پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 142|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇرلاردىكى شەخسىي تازىلىق ئادەتلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 1

يوقلىما
1
قىزغىنلىق
14 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
8 سەر
شۆھرەت
11 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 12:10:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردىكى شەخسىي تازىلىق ئادەتلىرى

شەخسىي تازىلىق ۋە ئائىلىۋى تازىلىق ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجدىمائىي ئالاقە تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.كىشىنىڭ ئۆز تازىلىقى ،يەنى شەخسىي تازىلىقى ياخشى بولغاندىلا ھەرقانداق ئىجدىمائىي ئالاقىنىڭ ئىشىكىنى چەككىلى ۋە يۈرەكلىك ھالدا ئاچقىلى بولىدۇ.ئائىلىۋى تازىلىق ۋايىگە يەتكەندىلا ھەرقانداق مېھماننىىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرغىلى ،يۇرت –مەھەللىدە يۈز-ئابرۇي تاپقىلى ،شۇ ئارقىلىق ئىجدىمائىي ئالاقىدە ئۆزىگە خاس قىممەتنى ياراتقىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىدە شەخسى تازىلىق ئەڭ يوقىرى ئورۇنغا قويىلىدۇ.شەخسىي تازىلىق ئادەتتە بىركۈنلۈك ھەرىكەتنىڭ باشلانمىسى بولغان ئەتىگەندىكى يۈز يۇيۇشتىن باشلىنىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز يۇيۇش قائىدە –يۇسۇنلىرى ئىنتايىن مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تازىلىققا بولغان يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بىلەن قارىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدىن ئىبارەت.يۈز يۇيۇشنىڭ مەخسۇس جابدۇقلىرى ،تەرتىپ ،قائىدە –يۇسۇنلىرى بولىدۇ.كىشى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن چوقۇم ئاۋۋال كىيىم-كېچەكلىرىنى تولۇق كىيىۋالغان بولۇشى،چوڭ –كىچىك تەرەتلىرىنى قىلىۋېلىشى كېرەك.يۈز يۇيۇش قورال –جابدۇقلىرى مۇنۇلار :لۆڭگە ،قولياغلىق ،ئىۋرىق(چۆگۈن)،داس ياكى ئاپتۇۋا-چىلاپچا؛مىسۋاك ياكى چىش چوتكىسى بىلەن چىش پاستىسى ؛سوپۇن.يۈز يۇيۇشتا كېتەرلىك نەرسىلەر تەييارلانغاندىن كېيىن يۇز يۇيۇشقا تۇتۇش قىلىنىدۇ.ئىۋرىق ياكى چۆگۈنگە پاكىز سۇ ئېلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن سۇغۇق ئىلمانلىقىنى يۈزىنى يۇغۇچى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.داس ياكى چىلاپچا تەييارلىنىدۇ، يۈزىنى يۇغۇچى داسنىڭ يېنىدا (ئەگەر مۇۋاپىق جاي بولسا داس ياكى چىلاپچا ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ- مەسىلەن :ھازىرقى بىنا ئۆيلەردىكى يۈز يۇيۇش ئورنى قاتارلىق) زوڭزىيىپ ئولتۇرىدۇ.