پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 117|ئىنكاس: 3

ياشلىق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
38
قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 18:06:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ياشلىق



ياشلىقىم ! ھەي گۈلدەك چېغىم كەتتىڭ قايان ،
ھەسرىتا ! قەدرىڭنى مەن بىلمەپتىمەن .
نامازشامدەك ۋاقتىڭ سېنىڭ قىسقا ئەجەپ ،
بۇنچە تېزلا كېتەر ئۇزاپ دېمەپتىمەن .




كەتتى ئۇچۇپ قۇشلار كەبى قاياققىدۇر ،
قانچە قىلسام قايتماس ئارتقا بۇ ياشلىقىم .
بېشىم قويۇپ قوينۇڭدا بەك ئۇخلاپتىمەن ،
كۈنلەر ئۆتۈپ خورىماقتا ھەم  شاشلىقىم .




چۈشتى قىراۋ چاچ-ساقالغا قاردەك گويا ،
گۈل-بېغىمنىڭ ئەتىۋارى قالدى نەدە ؟
ئاڭلانمايدۇ بۇلبۇل –كاككۇك ئۈنى ھەتتا ،
قاغجىرىغان گۈل-گىياھلار چۈشۈپ يەرگە .




گەرچە ھەركۈن قۇياش پاتسا مەغرىبكە ،
كۈتۈرۈلۈپ چىقار يەنە شەرقتىن .
بىراق ، ياشلىق كېتىدىكەن بىر يولى ،
كەلمەيدىكەن قۇچاق ئېچىپ كەينىدىن .




قەدرىڭ بىلگەن چېغىمدا ئەي ياشلىقىم ،
چەكسىز يىراق پەرۋاز قىپسەن توختىماي .
ئەسلى ھەر كۈن ئامانەتكەن ئۆمۈرنىڭ ،
قانداق چىداي ئەمدى ھەرگىز يىغلىماي .




ئەسلى ياشلىق ئىلىم-بىلىم كانىكەن ،
راۋاج تېپىپ ، ئالغا بېسىش ۋاقتىكەن .
ھەر قەدەمدە بەركەتلىك ئىز قالدۇرۇپ ،
بىكارچىدىن يىراق تۇرغان ياخشىكەن .




بەڭباشلىقتا كېزىپ كوچا ھەر كويدا ،
كەيپ سۈرۈپ كۈنۇ-تۈندە مەست-ئەلەس .
جىسمۇ-روھى زەھەرلەنگەن بىخۇت بوپ ،
ئۇ ھەقىقى ئۇيغۇر يىگىتى ئەمەس .




نى مەشھۇرلار ئۆتكەن ياشاپ بۇ دىيار ،
« مەھمۇد » ، « يۈسۈپ » ،« سۇتۇق بۇغرا »، يۈكنەكى .
ياشلىقىدا ئەجر قىلغان ، تەر تۆكۈپ ،
ھەر بىر ئىنسان« پەرز » بۇنى بىلمەكى .




زېھنى ئوچۇق ئالتۇن ۋاقىت بۇ ياشلىق ،
ئۆتكۈر مەرگەن ئوقياسىدەك شىددەتلىك .
توسسا دۈشمەن ، يۈرىكىنى تىلغايدۇ ،
كۆرىنىدۇ باتۇر شۇنچە ھەيۋەتلىك .



ياشلىقىمىز ئۆتكۈنچىدۇر بەك قىسقا ،
بارلىقىدا ئۇنىڭ قەدرىن بىلەيلى .
ئىلمۇ-ئىرپان باغلىرىدىن گۈل ئۈزۈپ ،
ھەر بىر كۈنگە سىرۇ-ھېكمەت تىلەيلى .




ياشلىقىدا ئۆگەنسە گەر ھەر كىشى ،
قېرىغاندا قېپقالمايدۇ ھېچ ئىشى .
ئۆتكەن كۈندىن رازى بولساق كۇپايە ،
تېپىلمايدۇ بۇنىڭ ھەرگىز تەڭ-تۇشى .



ئەزرائىل ئىزدەيدۇ سېنى بىر كۈنى ،
شۇ ئەزىز تېنىڭدىن ئېلىشقا جاننى .
ئۆلۈمدۇر مەڭگۈلۈك سۇنماس ھەقىقەت ،
قەدىرلە ئۆمرۈڭدە دوستۇم ياشلىقنى  .




مەنبە-ئۆزۈم


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 3 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 3 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 19:41:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز .ياشلىقنى ھەرقانداق بىركىشى تۇلۇق قەدىرلىشى كىرەك. ئۈتۈپ كەتكەن ياشلىق قايتىپ كەلمەيدۇ .  ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىرچېغى تۇلىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمۈرى بىراق . يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى  ، ياشلىق گۈلىدىن تۈكۈلىدۇ بىر يۇپۇرماق . دىمەك ياشلىق ئىنتايىن مۇھىم  شۇڭا ياشلىقنى بوش ئۆتكۈزۈپ قويغۇچىلار كىيىن پۇشايمانغا قالىدۇ.  ياخشى تىما يوللاپسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 01:24  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 2

قىزغىنلىق
88 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
51 سەر
شۆھرەت
51 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 19:35:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكى پۇشايمان ئۆزىمىزگە دۈشمەن، ۋاقىتنى قولدىن بىرىپ قويماسلىقىمىز لازىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1681 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 23:05:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىقىمىزنمى قەدىرلەپ مەنلىك ئىشلار بىلەن تولدۇرشىمىز كىرەك .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:15, Processed in 0.136545 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش