلار چىللىيالماي تۇرار شۈمشىيىپ، توڭ قاغىدەك قىلىشىپ غاق - غاق. چىللاپ كەتتى باشقىلار قانداق؟! ھەم ئاتا ھەم ئانىسىز جانىۋار - چىللىيالماي، دان يەپ، غاقىلداپ - ناجىنىسقا ئايلىنار شۇنداق. ★★★ نۇرلۇق ئېرانىڭ بوسۇغىسىدا، بىر - بىرىگە قاراپ شۈمشىيىپ، قېتىپ قېلىشقان شەھەرسىز خوراز، خورازسىز شەھەر. تەلۋە، مىسكىن بۇ گۈزەل شەھەر، تەبىئەتتىن يىراق بىر جايدا، بىر بوۋاينىڭ تەمكىن چۈشىدە: تاش يۈز، تاش قول ھەم تاش يۈرەكلىك، تاش كۆزىدە شېغىل يىغىلغان، نادانلىقنىڭ قاتلاملىرىدا - ئۇخلاپ يېتىپ تاشقا ئايلانغان تاش بەدەنلىك، تاش ھېسسىياتلىق - دېمەككى - تاش ئادەملەر تولغان - تاش شەھەرگە كەتتى ئايلىنىپ. ★★★★★★ 1999 - يىل ئاپرىل - ماي. ئۈرۈمچى
تويلار سىرى ئەخمەتجان ئوسمان
شۇ كۈنى، سۈرگۈنگاھ زىياپىتىدە، دېڭىزلار تاۋۇسى بولغان ئىدى مەي، كەچكى شەپەقتە دائىم يېىتپ كېلىدىغان قار. مەرمەر تاشتا نۇر سۇنغاننى كۆرەر يېقىملىق، قۇچار يىراق قاغىلارنى تويلار سىرىدا. قار. . . ئەي، سەن سۈزۈك ئۆزگىرىشنىڭ ئەتىرى! بۇ يەردىكى قايسى ئاتەش ئۇ، ئاڭا ساماۋى چۈشكۈنلۈكنىڭ جىنى چاپلاشقان، ئۆرلىمەكتە ئۇ ناغرىلار ئۇسسۇزلىدا، ھەم كاھىنچە ئىشتىياقنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك، مۇساپىسىدا ئۆرتەنگەن ناخشىمىزغا ئاپەتلەر زامان دەرىخىدە ئاچچىق مىۋىلەر، شۇنداقلا بىز نېمىدىگەن گۈزەل - ھە، زىمىن ئۈستىدە مەڭگۈلۈكنى چۈشىمەكتىمىز، دولقۇن بىزنى سۇلالە بايراملىرىدىن كېتەر ئوغىرلاپ، چاچار شامال ئېتىزلارغا يۇلتۇزلىرىنى، ئەي، سەن مەڭگۈلۈك، بۇ پۈتكۈل پارلىنىشقا بولغىن خاتىرجەم، پەيغەمبەر ئازابىدىن بىر پاكلىق ئۆزۈڭ، پەقەتلا بىز، بىز ئۆلۈم سۇلالىسى، مۇمكىنسىز تۇز تېخىمۇ تەجەللى قىلغان. كۆتۈرىمىز ھەمدە زېمىننى، زىل ئاۋازى قىلىپ تۇنجى ئۇچۇكتەك، ئەي، تەڭرىلەر! ئارىمىزدا كىم بار بۆرە كۈيلىرىمىزدىن ھوزۇر سۈرمىگەن؟! ھېچ ئامال يوق قولىمىزدا داۋاملىق ئەمما، سىر مىۋىسى ۋە تۇپراق ئارا، كۆتەرسەكمۇ ئاسما كۆۋرۈك قىلىپ ئۈمىدنى. . . گۇناھ سېنىڭ گۇناھىڭ ئەمەس، ئەي، يامنلىق پەرىشتىسى! تۇلپارلارنىڭ قاينىمىدىن يۇلۇپ باياننى، سىھىرلىدىڭ بۇلبۇل قىلىپ ئاڭ باغرىدا. ئەي، تۇز كۆزلۈك يۇلتۇزلار! بىزگە دۇئا قىلىڭلار تاڭ ئاتقۇچە. ئەي، قۇشلار، سۇسىمان بايرىمىڭلار قۇشلار! ئۆچۈرۈڭلار سايىمىزدىن ھاماقەت قاننى . . . تەزىيە چېچەكلىرى ئېرۇر يوقلۇق ۋەھىمىلىرى. شاھادەت قىل ئۇلارغا ھەي، روھ پاكلىقى . . . يقىملىقتا ئۇلار سىرتتا، تۈندە جان ئۈزۈپ، ھەسرەت ۋاقتى يوق ئۇلارنىڭ كۆرۈشكە، سۇ تۇتۇق ھەم ئىككى كۆزى ئويۇق، زاماننىڭ ھېس قىلغاندۇر ئۇلار پانىيىنى ئەلمىساقتىن ساتارىدىن ئاققان كۈي كەبى، بىزگە، بىزدەك تىرىكلەرگە مىراس قالدۇرۇپ، ئەتىدىنمۇ، قاندىنمۇ پاك شۇ چۈشنى، ئاتا قىلغىن بىزگە سەن، ئەي قار. ئەي، سەن نۇرلۇق ئالتۇن تەنلىك دېڭىز قۇشى ! . . . ئاتا قىلغىن بىزگە، ئاتا قىل ئۈلۈكلەر تىمتاسلىقىدەك بۇ تىمتاس ئاتەشلەرنىڭ ئۈستىدە ئۆرلەۋاتقان دولقۇن نېمىتى!
ئانا تىلىم- زەر تىلىم ئابدىقادىرجالالىدىن
ئومىدشامىئۆچكەن جايلاردىن، ھەرقەدەمدەشەيتان تىپلار. شەيتانلارنىپىر تۇتۇپ يۇرگەن، سۇنۇق چىراي نادان تىپىلار. ئارمانبولسا يوقسۇلمەن دىمە، ئارمانبولسا دەرمان تىپىلار. تىرىپتۇرغىن ئىتىزلىرىڭنى، دىنىڭبولسا خامان تىپىلار. خامان بولسائامبار تىپىلار، نىنىڭبولسا دۇكان تىپىلار. يوقاتمىساڭ يىگىتلىكىڭنى، ئويلەنگۇدەكجانان تىپىلار. ھىچقىسىيوق مىنسەڭمۇ ئشەك، مىنىپتۇرساڭ تۇلپار تىپىلار. توۋلىغۇدەكناخشاڭ بولسىلا. بەزمە مەشرەپ دۇتار تىپىلار. خىيالسۇرۇپ جىمساڭ مەيلى، ئويلانغانغازۇۋان تىپىلار. تىلىڭئامان بولسا بىر كۇنى، سۆزلىگۇدەكمەيدان تىپىلار.
ئاتىلار ئابدۇرىيىم ئابدۇللا
ﻫەممە شائىر ئاناملا دىدى ، ئاتىلىرى يوقمىكەن ئەستە . ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ، يولۋاسنىمۇ قويغان ﻫەۋەستە . ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ، نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا . خەنجەر بۇلۇپ قادىلار ئىدى ، بولسا مەلئۇن ﻫەر جايدا پەيدا . نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چۆلپان ، قېلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى . ۋەتەن ئىشقى ئۇوقلارغا قالقان ، ئايىقىدا قاننىڭ دولقۇنى . يىڭنىلەرگە رەﻫمەت ئوقۇلدى ، جەڭگاﻫ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا ، كۈسەيلەرگە داستان پۇتۇلدى، قېلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا . بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ، جان ئاتىلار جەڭلەردە شېﻬىت . توقاچ بەرسە ئانام تۇنۇردىن ، ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە ، كۆينەك بەرسە ئانام ماتىدىن ، بايراق بەرگەن ئاتام زەپەردە . مەن يېقىلسام ئانام يىغلىدى ، ئاتاپ سىلكىپ مېندۈردى ئاتقا . جاپالاردا راسا تاۋلىدى ، خار قىلماي دەپ ياۋلارغا ياتقا . مىڭ يىگىتنىڭ مىﻬنەت لەرزى بار ، قۇلىدىكى ﻫەر بىر قاداقتا ، ﻫەر كۈلكەمنىڭ پۇتمەس قەرزى بار ، ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر ساداقتا . بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ، جان ئاتىلار جەڭلەردە شېﻬىت ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ، نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا . خەنجەر بۇلۇپ قادىلار ئىدى ، بولسا مەلئۇن ﻫەر جايدا پەيدا نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چۆلپان ، قېلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى . ۋەتەن ئىشقى ئۇقلارغا قالقان ، ئايىقىدا قاننىڭ دولقۇنى . يىڭنىلەرگە رەﻫمەت ئوقۇلدى ، جەڭگاﻫ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا ، كۈسەيلەرگە داستان پۇتۇلدى، قېلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا . بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ، جان ئاتىلار جەڭلەردە شېﻬىت . توقاچ بەرسە ئانام تۇنۇردىن ، ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە ، كۆينەك بەرسە ئانام ماتىدىن ، بايراق بەرگەن ئاتام زەپەردە . مەن يېقىلسام ئانام يىغلىدى ، ئاتاپ سىلكىپ مېندۈردى ئاتقا . جاپالاردا راسا تاۋلىدى ، خار قىلماي دەپ ياۋلارغا ياتقا . مىڭ يىگىتنىڭ مىﻬنەت لەرزى بار ، قۇلىدىكى ﻫەر بىر قاداقتا ، ﻫەر كۈلكەمنىڭ پۇتمەس قەرزى بار ، ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر ساداقتا . بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ، جان ئاتىلار جەڭلەردە شېﻬىت.
سۇنۇق قىلىچ ئابدۇرىھېم ئابدۇللا
ئاستىمدا شارقىراپ دەريا ئاقىدۇ ، ئېشىپ بارماقتىمەن بىر تىك داۋاندىن. ئالدىمدا بىر سۇنۇق قىلىچ ياتىدۇ، بىلمەيمەن يادىكار قايسى زاماندىن. قىلچنىڭ يېرىمى تۇپراق ئاستىدا ، يېرىمى ئالماستەك تۇرىدۇ پارقىراپ . بۇ قەدىم جەڭلەرنىڭ يالدامسىنى ، ھاياجان ئىلكىدە ئالدىم ئاۋايلاپ . تىترىدى قوللىرىم ، تونىدى يۈرەك ، ھىلال ئاي ئەگمىسدەك ئەگرى قىلىچنى . زاتىمنىڭ ھىدلىرى كەلدى گۈپۈلدەپ ، بىلمىدىم قاي ھالدا نەپەس ئېلىشنى . قىلچنىڭ بىسىدا قۇياش جىلۋىسى ، بالقىيدۇ ئىپتىخار ،بالقىيدۇ زەر نۇر . جاراڭلاپ سۇنغاچقا جەڭدە ئارمانسىز ، سۈزۈك سۇنۇقىدا كۈلىدۇ غورۇر . تاۋلانغان بۇ قىلىچ ئېگلمەس بولۇپ ، جەسۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئوچاقلىردا . قەسەم سۈيى ئىچكەن چىقىپ ئوچاقتىن ، ئاھۇ كۆز مەدەتكار بۇلاق بويدا. كەلتۈرگەن قىلچنى بۇ تىك داۋانغا ، ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى جەڭلەرگە چىللاپ . سۇنغان چېغدىمۇ رىشتى ئۈزۈلمەي ، تەۋەرۈك تۇپراقنى ئاپتۇ قۇچاقلاپ . ئويلىدىم شۇنداقمۇ قىلچلار بار ئىكەن ، بىر قېتىم قېنىدىن چىقالمايدىغان. باسسا ياۋ ۋەتەنگە پاسكىنا ئاياغ ، قىساس قەھرى بىلەن چاقنىمايدىغان. خىيالچان تىكىلدىم سۇنۇق قىلچىقا ، ئەينەكتەك تېندىن كۆرۈندى جەڭگاھ . بۇ قىلىچ شىر سۈپەت بىر ئەر قولىدا ، دۈشمەنگە ۋەيلۇندىن بەرمەكتە دەرگاھ . چىقىدۇ شىۋىرغان ئوق ئۈزسە ساداق ، ئۈمىدنىڭ زەرىدە قالقان قالتىرار . تەككەندە گەجلەشكەن ھەر بىر قىلىچقا ، بۇ قىلىچ بىسىدىن چاقنار يالتىرار. ئاھ قىسمەت ،بۈگۈن مانا سۇندى ئۇ قىلىچ ، جەڭگاھنى لەرزىگە سالدى شۇ سادا . تاغلاردىن تاغلارغا ئۇرۇلدى ئەكسى ، ھەر تاغدا بىر قىلىچ سۇنغاندەك گويا. قۇياشمۇ قارايدۇ سۇنغاندا قىلىچ ، زەپەرنىڭ يۈزگە تارتىلدى نىقاپ. باتۇر ئات ئۈستىدىن غۇلدى باشسىز ، كىشنىدى دۇلدۇلى زارلىق جىلغىدا . قېنى ئۇ باھادىر ، قاردىم كۆككە، قېنى ئۇ قىلىچقا مۇناسىپ ئەرلەر ؟ قۇياشتىن، نۇرلاردىن ئىزلىدىم ئۇنى ، ئۇنىڭدەك ئوغلاننى يۇتمايدۇ يەر دەپ . خەيرىھاھ ، قىياھقا ئايلىنپتۇ ئۇ، قىلىچنىڭ دەستىسى قاپتۇ ئىلكىدە. تەنتەنە قىلىدۇ ئەرلىك تەسۋىرى ، مەرمەردەك يالتىراپ تۇرغان چېھرىدە . يىگىتنىڭ بوينىدىن تەپچىگەن قانلار ، دەرياغا ياقۇتتەك چۈشەر تامچىلاپ . ئۇقچىدى يۈزۈمگە دەريانىڭ سۈيى ، بىلدىمكى ئۇ مېنى بارماقتا چىللاپ .
يوق تۇرسۇنبەك ئىبراھىم تايماس
كۆپەيدى يىلسېرى كۆكلەپ پارىخور ھەم خىيانەتچى ، گۇگۇت ياقسا جىنايەتچى ، لېكىن ئوت ياقسا پاششاپ يوق ، شەھەر - بازار بىنالاشتى ، بۇلۇت بىرلە دىدارلاشتى ، كېچە بولماس شەھەرلەردە ، لىكىن ئىللىشقا ئاپتاپ يوق . بازار ئاۋات ، راۋان سودا ، چىقار ھەر كۈن يېڭى مودا ، بىراق ئىسراپخانالاردىن بۆلەك ئىشلاردا چاپ - چاپ يوق . تەرەققى قىلدى تىل شۇنچە ، سۆزلىسە ھارماس مىڭ كۈنچە ، جىمى ئەللەرنى ئاختۇرسا بۈگۈن بىز كەبى كاپ - كاپ يوق ، گۇناھ يىتىمگە يۈكلەكلىك ، «ھېكىم» گە شۆھرەت تىكلەكلىك ، ئېغىزدا « مەن چاكار » دەيدۇ ، ئۇنىڭدەك كۆرەڭ كاززاپ يوق . ئەجەب تاتلىق شېرىن سۆزلەر ، كىچە - كۈندۈز كۈلەر كۆزلەر ، بۈگۈن تۇتىغا ئايلانغان تىرەن ئاڭلاردا ئازاب يوق.
داۋامى...
سادىر يىتىم قالغان بەش بالىسىنى ئىزلەپ ئەخمەتجانئوسمان
سادىردەپ ئېتىم قالدى، داڭزىداخېتىم قالدى. خېتىمنىئوقۇپ باقساڭ ، بەشبالام يېتىم قالدى. 1 چېقىلدىزېمىن ئالقىنىداتەڭرىنىڭ. شۇمۇقەددەس توزانئىچىدىن قوپتىسادىر. 2 -سەجىدەقىل...! يۈكۈندى سادىر، ماڭلىيىنىياقتى توزانغا. كۆتۈرگەندەبېشىنى غايىپبولدى تەڭرى شۇ ﻫامان، چاقتىچاقماق، گۈلدۈرلىدىئەشىئالا. پەرىزاتلار ئۇچۇپكەتتى ئالدىدىن . ئايىغىغاتۆكۈلدى نۇرلار، كۆزلىرىنىيۇمدى بىر ﻫازا. 3 -ئاچقىنكۆزۈڭنى... سالامبەردى ئاڭا جەبرائىل، ئېگىلدى سادىر قوللىرىنىقويۇپ كۆكسىگە . يايدىجەبرائىل ﻫەسەن-ﻫۈسەننى، يۈرۈپ كەتتى سادىر ئۈستىدە بىلدۈرۈپئاڭا مىننەتدارلىق. 4 ﻫەسەن - ﻫۈسەندىن چۈشتىمىڭ ئويگە . كارۋان غايىپبولغان ئاللىبۇرۇنلا. مىڭ ئوي- -چۈشۈپقالغان مىڭ قوڭغىراق، تۇرارئىدى جاراڭلاپ. 5 ئۈگدىدى قويۇپبېشىنى گۈگۈمغا. ئۇچۇپكەتتى كېپىنەك كىرپىكىگەقونۇپ بىر ﻫازا. تېشىپكەتتى ئۇنىڭ رەڭلىرى قارىچۇقىغا سادىرنىڭ. رەڭلەر: باﻫار، ياز، كۈز، قىش، بەشىنجىسى- -پەسىللەرنىڭ پىنﻬانلىرىدا يىتكەنپەسىل. 6 -بالىلىرىم! چاچىراپتۇردى سادىرئورنىدىن. تۆكۈلدىئالقىنىغا شاخلىرىدىنكېچىنىڭ بەش يۇلتۇز. 7 موللىتوختىيۈزدە ئۇچراشتىئاڭا قەبرەتۈسلۈك بىر بوۋاي. -سادىرمۇسەن؟ كەلئوغلۇم بالىلىرىڭنىكۆرسىتەي ساڭا. بوۋاي يىتىلەپچىقتى ئايدىن بەشۋاخ نامازنى. 8 ئۈستىدە سادىريۈزىنىڭ چېقىلدى بوغدا. توۋلارئىدى ئۇ: -بالىلىرىم...! 9 -دادا...! يۈگۈرۈپ كەلدى ئالدىغا كاۋاپدان. كۆيدىزىختا پىژىلداپ سادىر يۈرىكى. قوشاق: سادىردەپ چۆچەك قالدى، بىرئوغلۇم گۈدەك قالدى. ئوغلۇمدىنسۇراپ باقساڭ بىرزىخلا يۈرەك قالدى. 10 -دادا...! ئۇچۇپكەلدى ئالدىغا شەپەرەڭ. ئاستا-ئاستائۇچتى نۇرلىرى سادىر كۆزىنىڭ. قوشاق: سادىردەپ چىراغ قالدى، بىرئوغلۇم بوۋاق قالدى. كۆزىگەقاراپ باقساڭ بىرجۇپلا كاۋاك قالدى. 11 -دادا...! يۈگۈرۈپكەلدى ئالدىغا جۇدۇن. تامچە-تامچەمۇزلىدى سادىر قانلىرى. قوشاق: سادىردەپ باﻫار قالدى، ئوغلۇمغاتۇمار قالدى. ئوغلۇمنىكۈرۈپ باقساڭ، بىرقاشال چىنار قالدى. 12 -دادا...! يۈگۈرۈپكەلدى ئالدىغا قەبرە قەبرە تاشتا يېزىقلار: "مىراس...مىراس...مىراس" قوشاق: سادىردەپ نىدا قالدى، بىرئوغلۇم جۇدا قالدى. ئوغلۇمدىنسوراپ باقساڭ، بىرئەكىس سادا قالدى. 13 -دادا...! لەرزانيازدىم ئالدىغا، غۇۋا لەپىلدەپ. چۈشۈپكەتتى قەبرە چوڭقۇرئىچىگە . قوشاق: سادىردەپ ئېتىم قالدى، بىربالام يېتىم قالدى. بالامدىنسوراپ باقساڭ، تېنىدەتېنىم قالدى، جېنىداجېنىم قالدى. 14 چېقىلدىقەبرە سۈكۈتۈمنىڭتېرەن تەكتىدە. تۈتۈكلەرئىچىدىن قوپتىسادىر . 15 -سەجدە قىل
« ﻫەمرايى غەزەللىرى» دىن پارچىلار ئابدۇشۇكۇر مۇﻫەممەتئىمىن ...................
« قىل ئىنايەت ۋەسلىدىن دىدار ماڭا ھاجەت خۇدا، تىلغا زاھىر ھىجرىدىن نامىڭنى ئالدىم ئىپتىدا. بىلمىدىم مەپھۇم ئۆزۈڭنى كۆرسىتىشكە بىرەھىم، سالغىنىڭدۇر باشقا پىرقەت، تىلگە ئوتلۇق ئىلتىجا. » ................... « بولسا گەر ئوغلانلىرى كەنئانىنىڭ ئۇندىن بۆلەك، مەن ئايال مەزلۇمىغا قىلدىڭ ئۇنى يەك ئىختىرا» « بىر ئوغۇل كۆردۈم جاھاندا بولدى ئالەم تار ماڭا، ۋەسلىنى كۆزدىن بېرىپ يەتمەي ئۇنىڭ ئوتقاشىغا. » « شۈكرىلىللا، بىر چىنار كۆكسۈم يېرىپ چىققان گويا، قانلىرىم جىسمىڭگە ئاقمىش، يىلتىزىڭ تومۇرۇم يانا. » « يېزىپسىز خۇش كەرەشمە نەزمىلەر شەيدايى ئوغلانىم، يۈرەكتىن جۇشقىدى ئىلھام سۆيۈپ جىسمىم ئارا قانىم. » « شۈكۈرۈم ياخشى قال ئەلدە، سېنى قەلبىڭگە تاپشۇردۇم، ۋەتەننىڭ خاكى ھەمرايى شىپالىق ئىبنى سىنادىن. » « بېلىق دەريادا ئۇسسۇزدۇر، چىراغقا تەشنا پەرۋانە، ئۆزۈم تىككەن شۇ رەيھانغا ئۆزۈمنى قىلدى دىۋانە. » ................... « قارا كۆل ساھىلىن باستىم، تىيانشان ئۈستىدىن ئاشتىم، بۇ ھىجرەت دەستىدە شاشتىم، پەلەك شەپقەتتە پەرۋاسىز. خۇسۇمەت- رەشىك بالاسىدىن مېنىڭ ئاھىم ئىلىك ئالماس، جاھان تارىخىدا قالمىش باھا شەۋكەتكە پەرۋاسىز. » ................... « ئاتاڭ ئۆلدى سېنى ئويلاپ بۇ ھىجراننىڭ قازاسىدا، يۈرەك باغرى تولۇپ قانغا قەۋەت ھەسرەت دالاسىدا. بۈگۈن يوقلاپ ئاتاڭ قەبرىن پىراقتا مۇڭدىشىپ ئۆتتۈم، ئۆمۈرلۈك سۈرىتىڭ ھاكىم تەقەززا كۆز قاراسىدا. » « ئاتاڭ غەرق ئەتتى تاھىردەك پىغان دەرياسىغا ئاخىر، ئاناڭ بىر مىسلى مەجنۇندۇر قىلارىن بىلمەيىن شاشتى. » « ئاتاڭ ھەركۈن يازار نامە، كۆزدىن تامچىلار تاشلاپ، ئاناڭ يىغلار كۆڭۈلدە بەختى سۇلتانىم ئامان بولغىن.» ................... « قەپەزدە شىر كۆرۈپ ھايۋان بېغىدىن مۇڭدىشار بولسام، كۆڭۈل پىرقەتلىرىدىن پەرق ئېتىپمەن ئۇشبۇ ھايۋاننى. » « چۈشەن ھەمرايى، ئۆركەشلەر دېڭىز كۆرگەندە ئاي ھۆسنىن» « ئۇچار مەكتۇپلىرىم كۆكتە، يېتەر ئۆتمەي تۇرۇپ ھەپتە، يەنە ھەمرايى زەردابتا، كۆرەرمەن دەپ چىدام سالدىم. » « تەبىئەت نەغمىسىن قىلغىل مېنىڭ ھەمدۇ سانايىمنى» « سەپكۇ بامبۇك جىسمى داغ ھەتتاكى ئاي دىدارىدا» « دۇردى نادىر خار بولۇپ، پەرۋاز قىلار سەنگى ساپا، مىڭ ساداق بولمىش راۋان سەنئەت، ئىلىم چولپانىغا. » « ئى ھەبىبىم پۈتمىگەي سۆيگۈ بىلەن ئالەمدە قۇت، بولمىسا نەۋئى باھار ئىككى چېچەك بولمايدۇ باغ. » ................... « خېتىم ئېلىپ ئوقۇپ رەنا، ئوغلانىمغا سالام ئەيتىڭ، ئانالىق مېھرى تەختىدە سۇلتانىمغا سالام ئەيتىڭ. » « بىلەرسەنمۇ ئانالىق ھىجرىنىڭ دەردىنى گۈل رەنا، ئۆتۈپ تۇرغان چېغى شەيدايى ئىشق ئىمتىھانىڭدىن. » « شۈكرىلىللا، باغىدا گەر ئاچسا رەنا غۇنچىلار، تاۋلىنىپ چوغلۇق كەبى رەڭگى مۇنەۋۋەر بولغۇدەك. تۆت ئوغۇلنىڭ سۈرىتىن كۆكسۈم تاقاپ شاشتى دىلىم، ئۇ ماڭا لەيلۇ- ناھار خۇرشىدى ئەنۋەر بولغۇدەك. تەلمۈرۈپ باققان كۆزۈمدىن زوقلىنىپ شادلىق يېشى، تۇرقى مەغرۇر ئەكبىرىم ئالەمدە گۆھەر بولغۇدەك. سەۋرى قىل ھەمرايى بولسا پەررۇخىڭ ساھىبقىران، چىن پەزىلەت بابىدا ھەر بىرسى ئەسقەر بولغۇدەك. ................... « تاۋابى ھىجرىدە بولماق رەسۇللۇق ئەرشىدىن ئەلا، ۋىسال مىراجىنىڭ شاھى كىمىنى ئاشيان ئەتتى. » « سېنىڭ قەددىڭنى كۆرمەكلىك رەسۇل مىراجىدىن ئەلا، كۆرەلمەي كۆز يۇمارمەنمۇ، بۇ ئارمان بىر كىپەن گويا. » « ئىچىپ پىرقەت شارابىنى پۇغاندىن چىقتى ھەمرايى، گۇمانكىم ساقى ئالەممۇ ئەمەستۇر ئۇنچە دىلشادى. » ................... « بۇ پەلەك ئاستىدا ئالەم شاد ھاۋالىق بولمىدى، ياكى فارابى تەقەززا پادىشاھلىق بولمىدى. مىڭ شىپا بابىدا قانۇنلار تۈزەپ ئۆتكەن ھەكىم، ئول ئىبنى سىنا ئۈچۈن ئاخىر شىپالىق بولمىدى. جامى مەي جامىدا مەي ئىچتى پەقەت داستانىدا، خۇش ناۋا مەپتۇن ناۋائىغا ناۋالىق بولمىدى. زوقلىنىپ تىترەر دىلىڭ ئىشتىسەڭ نەفىسى سازىنى، كۆك سۆيۈنگەچ ئۆمرى ئالەمدە راۋالىق بولمىدى. مۇڭ باسار ئاسماندىكى يۇلتۇزغا باقسام تۈن ئارا، ۋەسىل ئارا ھەمرايىغا مەي ساقىيالىق بولمىدى. » ................... « ئۇچۇدۇم بال ھەرەمنى باغ ھەرەمگە، بالىم ئىستەرمەن، شىپايى تۇتىيا ئەيلەپ ۋىسال دەرمانىم ئىستەرمەن. تېۋىپ ئېيىتقان ئۇ شۇل ئارتۇش ماكانى مەشھەدى ئوغلان، ۋىسال ئاستانىسىگە يەتكىلى دەرمانىم ئىستەرمەن. » « ئاتام ئارتۇشىدۇر، تۆركۆل مەھەللەم ئازنا مەسچىتدۇر، ئۆزۈمنى قەۋمى يۇرتۇمغا ئاتام قۇربانىم ئىستەرمەن. ................... « گۈل چېغىم گۈلشەن ئىچىدە كۆرگىنىم توز بولمىدى، يامولۇن، ھۇقۇش كۆرەرگە مەندىمۇ كۆز بولمىدى. بولمىدى باغۋەن پاناھ ئۇشبۇ نەفىس سەنئەد ئارا، ئەھلى زاھىتلار قاۋاشتا ئىت بولۇپ، ئۆز بولمىدى. چەشمىلەر زەۋقىدە ئاھۇ، قەستىدە سەيياد ھەلەك، ئۇسسۇغاچ چورتان بېلىق دەريادا قۇندۇز بولمىدى. زەپىران بولدى يۈزۈم، مەڭزىمگە چۈشتى ھال سېرىق، ئۇلپىتىم سورىسام دېگەي ياشىڭدا ئوتتۇز بولمىدى. بىلمىدىم تۇغدى ساما چولپان بىلەن تاڭدىن بۇرۇن، كۈن چىقىپ ھەمرايىغا كۈتكەندە كۈندۈز بولمىدى. ................... « سالامىمنى يېتۈرگىل نازۇ چەشمەم گۈل دىيارىمگە.» « ئازابى ھىجرىدىن تۇپراق ئازابى بولسا ئاساندۇر.» « جاھاندا ھېچنىمە يەتمەس مېنىڭ پەريادۇ زارىمگە.» « بېلقىسىم سۆيدۈم سېنى ھەتتا سۇلايماندىن ئۆتەر.» « نە قىسمەت شىرىنىم سۆيسە كۆڭۈل باغىدا خىسراۋنى.» « نىگارىم ئىزلىمە ھەرگىز نىقاپ ياپقاندا تۇپراقتىن» « لەيلىنى ئىزدەپ چىقار بولسام مەگەر مەجنۇن بولۇپ» « تۈن ئاخشام كەلمىدى دىلبەر خىيالى كەلدى قاشىمگە» « ئەي سابا، دەردىمنى ئېيىتقىن شىرىنىم قۇيسۇن شاراب» « يېتىپ ئاۋارە بولماڭ شام تۇتانماس شامىدانىمدا» ................... « ئى ھېكىم، رەنجىم شىپاسى ئۇندىن ئۆزگە كار ئەمەس» « تۆكسە قان گەر گۈل تىكەن چىققايمۇ شەپقەتلىك ھېكىم؟!» ................... « قايسى بىر پەرۋان چىراغ ئوتىدا پەرۋان بولمىدى، ئۇشبۇ ئوت ئىچرە كۆيۈشتىن ئۆزگە جەۋلان بولمىدى.» ................... قايسى بىر پەرۋان ئوت ئارا ئۆرتەنمىدى، ياكى ئوت پەرۋانىغا گۈلشەنمىدى؟! » ........................
شىئېر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئادەم ئوسمانجان ساۋۇتقا خىتى ئوسمانجان ساۋۇت
1 تىترىمە ياپراقتەك، تىترىمە نۇردەك، سۈپسۈزۈك تاشلارنى شېشە دېيەلمەي. تۇرساڭ ياخشى ئىدى يوللاردا تۇردەك، قالاتتىم ئۆزۈممۇ سەندىن كېچەلمەي. بولاتتۇق ئىككىمىز شۇندا سۇقسۇردەك، قالاتتى ھېچكىممۇ سىرنى يېشەلمەي! 2 شورىما، شېئىرنىڭ ئانا قېنىنى، سەن ئۇنى قورۇقلا، سەن ئاڭا جان بەر. پەرىشتە تېنىگە ئۆرۈپ تېنىنى، روھلارنىڭ ۋەسلىگە قىل مەڭگۈ جەۋھەر. گۈزەللىك تۆكەر ئۇ، ئوينا مېڭىنى، قاش- كۆزى، زىنىخى... ھەممىسى گۆھەر. 3 ئۇششاقلىق ئىچىدە تىتمىلاپ يۈرمە، قىرقا ۋە قىرلاردا ئۇچرىشايلى بىز. قاپسىلاڭ، قاپچىغاي... تەرىڭنى تۈرمە، تاشلارنىڭ ئۈستىدە كۈيلىرىڭدىن ئىز. ئاق چاچقا قاپقارا رەڭلەرنى سۈرمە، دىللارغا سۈزۈكلۈك مەڭگۈلۈك يىلتىز. 4 تاۋاپگاھ قېشىدىن كەتكەيسەن يىراق، بېشىڭغا چىقمىغاي ياسالما گۈلتاج. يوللاردا يۈرىكىڭ يۈرەككە چىراغ، كېچىلەر تاڭلارغا قىلالماس ئىلاج. سۆيگۈلا ئاشىققا سالىدۇ پىراق، سۆيگۈلا سۆيگۈگە بولىدۇ خىراج. 5 بىنەپشە تاڭلارغا قوشۇق خۇيىمىز، باھارغا مىڭ قېتىم باھار ۋە باھار. جاندىكى جۇتلارنى جاندا يۇيىمىز، ھەلقۇمدا تىنىقتىن شولىلار تامار. ئۇپۇقنىڭ تۈۋىدە ھامان ئۆيىمىز، تۆت تام ھەم، تورۇس ھەم ئانار ۋە ئانار. 6 تۇرنىلار ئۇچىدۇ ئىللىق ياقلارغا، سۆيگۈسىن سويۇپ ئەپ ئەينەك كۆللەردىن. ئايلىنار ئۆمۈرلەر تەڭدۇر چاقلارغا، گۈللەرنى ئاڭلايمىز دەشتۇ چۆللەردىن. جۈپلۈكتىن تىلەيمىز چىندىن تاقلارغا، باغرىمىز خۇن ئىرۇر‹‹ مەيلى ئۆل›› لەردىن. 7 سۆيگۈمىز سويۇلماس چاپلانغان يەردىن، زېمىندىن ئايرىلىپ، چىقمايمىز كۆككە. قارغالداق ئۈنىدۇ ئۈزۈلگەن تەردىن، ئاسمانلار تولىدۇ بىز ئاتقان بۆككە. ھارارەت ئالىدۇ ئالەملەر ئەردىن، كۆنمەيمىز چۈلۈككە، چۆككىنە، چۆككە. 8 يىغلايمىز ئۇزاتساق بىر باغرىمىزنى، كېمىرەر تاغلارنى ھەسرەتلىك ناۋا. ئۆزىمىز چالىمىز ئۆز ناغرىمىزنى، دوست سەزگۈ ھەر زامان بىزلەرگە ھاۋا. دۇلدۇللار سېغىنار پەي ساغرىمىزنى، بەرھەق بىز، ھەممىسى بەرھەقكە راۋا! 9 جىلۋىلەر قىلىدۇ تىنماي دىنارلار، كەتمەكچى روھىڭنى تەنلەردىن شوراپ. ئەقىدە دەرىخى ھامان چىنارلار، تۇرىدۇ قەلبىڭنى بەرگىگە ئوراپ. بوي غېرىچ، غۇلاچتۇر ئارۇ ئىبالار، پەرىلەر يېپىلار سېنىڭدىن سوراپ. 10 پىرىڭنىڭ روھىدا بىخ يارار سەبدە، تىك ئۇچما ھاڭلاردىن يول ئاچقىنىڭدا. دەۋرەيدۇ كۆپ ۋولقان تېرىقتەك تەندە، قوغلىماي، ئالۋۇندىن سەن قاچقىنىڭدا. تۈن ئەمەس قۇياشقا بولىسەن بەندە، بىر زەررە زۇلمەتكە نۇر چاچقىنىڭدا. 11 نەپرەتتىن تۆرىلىپ ، سۆيگۈدىن ئۆلدۇق، بەختىڭنى تىلەيدۇ تەڭرىدىن ھەركىم. ئامەتنى دوستلارغا تەڭمۇتەڭ بۆلدۇق، بۇ - خىزىر بۆلۈمى ئالەمدە بەلكىم. ئاجايىپ چىرايلىق چۈشلەرنى كۆردۇق، قاراقتا يۇلتۇزلار بولغاندا كەلكۈن. 12 يالغانلار گۈل ئېلىپ يانار باغلاردىن، ئىزھار قىپ بىر ساڭا مىليۇن مۇھەببەت. چۇۋاتتەك شۆھرەتلەر ئۇچار تاغلاردىن، يارالدۇق دېيىشىپ سەن ئۈچۈن پەقەت. قىسسىلەر سۆزلەتمەك ئەپسۇن چاغلاردىن، ئۆچمەيسەن دېيىشىپ ئەبەدىلئەبەد. 13 جىغاننىڭ گۈلىسەن، يانتاقنىڭ گۈلى، تىكەنلەر بەرگىڭنى تۇرغاندۇ قوغداپ. ئادەملەر بەرىبىر دۇنيانىڭ ئۇلى، سەنچۇ سەن يۈرەمسەن رەڭ بىلەن ئويناپ. مەن دېگەن تەڭرىنىڭ ئوڭ ۋە سول قولى، يول ئېچىپ كېلىمەن يۈرەكلەر بويلاپ. 14 ئانا تىل ۋەسلىدە مىسلىسىز ئاپتاپ، ھەرتال بىخ چۆمۈلگەن شولىلىرىغا. ھەر زەررە تۇرىدۇ جىلۋىلىك چاقناپ، ئىشتىياق تاشلايدۇ ئۇۋىلىرىغا. مىليۇن ياش ئاتاڭنى دائىم تۇر ئاقلاپ، سالام بەر يىراقتا بوۋىلىرىغا. 15 ھور بولۇپ ئۆرلەيسەن ساما قەرىگە، نۇر بولۇپ ياغىسەن تۇپراققا ھەردەم. جەۋھەر بوپ ئۆتمەيسەن زوقلار بەھرىگە، شاكاللار يول تېپىپ ماڭىدۇ بەردەم. كەۋسەرلەر قويىسەن كەۋسەر نەھرىگە، شۇنداقتۇر پانىيدا ئەزەلدىن ئەردەم. 16 ھاياجان بەھرىگە چۆككەندە گاھى خىتابلار ياڭراتساڭ زېمىن ۋە كۆككە. سەۋدايى كۇرسىدا، تەقدىر ئىلاھى - دەل سېنى تاپشۇرار سورىغان كۆپكە. ئەقلىڭدىن نۇر ئېلىپ ئىنسان دەرگاھى، ھېيىقماي قوشىدۇ شەنىڭنى چۆپكە. 17 ئۆز ناخشاڭ ياڭرايدۇ ئۆز ئۈنۈڭ بىلەن، شەپەڭدىن تونىيدۇ... تالاي ئوغۇل- قىز. يۈرمەيسەن ھەرگىزمۇ ئۆز كۈنۈڭ بىلەن، ئۆزگىچۈن يالاڭياغ دەسسەيسەن ئېڭىز. ئالتۇنلار خامتالاش... قىلمايسەن ئىرەن، ئومۇنۇش يوق يەردە شولىلار دېڭىز. 18 پوشكىندەك ئۆلىسەن ھەتتا كور ئوقتا، ھەسرەتتىن تاغ- تاشلار چېكىدۇ پىغان. بەندىلەر سالىدۇ قىساسقا نوختا، قوللارنىڭ ئۇچىدا ئۆلىدۇ ئىمكان. دىلبەرلەر قالىدۇ بوپ جىگەر سوختا، مەنزىلى ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ پىنھان. 19 بولمايدۇ ھېچ كىشى دەردىڭگە دەرمان، رەنجىسەڭ، چېچەكلەر بايخان، چاي بولۇر. كېلىدۇ كۆپلەرگە شەيتاندىن پەرمان، ئورا ۋە توزاققا يولۇڭ باي بولۇر. چىدايسەن ھەممىگە كۈلگۈچە ئارمان، سەن تۆككەن سۆيگۈلەر دەريا، ساي بولۇر. 20 شەمشاد ۋە ئارچىلار باردۇر قەددىڭدە، تەشنا بىر دىماغنى تاشلايسەن يېرىپ. چەك روشەن ھەمىشە سېنىڭ ھەددىڭدە. مەڭگۈ ياش ھېسلىرىڭ كەتمەيدۇ قېرىپ. ئەزەلدىن مىسكىنلىك يوقتۇر جەددىڭدە، ئالىسەن جاناننى جېنىڭنى بېرىپ. 21 كەسلەيدۇ پالتىلار ئالتۇن شېخىڭنى، ئەمەنگە ئايلىنار تېخى ئۇز ئىمەن. ئېدىر دەپ ئۆتكۈزەر يۈكسەك تېغىڭنى، تېپىشار ئەينەكتىن پۇتاق ۋە ئېۋەن. بولۇقتا ھەيدەيدۇ ئانار بېغىڭنى، دېسىمۇ ئاغزىدا ياشىسۇن لېۋەن! 22 كىم سېنى شائىر بول، قوشاق قوش دەپتۇ، مالامەت چەك ئەمدى، تىتىل كەڭتاشا. ئەلەملەر كەلگەندە مەيلى خوش دەپتۇر، ئۆلۈمدىن ئۆزگىسى جەزمەن تاماشا، ئىگىمىز بىر ساڭا، بىر كوينى ساپتۇ، قوۋمىڭگە قورغانسەن، باغلارغا قاشا. 23 لالىلەر قان قۇسقاي دۇدۇقلاپ قالساڭ، كەلگەندە ئىبلىسقا بىرئان يۈزمۇ يۈز. قالماستىن قايرىلىپ، قاماللاپ ئالساڭ، ئەمەستۇر ئالەمدە يوللىرىڭ تۈپتۈز. باغرىڭدىن باغىرغا گۈلخانلار ياقساڭ، ئۇستىرا بولىدۇ جەزمەنكى تالتۇز. 24 كۈلكىلىك لەۋلەردە غىچىرلار چىشلار، ئۇر- يىقىت، قىر- چاپقا بولارسەن نىشان. بۇ قىزىق دۇنيادا قىزىقتۇر ئىشلار مېھرابتىن مەست چىقتى بامداتتا ئىشان. ئاھ، سېنى تونۇماس ياز بىلەن قىشلار، تۈتۈنگە يۈگرەيدۇ شەۋكەت، شەرەپ- شان. 25 قەرزىڭ بار تۈنلەرگە، قەرزىڭ بار تاڭغا، ماڭىمۇ شۇنداقسەن دەيدۇ قېرىنداش. تەگلىكسەن مەڭگۈگە ئاشۇنداق ئاڭغا، كۈتمىگىن ھىچكىمدىن شەپقەت ۋە ئاياش. ئوت قويغان يېرىڭ بار بىر چاغدا چاڭغا، قېيداپ كەتكەندە يىراققا قاياش. 26 بەيگىگە چۈشكەن بىر دۇلدۇلسەن گويا، بۇ باشتىن چىقىسەن سۆزسىز ئۇ باشقا. ئارىدا قالمايسەن، قالما ئارىدا، « كۆرەرمىز» دېگەننى يېزىپسەن تاشقا. پارلايسەن، چاقنايسەن نۇرۇڭ بارىدا، سائىللار باشقىدۇر، شائىرلار باشقا. 