- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| مىنىڭ ئارزىيۇم
( مۇھاكىمە خارەكتىرلىق ماقالە)
ئاپتۇرى : نۇرمۇھەممەت
زەپەر
جەمىئەتتە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر ئارزۇسى ئۈمۈدى ،غايىسى بۇلىدۇ .بەزىلەر ئىنجىنىر ،ئارتىس،ئالىم ، يازغۇچى، بەزىلەر بولسا ھەربىي، دۇختۇر ۋە دۆلەت ئەربابى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مىنىڭمۇ ئەنە شۇ لارغا ئۆخشاشلا ئۆز- ئالدىمغا ئارزىيۇم ۋە غايە نىشانىم بار.ئۇ بولسىمۇ ئەل ئىچىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان داڭلىق يازغۇچى شائىر بۇلۇشتىن ئىبارەت. مەن شۇ جاپاكەش داڭلىق ئەل ئىچىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان يازغۇچى شائىرلىرىمىزدىن. : ئابدىرەھىم ئوتكۈر، مۇھەممەتجان راشىدىن ،ئاتىكەم سىدىق ،ئوسمانجان ساۋۇت،تەلئەت قادىر،ئەخمەت ئىمىن، ياقۇپ كېرەم ،زۇردۇن سابىر، ئابلا سۇلايمان ، مامۇت زايىت، رۇزى سايىت، قاتارلىق يازغۇچى –شائىرلىرىمىزنىڭ ھارماي تالماي ، كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يازغان شىئېر ئەسەرلىرىنى ئۇقۇغىنىمدا ھەمدە ئۇلارنىڭ كىچىكلىكىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان كىتاپ ۋە شىئېر ئەسەرلەرنى ئۇقۇپ چىقىپ ھازىرقىدەك پۈتۈن ئالەمگە جەمىيەتكە تۇنۇلغان ياخشى يازغۇچىلاردىن بۇلۇپ چىققانلىقىنى كۆرگىنىمدە << مەندە ھازىرمۇ چۇقۇم مۇشۇ ئۇستازلىرىمدەك >>ياراملىق ئەلگە تۇنۇلغان يازغۇچى .شائىر بۇلىمەن دەيدىغان بىر ئارزىيۇم پەيدا بۇلىدۇ. مىنىڭ بىر ئاغىنەممۇ .ئەنە شۇلارغا ئوخشاشلا بىر ھەۋەسكار شائىر . مەن شۇ ئاغىنەمنىڭ ھەر كۈنى كىچىنى – كۈندۈزگە ئۇلاپ ئەسەر يېزىۋاتقانلىقىنى ۋە كىتاپ ئۇقۇۋاتقانلىقىنى كۆرگۈنۈمدە يازغۇچىلىق خىزىمىتىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قالىمەن . ۋە شۇ ئاغىنەم بىلەن باشقا ئۇرۇنلارغا بارغاندا ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۇچۇرغان ئاغىنە قەلەمكەشلىرنىڭ ئۇنىڭغا ناھايتى ئەدەپ بىلەن ھۆرمەت قىلغانلىقىنى ھەم قەلەم قۇۋىتى ئاجىز ئۇقۇتقۇچىلار ئۈنۋان ئالغاندا ئۇنىڭغا نىسپىتەن ياخشى ماقالىلەردىن بىر قانچىنى ئۈزىنىڭ نامىدا يېزىپ كىتاپتا ئىلان قىلدۇرۇشى ئۈچۈن يالۋىرۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمە ن ھەم كۈرىمەن . بۇنداق چاغدا يەنىلا مىنىڭ يازغۇچى- شائىرلاردىن بۇلۇش ئارزىيۇم تېخىمۇ كۈچىيدۇ. مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچۇم ماڭا يازغۇچى – شائىر بۇلۇش گەرچە بەك جاپالىق بولسىمۇ ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ، قابىلىيەتلىك ،ئىختىدارلىق ، كۆپنى كۆرگەن . پۈتۈن ياش- يېرى ئىنسانىيەتكە قوشقان توھپىسى مۆلچەرلىگۈسىز دىگەن گىپى ھېلىھەم ئىسىمدە شۇڭا مەن يازغۇچى –شائىرلارنى قاتتىق ھۆرمەتلەيمەن .دىگەن بۇ مەنىلىك سۆزلىرى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرۇن ئالغان . مەن ئويلايمەنكى ھەر بىر ئادەمدە گۈزەل ئارزۇ ۋە غايە بۇلىشى ئىنتايىن ياخشى ئىش .لېكىن ئارزۇ بۇلۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ.بۇ گۈزەل ئارزۇ ۋە غايىنى تۇلۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن .ھەر بىر كىشىدە جاپا- مۇشەقەتتىن قىلچە قۇرۇقمايدىغان ،قىيىنچىلىققا قەتئى باش ئەگمەيدىغان ، قەيسەر روھ ،قەتئىلىك ، جۈرئەت ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىش ئىرادىسى بۇلىشى كىرەك . شۇ چاغدا ئۆزئارزۇسىنى ۋە غايىسىنى تۇلۇق ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. مەن ياراملىق يازغۇچى شائىر بۇلۇش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ پەن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ،تىرىشىپ ياخشى ئۈگەندەندىن سىرىت، چەتئەل تىلى،ۋە داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ شىئېر ئەسەرلىرىنى ، داڭلىق رومانلارنى ياخشى ئۇقۇپ چىقىپ ئۈزەمنىڭ تىل جەھەتتىكى كۈزۈتۈش،باھالاش، تىل ئىشلىتىش،قاتارلىق جەھەتلەردە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ ،ياخشى بولغان شىئېر ئەسەر يېزىپ ،يازغۇچى –شائىرلارنى ئۈزەمگە ئۇستاز تۇتۇپ چىقىپ ئۈزەمنىڭ بۇ ئارزۇسىنى رىياللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ قاتتىق تىرشىمەن . مەنبەسى : ئۆز يازمام. زەپەر
2012- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-19 17:21
|
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 3 باھا خاتىرىسى
|