27 كۆرەڭلەر كۆپسىگەن چاغلارمۇ بولدى، يۈگرۈشى نەگىچە بولدى شۇ چاغدا. بىلىسەن، كۆڭلۈڭگە ئىشەنچلەر تولدى، ئاپتاپتا سايىلەر قالىدۇ داغدا. بىنەپشە يېنىدا كەكرىلەر سولدى، شەربەتلەر چەشمىدۇر ھەمىشە باغدا. 28 زارلىما ھەر قاچان، يۈرۈپ كەت ئاستا، دەۋرانىڭ قاچمىسۇن بارسا كەلمەسكە. ھەسرەتلەر ئىلكىدە كۈلگىن، ئېيت ناخشا، مەيلىڭنى بەرمىگىن مەيىل بەرمەسكە . كۆپ ئاڭلاپ چۇقاننى بولدۇق سۇنتاختا، چۇقانچى گۇمراندۇر ئاخىر ھەسھەستە. 29 مۈشكۈلدۇر زېمىندەك پىكىر ۋە ئوينى، كۆتۈرۈپ يول يۈرۈش، زېمىندە ياشاش. تۆگىلەر يانتاققا سۇنىدۇ بوينى، سەن بەلكىم بىراۋنى قىلىسەن ھاپاش. موھتاجلىق بارغۇزار بۆرىگە قوينى، يوق دېگەن بىر سۆزدىن سىزىپ تۈگەر تاش! 30 ھەننىۋا ھەسرەتلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ، كۆزلەردە ئۆرۈلەر پاختا يىپەككە. نەپرەتلەر سۆيگۈ بوپ ھامان يېتىدۇ، قاخشال شاخ تولىدۇ ئاپئاق چېچەككە، تەبىئەت ۋەسلىڭنى ئەللەي ئېتىدۇ، ياڭرىتىپ كۈيۈڭنى ئوراپ ئېتەككە. 2000- يىلى 2- ئىيۇل، ئۈرۈمچى
كېسىلگەن توغراق قۇربان بارات
ئەكەلدىم بازاردىن بىر ھارۋا ئوتۇن ، قار - مۇزلار ئىلكىدە قالغاندا جاھان . سوغۇقتا بېرىدۇ قۇياش تەپتىنى ، مەش ئوتى _ ئالتۇن رەڭ چىچەكلەيدىغان . ئوتۇننى رەتلىدىم ۋە بايقىدىمكى ، ھەممىسى قۇرۇق شاخ ئەمەسكەن بىراق . شاخلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى بىر تۈپ _ ياش ۋە ھۆل ، يېڭىلا كېسىلگەن توغراق . ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا ياتاتتى جانسىز ، ئۆلۈم ئازاۋىدىن ئاچچىق تولغۇنۇپ . ئانارنىڭ سۈيىدەك قانلىق كۆز يېشى ، كېسىلگەن جايىدا قاپتۇ مۇز بولۇپ . مەن غالىپ ۋاقىتقا باغلىدىم ئىشەنچ : ۋاقىت ھەل قىلىدۇ كۆپ مۈشكۈلاتنى . ئۇ ياشنى قېرىتىپ ، ھۆلنى قۇرۇتۇپ ، كۆيگىدەك قىلىدۇ سانسىز ھاياتنى . ھۆل توغراق ھويلامدا ياتتى قىش بويى ، قەھرىتان سوغۇقلار مۇزلاتتى ئۇنى . قىش ئۆتتى ۋە ئۇنى قويدى زەربىدە ، باھارنىڭ بورانلىق جۇدۇن - چاپقۇنى . ياز كېلىپ باشلاندى ئىسسىق كۈنلەرمۇ ، بۇ توغراق ئاپتاپتا ياتتى ھالسىراپ . ئويلىدىم ، ھۆللۈگى يوقالدى بەلكى ، ئاپتاپ ۋە شامالدا قۇرۇپ- قاغجىراپ. لېكىن كىم ئويلاپتۇ ؟ مەن ھايران قالدىم ، توغراقنىڭ ئاداققى ، مەغرۇر ئىشىدىن : تومۇزدا نوتىلار چىقتى بىخ سۈرۈپ ئۇنىڭ غول ۋە كېسىك بېغىشلىرىدىن . دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ يېڭى بىخلار ، كېسىلگەن توغراقتىن تاپقان ئىدى جان . نۇرلىنىپ تۇراتتى ئۇلار ياپ-يېشىل ، باھاردا ئويغا نغان مايسىدەك يۇمران . ۋە ھەممە ھاياتلىق بوغۇنلىرىدەك ، كۆزگە تاشلىناتتى بۇدرۇق ھەم ئوماق . سەبى بىر نەزەردە بېقىپ جاھانغا ، كۈلەتتى بۆشۈكتە كۈلگەندەك بوۋاق . تۇغۇلغان بۇ بىخلار ئاپتاپ قوينىدا ، تەلپۈنۈپ تۇراتتى ئەركە ۋە ئويناق . قەيسەر بىر ھاياتنىڭ ئۆلمەس كۈچىنى ، نامايەن قىلاتتى كېسىلگەن توغراق . بىلدىمكى ،جاڭگالنىڭ بۇ نەۋقىرانى ، تېخى تىز پۈكمىگەن ئۆلۈم ئالدىدا . ئۆلمىگەن ، ئۆتسىمۇ شۇنچە ۋاقىتلار ، ئانا يىلتىزىدىن بولسىمۇ جۇدا . ئويغا تتى پىكرىمنى قايناق كۈچ بىلەن ، كېسىلگەن توغراققا ياشنىغان نىھال . توغراقنىڭ تەغدىرى توغۇرلۇق مەندە ، قوزغالدى ئىلھاملىق ، ئەركىن بىر خىيال . ئويلىدىم : مېتالنىڭ قاتتىغى پولات ، تاۋلىنىپ چىقىدۇ يالقۇنلۇق ئوتتا . قارغاينىڭ قامىتى ۋە يېشىللىغى ، دۇنياغا كېلىدۇ قاتتىق سوغۇقتا . شۇ كەبى ، توغراقنىڭ تەبىئىتىنى ، تاۋلىغان جاڭگالنىڭ جەۋرۇ - جاپاسى. بوستانلار ماكانى ئەمەس ئۇنىڭكى ، ۋەتىنى _ بىپايان قۇملار دۇنياسى . ئۇ ئانا تۇپراقتىن تېپىپ ھاياتلىق ، كەڭ چۆللەر باغرىدا ئۆسەر تۇغۇلۇپ . بىر زامان دەريالار ئاققان ئىزلاردا ، ياشايدۇ باراقسان بىر ئورمان بولۇپ . ياز پەسلى ئالىدۇ ئۇنى قوينىغا ، قۇياشنىڭ يالقۇنى ، چۆل بورانلىرى . قىش كۈنى سوقىدۇ ئۇرۇپ ئاياۋسىز ، تىنىمسىز جەزىرە شىۋىرغانلىرى . دەريالار قىلمايدۇ ئاڭا غەمخورلۇق ، ۋە ھىچكىم چۆل ئارا سۇغارماس ئۇنى . ئېسىگە يەتكەندە يوقلايدۇ پەقەت ، ياز كەلكۈنلىرىنىڭ قىسقا تاشقىنى . لېكىن ئۇ بەك ئۇزاق ئەسىرلەر بويى ، ياشنىتىپ كەلمەكتە ھايات پەسلىنى . ئۆسمەكتە چۆللەردە يامراپ ھەر ياققا ، ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ يېشىل نەسلىنى . دەھشەتلىك زەربىلەر ، ياۋايى ئىقلىم ، يوق قىلىپ كېتەلمەس دۇنيادىن ئۇنى . ئۇ ھامان ئۆسىدۇ ، بېسىپ كەلسىمۇ ، ئېقىندەك ئۆركەشلىك قۇملار دولقۇنى . كېسىلگەن ، تاشلاندۇق بىر ھالەتتىمۇ ، ئۇ مانا مۇشۇنداق گۈللەيدۇ يەنە . يېشىل بىخ سۈرىدۇ خۇددى تىرىكتەك ، ھاياتى كۈچىنى قىلىپ تەنتەنە . ئۇنىڭ بۇ ئاجايىپ گۈللەشلىرىدە ، يارىدار جەڭچىنىڭ كۈلۈشلىرى بار . ئۆلۈمى ئالدىدىن ئاخىرقى قېتىم ، قىلىچقا تايىنىپ يۈرۈشلىرى بار . ئۇ گويا ھاۋادا ئوق يىگەن لاچىن ، بۇلۇتلار باغرىدا ياڭرىتار سادا . ئۇ گويا زۇلمەتتە ئۆچكەن بىر يۇلتۇز ، نۇرلانغان ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا . مەن ئاڭا تىكلىدىم مۇھەببەت بىلەن ، تۇغۇلدى قەلبىمدە مەغرۇر بىر قوشاق . ئۆلمەس بىر خەلىقنىڭ تىمسالى بولۇپ ، كۆرۈندى كۆزۈمگە كېسىلگەن توغراق.
شالدىراق گۈل بۇغدا ئابدۇللا
1 ئىلاھىي ھازىردۇر بىر زېمىن، خىيابانلاردا شالدىراق. كېچىپ - كېچىپ بارىدۇ غۇسسە، تەقدىراتلار ئۈزۈلمەس ۋە نەدىدۇر كېلىدۇ سادا، مىسالى ئۇ گۈل قۇڭغۇراق. يول ئۈستىدە بىر تۈپ قاراقات سەن ئۆزۈڭنى بەرىبىر ئۇنۇت خىيال پېتى قالىدۇ جاڭگال، چەكچەيگەنگە ناخشاڭنى ئۇرغۇت. ھەر قەدەھنىڭ ئىچىدە شەيتان، ئېتىدىكەن مەستلىكلەر داۋام. ئاھ، باشلانغان بىر قاراڭغۇلۇق، كۆرۈپ بولماس ئالدىڭنى تامام. ئۇلغايدىمۇ يازغىي دەريالار، سېغىنىشىڭ ئۇھ بىلەن كېتەر. كۆك تېرەكنىڭ شالدىرلاشلىرى، بوشلۇقلارنى تەستە ئەسلىتەر. جانانلارنىڭ جىلۋىسى نەدە، يەنە گۇگۇمدىمۇ مېۋە دەرىخى. كىملەر تەمتىرەر چۆل يامغۇرىدا، قانچە قىممەت ۋاقىتنىڭ نەرقى. نەدە - نەدە قالدى توقايلار ، تاۋۇسلارنىڭ قانتسىمان. بېغىشلايدۇ تەگسىز بىر خىيال، نەدىن چىقار شۇڭغۇغان. سېنى تارتىپ بارىدۇ نېمە، ئىچ - باغرىڭنى يۇيىدۇ نېمە، روھىڭ ماچتا، كەڭ - كۇشادە ئاچ، كەچمىش كېچەر، ئادەم بىر كېمە. كېتىۋەرگىن بىلگەن ئېقىندا، قايناملارغا قىلىپ تەۋەككۇل. ئۆمۈرلەرنىڭ چېكىتى نەدە تويۇپ تويماي قالىدۇ كۆڭۈل. يۈز دىگىنىڭ شۇنداق بىر نەرسە، كەڭ بىر كۆڭۈل ھەممىنى كەچۈر. خىرەلىنىپ بارىدۇ ئۇقۇم، قىزىق ئەمەس ئۇجۇر - بۇجۇر. تۇرقۇڭ بىلەن قىممەت پەرقلىق، تۆگە قۇشتەك بولمىساڭمۇ ھەم. ساددىلىقنىڭ ئېغىر بىر خۇرجۇن، كەتسە كېتەر يادىڭدىن بۇ دەم. ياخشىلىق دەپ ئۆتتۈڭ ۋە كەلدىڭ، نەدە - نەدە ئۆچتى پەركاينىڭ. مۇھەببىتىڭ پەر كايىڭ. مۇھەببىتىڭ پەگادا بىر ئىت سەككىز جەننەت بەلكى شۇ جاينىڭ. مەشرەپ جەندىسى ياخشىراق، مەيلى كەتكىن ئاشىققا ئايلىنىپ، يىغلاپ - يىغلاپ گۈلخان ئالدىدا، بىھوش بولغىن سۇنايلىنىپ. ئىبادەتكە ئارىلاشتۇر غەزەل، تىرىكلەرنى سىلكىشلە بىر ئان. روھ چاڭلىرى ئەرش ئەزىمدە، لەيلىگىلى بولدى نە زامان. يار غۇنچاققا قونغان بىر قاغا، ئۇ نىمىنى قىلۇر تەسەۋۋۇر. ئۇ ئاقمايدۇ ئاققان ۋاقىتتا لىكىلدىسا قۇيرۇقى ھوزۇر. چىرىسلايدۇ يالقۇندا يانتاق قايتىپ كېتەر قەدىمگە ئىسى. خاتىمىگە ئوخشىماس بۇ ھال، مۇقەددىمىنى ئەسلىتەر تۈسى. شالدىراق گۈل باغلار ئەركىسى، ۋىجدان رەڭگى ھەر بىر بەرگىڭدە. زۇۋانمۇ يوق يا سەندە چۇقان، تۈسكە كىردى ئوت تىلكىڭدە. پۈتۈلمىشتۇر يۇلتۇزۇڭ ئېگىز، ياۋايىلىق بېشىڭ ئۈزرە تاج. كۆك ئىچىدە سۈرىسەن دەۋر، قاراتمىسۇن يەرگە، كىم مۇھتاج ! 2 ئۇزاق سەپەرلەرنىڭ يالدامسىدەك، قانىتىدا ئاقارمىش پولات. ئۆتەرمىش ئۇ تاغلارنى تېشىپ، نامۇسىغا يۇقتۇرماستىن دات. توپۇلغان ئۇ قەدىمكى رىۋايەت - بىر قۇش، پەرلىرىدىن قالدىمۇ بىر تال، تۇرقى قىزىل قاشقىلىق تۇرنا سىياقىغا ئوخشار ئېھتىمال. نەسىل تاشلاپ كېتەر قۇش زاتى، قىيا، ئېدىر، ئېقىن بويىغا. كۈشەندىلەر، تەقدىر چاقمىقى، كىمنى قويغان، مۇراد - ئويىغا . روھىيەتنىڭ كائىناتى بار، دەۋر قىلغاندەك قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، ئۇزاق ئەسىرلەردە كۆرۈنەر بىر رەت، لىپ - لىپ قىلىپ ئۆتىدۇ يالغۇز. ئۇخلىمايدۇ قۇشلار ئۇ ئاخشام، چۇرۇقلىشىپ ئۇۋا - ئۇۋىدا. بىر ئۇزۇنغا ئاققان نۇر ئارا چۈجىلەر تۇمشۇقى تىلەك جامىدا. 3 ئەۋلاد نېمە دەركىن ئاخىرى، ھەمدە يۇتار قانداق بىر ئاچچىق. تەبىئەتنىڭ بېشىنى دەسسەپ، يۈرۈشلەرنى كىم دەر غالبلىق. كۆرۈنمەيدۇ روھنىڭ سايىسى، شەھەرلەرنىڭ دوقمۇشى خىلۋەت. قۇرۇق قاقشال جەرەن بېشىنى تاۋار قىلدى ئىنسان ئاقىۋەت. تامغا ئاسار گۆھەر تاپقاندەك، ئۆي - ئۆيلەردە بۇ ئەمدى رەسىم. مانا سەئەت ! نە كېرەك ئىزاھ تاز گۈل تاپسا بۇ شۇنداق ئىزىم. شۇنداق ئاقار سازايى ھەيكەل، كۆڭۈل ئېچىلماس بولمىسا بوزەك، مەدەنىيەت شۇنداق ئۇقۇمدەك تىرەجەمدۇ تەلۋىلىكتە بەك ! ئايا غاپىل، تۇنجى رەت غارىدىن چىقىپ ئاندىن تارتتىڭغۇ ياپراق، سەن تۇتىمغا كۆچكەندە تېخى ئۇنىڭغا تېۋىنغان قىسمەت ئاشۇنداق. قوشكېزەكمۇ ئادەم ۋە ئالجىش ۋەھشىيانە چۇقان - سۈرىنى. بىر كېمىدە تۇرار يانمۇ - يان نەرە تارتسا تەقدىر بورىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ كىم - كىمنى؟! ئۆزىنى قىستاپ بارىدۇ ئادەم، رەڭگى - رويى بارغانچە سوغۇق. سوئاللار تۇغۇلار: مۇشۇ ئەسىرگە ئېھتىمال توغرا يا خاتا كەلدۇق. كېلەر ئەسىرنىڭ ئادىمىي رىتىملىق بىر ھايات سىلەر خىرامان. توپا - تۇمان، ھاقارەت، بېسىم يىنىپ قارىساڭلار بىر چۆچەكسىمان. ئەسىرلەرنى ياراتتى خەلق يالىڭاياغ، چوغ دەسسەپ، بىز ھېچنېمىگە ئەمەس ئول تېشى، نېمە بار ئەسلىگىدەك ئاخىر ۋە دەسلەپ، بۇ ئەمەستۇر ئاچچىق ۋە كايىش زامان، ماكان بەرىبىر بوشلۇق، بىر سىقىم توپا ئالغىن ھەم پۇرا، ھىد، ئىنسان بارمۇ ساڭا تونۇشلۇق! كىم، كىمنى رازى قىلدى تەر تۆكۈپ، كىم كىمنى كۈلدۈردى سەمىمىي بولۇپ، كىم، كىمنى تەسىرلەندۈردى، بېشىغا قار سۈركەپ، كىم، كىمنى ئېرىتەلىدى ئېرىپ تۇرۇپ؟! ئادەم زاتى كەلدى پاك بولماي، پەيغەمبەر ئىزدىگەن ئىلاج، ئىئوران دەرياسىغا چۈمۈلدۈرگەن يەھياغا قەۋملەر ئىدى بەك موھتاج ھەزرىتى ئىسا بىلەتتى ئالدىن تانغان ئەمەسمۇ سىمون ئۈچ قېتىم. خوراز قىچقارغىچە بولغان شۇ ۋاقىت، تەكرار، ئۆزى قالغانمۇ يېتىم. 4 كېچە قاينىمىدا ئازابلىق بىر تۈس، ئۇيقۇ چىللايدۇ ئادەمنى ھارغىن دەقىقىلەرنىڭ يۈكى بەك ئېغىر شۇنداق تەستە ئالار قەدەمنى قۇرۇلۇش ئىچىدە يىمىرىلىش، چايقاش ئىچىدە تەلمۈرۈش. «مىڭ بىر كېچە» دىكى ئىس، تۈتەك، دېۋە، پەسىللەر يۆتكىلىپ ئاقىدۇ نەمخۇش. ئاتا ئۇيقۇدا تەشۋىش ئەنسىز بىر چۈش: يىلانلار سۇدا ئېقىپ كېلەرمىش، زەھىرى ئۇچۇپ، بۇلۇت بولۇپ، تىنچ كەپتەرلەرنى يۆگەپ كېتەرمىش. 5 بۇ كېچە رەھمەت كېچىسى ياراتماقتا ئىگەم بىر جان بارى- يوقى ئىككى تامچە قان، ئىككى چېقىندىن بىر رېتىم سادا. بەلكى بۇ يەر توغراق باياۋان. ياراتماقتا يەكتا گۈزەلنى، جىسمىغا رەڭ بېرىش ئەمەستۇر ئاسان قىزىل، سېرىق چېچەك، يېشىل رەيھان، شالدىراق، ۋە بىر رەڭگە ئالدى سىيادان، ئەنبەر سۈيى بەردى كاكۇلغا، بوي- بەستىنى ئەيلىدى ئاتۇچ، ئەقلىنى كۆلدىن ئېلىپ بىگۇمان. پۈتتى ئاخىر توققۇزى تەل قىز بىر ئەپسانە ئۇ، بىر ھۆرى غىلمان، نامۇسىنى ياراتتى پۈتۈن. بەلكى ئۇنىڭ ئەستىرىدۇر قان، يەكتا جاھىل ھەم يەكتا تەلۋا، ئېگىل دېسە ئېگىلمەيدىغان. ئۆڭمەيدىغان، كۆيمەيدىغان داتلاشمايدىغان، تەۋرىمەيدىغان. 6 ئادەم ئاتا يۈرگەن جايلار بۇ، پۇچۇق گۈمبەزلەر قالمىش بىر قىسسە. رىۋايەتلەر ئۇچار تىنىمىسىز. نەپسى غالىپ شەيتان، ۋەسۋەسە. ھۆجەيرىلەر ئۆلۈپ تىرىلەر، شىۋىرغانلار ئۇشقۇرىتار ئەنسىز. شاختا ئېلىپ قويما ئىشەنچىنى، يۈرمە ھەرگىز يەمسىز ھەم غەمسىز، سەدىقەڭنى ئايما يولدا، كۆرمەي قالما خىزىرنى يەنە، سەندەل بويى ئويۇڭنى ئالسۇن تەۋەرۈكتۇر ئۇدۇم، ئەنئەنە، ياخشى، ياخشى چۈشلەرگە ئاقيول. چۆچىكىنى باشلايدۇ ئوغلان: كۈندۈزمۇ يە كەچمۇ بىلمەيمەن، ئاي، كۈن، يۇلتۇز بىر بۇرۇجدا بىر ۋاقىتتا تۇرغان، ئوڭ مۈرەمدە بارمىش بىر بۈركۈت. يۇلتۇزغا قارىتىپ ئاتتىم مەن ئوقيا، كەلمىش يادىمغا بىر پىكىر ھامان، ئوقيا يۇلتۇزغا تەگكەن دەقىقە يەرگە چۈشۈپ ئىمىش يوقىغان، دەل ئاشۇنداق قىلنىڭ ئۈستىدە ئوڭ مۈرەمدىكى بۈركۈت يۇلتۇزنى ئېلىپ كەپتۇ، چاڭگاللىغان... ئاھ،قەدىمقى ياغاچ تاۋاقلار، ساڭا قايتىدۇ ئادەم ئاستىلاپ، ياۋايىلىقتىكى ھەر لەززەتكە، ياۋايى ھاياتلا بېرىدۇ جاۋاب. سۈرەلمە ۋاقىتلار نەدىكى، ئۇ يەردە يوق بازار ۋە يالغان، راستكوي كۆزلەر، سەمىمىيەت- مۇھەببەت- قالقان. بىراۋ بىرتال چوغ تاپسا ئوت سۇنىدۇ بارچە ئولىشىپ. بىر تال بۇغداي يېتىدۇ مىڭغا، تاتلىق يېيشىدۇ بۆلۈشۈپ. بارغىمۇ تەڭ، يوققىمۇ تەڭ، يولدىمۇ تەڭ، سولدىمۇ تەڭ، ئېقىپ- ئېقىپ كەتكەن ئۇ زامان، كۆمۈلۈپ تۇرغىنى تارىخ، ئېچىلىپ تۇرغىنى ھازىر. بىر قەدىمكى چىغلىقتا ئىزدىنىش ئىچىدە ياۋا توشقان. نېمىگە قارايدىكىن يەيدىغىنى ئوتنىڭ ئۇچى، كولىغىنى يىلتىز- ئۇستىخان. ******* تىپتىنىچ كېچىدە، تىپتىنىچ شالدىراق
سالغا تېشى بوغدا ئابدۇللا 1 يۇلغۇننىڭ ناخشىسى ئاز ئەمەس ، كۆنۈك سادالار ئىچىدە لەيلىمەس ، ئەركىلىتەر ئۆزىنى توقاي ، ساﻫىلدا ، بىزارلىقتىن يىراق ، غېرىچ چەتنىمەس . رەڭلەر يوقاتسا بارغانچە بەلگىسىنى ، چاڭ - توزاندا بۇرۇقتۇم بولسا بۇ ئالەم ، ﻫەيﻬات ، نېمە كۈچكىن ئۇنى ساقلىغان ، دەقىقىلەر ئۆلەر ، ئۇ تىرىك ﻫەردەم . دېنوزاۋرلار قالدى قاياقتا ، غار ئارا تۇخۇملىرى پولتىيىپ قاتقان . بىنەپشە رەڭلەر ئەسرار ئەلۋەتتە ، دېرەك ئالدىدا ئەمەس ئاغمىخان . نىل ۋە دوناينىڭ كۆك شاۋقۇنىغا ، تەڭشىلىپ تۇرىدۇ تۇنجى مەرغۇلى . ياۋايى ۋادىدا تۇغۇلغان رىزقى ، بوراندەك ئېچىلىپ بارىدۇ يولى . مىلادى دەم تۇرۇشتىن بۇرۇن ، ئوتنى تېڭىپ كەلگەن باغرىغا . ئۇ گىياﻫلارنىڭ پىرومېتىسى ، چۆللە كىرىپ كەلگەن ئىختىيارىغا . بوشلۇق ئىچىدە قايتماس ۋاقىت ، دەشت ﻫاياتى باش ۋە ئاخىرسىز . تىرىكلىك ئۇرغۇيدۇ قېنىدا ، يارمايدۇ تاش ئۇرۇقمۇ روﻫسىز . تەقدىرنىڭ سالغا تېشىغا ، ئوخشاپ قالىدۇ چۆل بىلەن ئىنسان . ئۇنىڭدا بار يارىلىش ، ئۇدۇم ، كەلدى ياشاپ مۆجىزىسىمان . ئىنتىلىش كۈچى _ توتېمىدىمۇ ؟ سۆيۈنۈش كۈچى _ يىلتىزىدىمۇ ؟ ﻫاياتىي كۈچى _ شور تۇپراقتىمۇ ؟ بايلىق كۈچى _ ئوغلان - قىزىدىمۇ ؟ بەدەل ، تارتىشىش ، ئۇنتۇلۇش ، ﻫالسىراش ، سېغىنىش ، كۈچەش ، ئەسلەش ، سوزۇلۇش ، ئۆرلەش ، كۆيۈش ، تېڭىرقاش ، تىرەجەش . 2 مۇقەددەس دەرەخكە چىگىلگەن لاتا ، ئارزۇ - ئۈمىدنىڭ ياپراقچىسىدەك . قوچقار مۈڭگۈزى شامالدا ئۆڭگەن ، ئەپسۇنسىز دۇنيانىڭ جاكارچىسىدەك . قايتار ئادەملەر تۇغ - شادىغا ، روﻫ يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ قۇملۇقتا . سەبىيلىكتىن باشلىنار نەپەس ، گۈلخان ئايلانغاندەك ئالتۇنغا ئوتتا . كېچە ، قۇملۇقنىڭ قاراڭغۇسىدا ، كېلىدۇ ياۋايى جەڭلەردىن سادا . بۇ ئەقىلدىن غەيرى كۆرۈنۈش ، كۆرسەتمە خۇدا ! ساينىڭ تېشىدەك قاقشال باش سۆڭەك ، مىڭ گەز كۆمۈلسىمۇ گۆﻫەر بولالماس . بوراندا ئېچىلىپ كۆكلەيدۇ توپتەك ، ( بەلكى شۇ ، بەلكى ئەمەس ئاداۋەت ، قىساس ! ) بىر - بىرىگە سوقۇلار دەﻫشەت ، ﻫۇۋلاشنىڭ ئىچىدە چاچرار ئۇستىخان . بۇ يۇلتۇز ئەمەس ئاققان ، بۇ ئەمەس يەكمۇيەك مەيدان . بۇ تارىخنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ ؟ بۇ ئىنكارنىڭ خۇلاسىسىمۇ ؟ بۇ تۆرىلىشنىڭ جازاسىمۇ ؟ بۇ غالىبىيەتنىڭ تەنتەنىسىمۇ ؟ بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ مېۋىسىمۇ ؟ ﻫەممە كۆمۈلىدىكەن تەبىئەتكە ، ﻫەممە سىڭىدىكەن تەبىئەتكە . ياتلىشىپ ، داۋاملىشىپ ، ئۇلىشىدىكەن ئەبەدىيەتكە . بوران توختار ، جىمىيدۇ ﻫەممە ، ئاقار قۇملۇق لايلانماي پاكىز . يۇلغۇنلارنىڭ چۈشلىرىمۇ ئوڭ ، بۇلغىنىشنى بىلمەيدۇ ﻫەرگىز . تەبىئىيلىك ماسلىققا چۆپقەت ، بەلگىسىز يانتاققا ياققاندەك شېكەر . كەم - كۈتىسى يوق يا ئارتۇقى ، جۇلالانغان ياقۇتتەك بۇ يەر . مۈڭگۈزلەرنى مەشئەل قىلغان يۇرت ، رىۋايەتلىرى بىر ئالتۇن ئاچقۇچ . ساقلانغان چىشلارنىڭ ئاراشلىرىدا ، يېڭىلانغاندەك خېمىر تۇرۇچ . تىڭشا زېمىننى قۇلاق يېقىپ ، بايقىلىدۇ داپ ئارا رىتىم . ﻫالسىز ئەمەس ، تۇلپار يورغىسى ، كەمتۈك ئەمەس ، بېجىرىم . ياۋايى تاش ئۆڭكۈرلەر ئۆچكەن ، كۆرۈنەر مىڭ ئۆيلەرنىڭ بويىقى ئارا . كۆچەر ئاندىن كېيىكلەرنىڭ كۆزىگە ، نوﻫقا تۇتىشىدۇ بارا - بارا . ئۆتىدۇ ئۇ مىڭ پاتمان كەتمەننىڭ كۆزىدىن ، ساپانلارنىڭ قۇلىقىدىن ، يالاڭ ئاياغلارنىڭ تىنىقىدىن . ئۇلىشىپ تۇرىدۇ بىر ئۇچى ، بۇرۇجدىكى سەييارىنىڭ ئايلىنىشىغا . قوغلىشىدۇ ئاۋازنى ئاۋاز ، بېلىق ئاققاندەك سۇنىڭ بېشىغا . پارقىراق كۇمۇتا ، پەرۋانە ﻫەتتا ، شۇ سىزىقتىن ئەمەس تاشقىرى . تومۇزغىنىڭ نەپىسى تىرىلەر ، شۇ ﻫېكمەتنى بىلگەندىن بېرى . چوڭقۇر بىر سۈكۈت ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر سۈزۈك تامچە ئۆسۈپ - ئۆسكەندەك سەدەپتە بىباﻫا بولىدۇ بارغانچە . ئېقىن بويلىرىدا ئاۋۇدى كۈن - تۈن ، يېپىنىپ يۈرگىنى قوي تېرىسى . ياۋايى توڭگۇزنى مىنەر كالىدەك ، ﻫايقىرىپ توۋلىغىنى مۇقام - ناخشىسى . مۇقەددەسلىك تۇغۇلىدۇ نېمىدىن ، يا قان - تەردىن ، يا خىسلەتنىڭ خاتىمىسىدىن ، يا ﻫاتەملەر كۆكسىدىن . سۇ _ يورۇپ تۇرغان قاشتېشى ، دەشت _ ئۇسساپ تۇرغان بىر قاپاق . بوران _ ئۆرۈپ - چۆرۈگۈچى ، ۋاقىت _ پاختىسى ئۇچار بىر قامغاق . قەدىم ئىزدا ئاقىدۇ تۇپراق ، قەدىم خۇشبۇيلۇق كەتمەيدۇ ئېرىپ . يۈكسەكلىك بار خىياباندىمۇ ، كۆك قىياق ياشايدۇ مەغرۇرلىنىپ . ئاققان ، قوشۇلغان ، يۇغۇرۇلغان ، تكلەنگەن ، ياشىغان ، گۈمۈرۈلگەن . تۇغۇلغان ، سۆرىگەن ، سۆرەلگەن ، تىرماشقان ، قىر ئاشقان ، نان يېگەن . قاراقۇرۇمدىن - ئىدىقۇتقىچە ، خان سارايلىرى ، ئىبادەتخانا ئالتۇن مەبۇد ۋە ئالتۇن چىراغ ، بىلگەن راست دەر ، بىلمىگەن ئەپسانە . ئۇرخۇن ئاققان يىراق - يىراقتا ، تارىم دەريا ئاققان بۇ ياقتا ، تەڭرىتېغى بۈيۈك ئومۇرتقا ، بۆشۈك بىلەن ﻫەپىلەشكەن ئانا . ئانا تىلنىڭ شەربەتلىرىدىن ، تامشىپ - تامشىپ ئالغاندا لەززەت ، دېڭىز بۇلۇتىدەك تۇرغان مېڭە ئېچىلىپ ۋىلىقلاپ كۈلەتتى پەرزەنت . ئاق ئارغىماق ئۈستىدە مەﻫمۇد ، ئارىلاپ يۈرگىنى يۇرت - قوۋم . پەي قەلەمدە قوناتتى سۆزلۈك ، چۈشەنچىلەر ئەمەس ﻫېچ مەۋﻫۇم . << قۇت >>نى قوشار << بىلىك >>كە يۈسۈپ ، كېلەچەك يىللارغا كىرىپ ئالدىدىن . ئايىغىدا ئوتقاش پايانداز ، چاچقۇلار ئايلىنار ئۈستىۋېشىدىن . بىرى مۇنەججىم _ يۇلتۇز سانار ، بىرى كىمىياگەر . بىرى مۇﻫەندىس ، بىرى مومىياگەر . قەدىم دېگەن سىرلىق بىر ئۇقۇم ، تەلەپ قىلماس ﻫېچبىر ئىزاﻫات . بەلكى قالغان يىلىكلەر ئارا ، كۈچى بىلەن ئىرغىيدۇ ﻫايات . ياۋايىلىق قەدىمىيلىكمۇ ؟ زامان بېسىپ كېلىدۇ ئىنسان . ئۇ ئۆزىنى بىلەر ﻫەم بىلمەس ، خۇددى مۈجىمەل بىر تەبىرسىمان . قالىدىكەن ئەپسۇس يەپ ئاخىر ، بۇ تۇغۇلۇش - ئۆلۈش ئارىسى . قىزىرىپ ئۆچكەندەك تۆمۈر ئاتەش ، ﻫالىدىن كېتەر كۆزنىڭ قارىسى . يا جاۋاﻫىردىمۇ قىممەت ؟ يا كىبىردىمۇ قىممەت ؟ يا يالغاندىمۇ قىممەت ؟ يا سىردىمۇ قىممەت ؟ يۇمرانلىق تۇرىدۇ كۆكىرىپ ، خاتىرجەملىك كۆتۈرىدۇ باش . ئوچۇقلۇق _ يىللارغا بەرىكەت ، ئېزگۈ نىيەت _ يول ، قاياش . تىلسىم ئۈستىدە ئۇچار لەيلەكلەر ، نېمىگىدۇر يېقىنلاشقاندەك ، كەكلىك ئېدىرغا سىڭەر بولغاندەك ، نېمىدىندۇر ئۇزاقلاشقاندەك . خىزىر يۈرەرمىش چەت - ياقىدا ، كۆمەرمىش ئېچىلىپ قالسا زېمىن . تۈلكە تۆشۈكى بوپكەتمىسۇن دەپ ، سەﻫەر - تاڭلاردا قىلارمىش ئامىن . بۇ يەردە مەنزىلدىن مەنزىلگە ، كۆچكەن يىلانلار ئىلگىرىلەپ . گۈلدۈرلىگەن ئاۋازلار ، غەلىتە نەرسىنىڭ ساداسى ، لەرزىدە زېمىن - زامانە ، ماكان - ماكانە ، قورققان ئادەملەر دەرەختە ، تاڭ قېتىپ تۇرۇشقان سەﻫەرلەپ ، ئۇزاپ كەتكەن شۇ يوسۇن بىلەن ، سىرلىق غەلىتە ﻫەممە - ﻫەممىسى . بۇ بىر قۇيۇنسىز قۇيۇن ، ۋاقىت - سائىتىنى بولمايدۇ بىلىپ . تەبىئەت بىر مەۋﻫۇم تاردەك ، تۇرىدۇ ئەيتاۋۇر تەڭشەكسىزلىك ئىچىدە تەڭشىلىپ . 4 تۈن بويى توختىماي يېغىپ تۇردى قۇم ، ( توشقان يىلى دەر بۇنى رىۋايەت . ) كېتىك شەﻫىرى ، سېپىل ، قەلئەلەر ، رەسىتىلەر ، خەزىنە ، باغۋاران پەقەت ، قالدى ۋەيرانلىق ، قاراڭغۇلۇقتا ، مەسچىتلەر ، مۇنارلار ، گۈمبەزلەر . ئۆيلەردە ئۆلۈكلەر قاتقان غارايىپ ، ( شامالدا ئېچىلار بەزەن - بەزەنلەر ) قۇشنىڭ بېشىغا كەلگەندەك ئەجەل ، چۆككەن بىر ﻫايات قالدى ئارقىدا . ئامان قالغانلار كۆچتى جان ئېلىپ ، تاغلار كەل - كەل دەپ تۇردى شىمالدا . نېرىسىدا گۈرۈلدەيدۇ قۇم ، خىيال يەتمەس بىر تىلسىمات . قانچە چۈشلەر قالدى قەيەردە ، ئىزدەپ قويۇشار پات - پات . ئېگىزلىكتە مىنگىشىپ تۇرغان ، زەدىۋال تاغ ، تاش قوۋۇق تېغى ، نامسىز ئوتلار كەچ كۈزگە ﻫۆسن . تۇلپارلارنىڭ قىزار تۇۋىقى ، سۇ ئىلاﻫى قۇدرەت كۈچىنى ، كۆرسىتىدۇ فىروزەسىمان . لاچىن كۆڭلى ئۆسەر قىيادا ، قانىتىنى بۆلەيدۇ ئاسمان . 5 تەكلىماكان _ ئەمەس ياۋايى ئۇقۇم ، ئۆزىگە سىڭگەن نام سۇ تامچىسىدەك . ئۆزىگە ياراشقان ئالتۇن تاجىدەك ۋە يا زەر باسقان دوپپىدەك . قۇم چېپىپ يۈرگەن ياۋايى تۆگە ، تۆگە يەنە بىر سالغا تېشى ، بۇ يەر ئۈچۈن چۈشۈشى ، بۇ يەر ئۈچۈن كۆيۈپ - پىشىشى . ئۇتتۇرۇش ئەمەس زۇۋانسىزلىقى ، چۆلدە يۈرگىنى ئەمەس غاپىللىقى . ئىزىنى كۆمىمەن دەيدۇ شاماللار ، باتۇرلۇقى _ جاﻫىللىقى ، ئۇ تىرىلىدۇ دەشتتىن ، ئات تىرىلگەندەك شامالدىن ، كالا تىرىلگەندەك سۇدىن ، قوي تىرىلگەندەك شوردىن . كۆز نۇرى توشقان يۇڭىدەك ، ئاتەش قۇم بىلەن بولغان بىر گەۋدە . ئۇ باغرىنىڭ ﻫېكايىسىدەك ، تارالغۇسى بۈگۈن ﻫەم ئەتە . بىز ئىنسان ، بىز كىبىر ئىچىدە ، روﻫى بىلەن كەلدۇق ئېتىشىپ . كىم ئەيىبلىك سۆزلىسۇن زامان ، ئۇ ئەرشتە بولماس تەڭشىلىپ ، ئۇ بۈگۈنگە ئايلانغان قەدىم ، يىراق دېڭىزغىچە بارغان ، راست . يېرىم ئۇخلاق ياۋروپاغا يىپەك يېپىندۇرغان ، راست . ﻫومىرىنىڭ كۈيلىرى ئەمەس ناتونۇش ، ئەپلاتوننى ئېلىپ كەلگەن ئۇ ، سورۇنلارغا ياقا تۇتتۇرۇپ ، سۇنماس كۆۋرۈك سېلىپ كەلگەن ئۇ . ئاڭا ئارتقان ئۈمىد يۈكىنى ، يەنە ئەجداد قىلىپ ئىلتىجا . دېڭىز ئاتلاپ دېڭىزغا چۆككەن ، بېلىقلارغا يەتكەنىدى ئاﻫ . قالدى سۆڭەك ، غېرىب قەبرىلەر ، بۇ ئالەمنىڭ نېرىقى چېتىدە . بارسا كەلمەس يوللار ، گۇناﻫى ئانىنى قاتتىق ئەمگەنلىكىدە . ئايىغىدا چۆرگىلەر ئالەم ، رەنجىش - رەنجىتىش ئىچىدە دۇنيا . زامانلار تەگكەن چىشىغا بەلكى ، << ئال شەﻫىرىڭنى ! . . . >> دېگەندەك گويا . قىسمەتلىرى شېرىكسىز تاكى ، دۇنيا پاتقان ئېغىر گۇناﻫقا ، شۇ ۋەجىدىن توۋا - ئىستىغپار بولۇپ يەنە يۇيۇلۇپ تۇرار ، ئۇ ساقىتتۇر تەكرار ۋە تەكرار . ئەي بابا تۆگە ، ساڭا تونۇش ﻫەممە - ﻫەممىسى . دەيدىغۇ سېنى چۆل كېمىسى ، سەپىرىڭنىڭ بارمۇ پەللىسى . سەن كۆمۈلگەن كىچىك ﻫەيكەلچاق ، قۇم تېگىدە پەريادلىرىڭ بار . جۈپ ئۆركىشىڭ نومۇس كۈچۈڭمۇ ؟ تاپىنىڭدا ئاق نىيەتلىرىڭ بار . تىكىلىسەن يىراق ۋە ئۈنسىز ، غايىب ئاۋازلار ﻫەمراﻫىڭمىدۇ ؟ قەدىمكى قاياس شەﻫىرى ، كىم بىلىدۇ بارگاﻫىڭمىدۇ . قۇلىقىڭدا دەريا شاۋقۇنى ، ئارقا دەريا پاتقان ئۇيقۇغا . يەنە تۇرۇپ سىلجىغۇڭ كەلمەس ، يارداڭلىققا ، توقايلىققا ﻫاياتبەخش شامالنى چىللاپ ﻫەم مەست بولۇپ ئۇنىڭدىن كۈندە ، ياشاۋەرگىن ئاققان يولۇڭدا سېنىڭمۇ بىر خۇدايىڭ بار - دە ! 6 چۆل ياتىدۇ ﻫەسەتسىز ، مىڭ تاۋلىنىپ تاۋۇستەك ، مەستخۇشلۇقى سوئالسىز ، جاۋابسىز ، كۆرۈنەر ئەسىر لەﻫەڭ قۇيرۇقىدەك . بۇ تارىم ئىنسان تېرىسىنى تۈسلەتكەن ، بۇ يەر قۇرۇق قەلەمچىنى تا سانجىپ قويسا كۆكلەتكەن ! ئابىﻬايات تامغان توغراقلارغا مىڭ يىل ياشايدۇ تىك تۇرۇپ ، مىڭ يىل ياشايدۇ يانچە يېتىپ ، مىڭ يىل ياشايدۇ قىغى ، تۆرىلىپ . . . توغراق ، توغراق يېشىل روﻫمىكىن ، لەيلەشلىرى كۆركەم ﻫەم نازۇك ، ئۇ تۆلىدى قانچىلىك بەدەل ، يېشەلمەيدۇ خىيال ﻫېچ تۈزۈك . قانچە بىرى يەر بېغىرلىغان ، تەسەۋۋۇر قىلغاندەك تۇغۇلۇشنى ، ئانا دەرەخنىڭ تولغىقى ئاچچىق ، كۆرۈپ ئالىقىنىدا جاننىڭ ئوينىشىنى ، ﻫەر ﻫاسىراشنىڭ تىكەنلىرىدە ، بۇژ - بۇژ تەرلەر بولىدۇ ئېرەن . چەكچەيگەن كۆزىنىڭ چاناقلىرىدا توختاپ - توختاپ قالىدۇ سۈرەن . . . تەقدىر كېمىسىدە گىياﻫ ﻫەم ئىنسان ، تاللىنىش ئىچىدە تۇرىدۇ ﻫامان . قىسمەت ۋەﻫىمىسى : زامان ئادىمى ، ئەقىل بالاغىتى بىر تەلۋىسىمان . يوپۇرماقلارغا نە كېرەك كانار ، تۇرسۇن ئېگىزلىك ، كەڭلىكتە . ساددا بىر ﻫايات تاكامۇل ، جېنى تىرىلمەيدۇ تۈڭلۈكتە . سېخىينىڭ قولىدىن چىققىنى ، ماي يىغىپ قويىدۇ بۆرەككە . ئۇنىڭغا ئاش تارتساڭ لېگەن ئال ، بىراق ﻫېچ زورلىما كومزەككە . بۇ يەردە تۈرۈلۈپ قالمىسۇن ، گۈزەللىك ئىلاﻫىنىڭ قاپاق - قاشلىرى . قوينىدىن تۆكۈلۈپ تۇرار دۇردانە ، ئەمەس خۇنۈكلۈكنىڭ داشقاللىرى . ئافىنا قىزىنى ياراتقان گرېك ، گۈليانىدا جانان ياراتتى ئۇيغۇر . قۇم ئارا يەلكەن چىقارسا كېمە ، بايرون داڭقېتىپ قالاتتى بىر قۇر . قىز _ تارىمدىكى ئاققۇسىمان ، جەننەت _ تەڭرى ئۆزىگە قالدۇرغان . پەرىشتىلەر _ يۇلغۇندىن كۆكلەر ، قاناتلىنىپ كېتىشكەن ﻫەر يان . . . بابالار بىلىپتىكەن بىر نېمە ، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە پاناﻫلىنىپ . ئەمدىكى كۆز بىلەن قارىساق ، يۈرمەپتىكەن خاتا قىلىپ . روﻫى رەﻫمەت قىلمايدۇ تەمە ، كەتتى تامام تۇپراققا ئايلىنىپ . چاڭ زەررىسى باش ئۈستۈڭدە تاج ، كەبىتۇللا بىل ، سەجدىگاﻫ قىلىپ ، ئىزدىشەر ، ئىزدىگەن ئۆزىنىڭ ئىزى ، قوچقارغىمۇ شەرەپ مۈڭگۈزى . مۇنارنىڭ تۈۋى يوق ئاسماندا ، ئۇچى ئۇچ ، تۈۋىدە يىلتىزى . بويۇن ئاسقۇمۇ كۆرۈنگىنىلا ، مەنزىلمۇ يەتسەم دەپ تەلپۈنگىنىلا ، چۆل مىجەزى جىمجىت دەريادەك ، بىلىسەن شىر بولۇپ تۆرەلگەندىلا . مېۋىسى ئالتۇن ، ياپرىقى كۈمۈش جىگدە دەرىخى گۈپۈلدىسە ، << يەتتە قىزلىرىم >> تۇرىدۇ ﻫايات ، ياندۇرغان مەشئىلىنى تەۋرەتمىسە . قۇرمىش ئاتا ، تۆلەمىش ئاتا ، پالۋان ئاتا _ بىر ئاق كېمە مالىخاي . ئۇرۇلدى قايسى بىر قىياغا ، مۇمكىنمۇ جىيەكتە ئېتەك بولۇنماي ؟ ! چۆچۈيدۇ تەسۋىر ئىبارىسىدىن ، ئۇنداق قىلسا گۇناﻫ بولىدۇ . ئوغلانلارغا بۆرە ئوشۇقى تۇمار ، داۋان داۋىسا ﻫەمراﻫ بولىدۇ . 7 ئايدىڭدا بارخان - بارخان قۇم ، كۆرۈنىدۇ بەك غۇۋا ، سوغۇق . غارلاردا پەقەت مۇز بىلەن شامال ، ئاﻫاڭلار ئېنىق ، ئىلاﻫىي ، تولۇق : ئالتۇن قوڭغۇراقنى ئەسلىتىپ ، چىرىسلىغان ئارچىنى ئەسلىتىپ ، مەرۋايىت نۇرىنى ئەسلىتىپ ، ﻫاۋا رەڭ بوياقنى ئەسلىتىپ ، تارسىزلىقى مۆجىزىدەك ، قارارسىزلىقى مۆجىزىدەك ، تۇرىدۇ ئۇ سۇغا ئايلىنىپ ، تۇرىدۇ ئۇ يىلتىزغا ئايلىنىپ ، ئۇ نىيەت ، ئۇ توزۇماس رىۋايەت.
...[s:11] |