ئىۋرىق نى سول يان تەرەپكە قويىدۇ،سول قولى بىلەن ئىۋرىقنىڭ تۇتقۇچىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ،ئوڭ قولىغا سۇ ئالىدۇ.بۇ سۇ بىلەن ئوڭ ھەم سول قول يۇيۇلىدۇ.بۇنداق يۇيۇش ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىدۇ.قول پاكىز يۇيۇلۇپ بولۇنغاندىن كىيىن ،ئېغىز چايقىلىپ «غەر –غەر»قىلىنىدۇ.ئېغىزمۇ ئۈچ قېتىم چايقىلىدۇ، چۈچۈكبويا ،ئارچا ،ئۈزۈم تېلى قاتارلىق خۇش پۇراق ماتېرياللاردىن ياسالغان مىسۋاك ياكى چىش پاستىسى سۈرتۈلگەن چىش چوتكىسى بىلەن ئېغىزغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىنىپ ،ئۈچ قېتىم يۇيىلىدۇ.چىش يۇيۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ،ئىۋرىق (چۆگۈن)نىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇلۇپ ،سول تەرەپتىن ئوڭ تەرەپكە يۆتكىلىدۇ.ئوڭ قول ئارقىلىق سول قولنىڭ ئالقىنىغا سۇ ئېلىنىپ ،بۇرۇن تۆشۈكچىسىدىن سۈمۈرۈلۈپ ،بۇرۇن ئۈچ قېتىم «پىش –پىش»قىلىنىپ مىشقىرىلىدۇ.بۇرۇن تازىلانغاندىن كېيىن ئىۋرىق يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا –كىشىنىڭ سول يان تەرىپىگە قويىلىدۇ.ئاندىن سول قول ئارقىلىق ئوڭ قولىنىڭ ئالقىنىغا سۇ ئېلىنىپ ،ئاۋۋال يۈزنىڭ ئالدى قىسمى ،يەنى پېشانە ،كۆز ،مەڭىز ،ئېڭەك بىر قېتىم يۇيۇلغاندىن كېيىن سوپۇن سۈرىلىدۇ،ئاندىن يەنە ئۈچ قېتىم يۇيىلىدۇ،ئاندىن ئىككى قول ئارقىلىق قۇلاق ئويمىسى ،قۇلاق ئارقىسىغا ئۈچ قېتىمدىن سۇ ئېلىنىدۇ ياكى نەمدىلىدۇ.قۇلاق يۇيۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن،ئىۋرىق  نىڭ چەت چۆرىلىرىگە سۇ ئېلىنىپ تامغان يۇندىلار تازلىنىدۇ.ئاندىن داس ياكى چىلاپچىدىكى يۇندا تۆكۈلىدۇ.ئاخىرىدا ئىككى قول قايتىدىن چايقىلىدۇ.بۇ يۇز يۇيۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.يېزا –كەنتلەردە ،تاغلىق جايلاردا ئېرىق –ئۆستەڭ ۋە بۇلاقنىڭ سۈيىدە يۈز يۇيىدىغان ئادەتلەرمۇ بار .شەھەر –بازارلاردا تۇرۇبا سۈيىنى ئاقتۇرۇپ تۇرۇپ ،يوقارقى قائىدە بويىچە ياكى ئىككى قول بىلەنلا يۈز يۇيىلىدۇ.
ئۈچ ۋاق تاماق ياكى ھەرقانداق نەرسە يىيىشنىڭ ئالدى –كەينىدە قول يۇيىلىدۇ.يۈز لۆڭگە بىلەن قول لۆڭگە پەرقلەندۇرىلىدۇ.بۇ لۆڭگىلەر ۋاقتى –ۋاقتىدا يۇيىلىدۇ.ئۆيگە مېھمان كەلگەندە ئالدى بىلەن مېھماننىڭ قولىغا سۇ ئېلىنىدۇ.سۇ ئېلىنغاندا چوقۇم تۇتۇلمىغان يېڭى لۆڭگە بېرىلىدۇ.ئەرلەر ۋاقتى –ۋاقتىدا ساقال –بۇرۇتلىرىنى پاكىز قىرىپ ،ياسىتىپ تۇرىدۇ،چېچىنى ئالدۇرىدۇ،ياسىتىدۇ، گەدىنىدىكى تۈكلەرنى ۋاقتىدا قىرىپ تازىلاپ تۇرىدۇ.ئايال –قىزلار ھەركۈنى چىچىنى چۇۋۇپ تارايدۇ،ھەرخىل ئۆرۈيدۇ، باش –چېچىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ ،يىلىم چاپىدۇ.ئەر-ئايال ھەركۈنى پۇتىنى ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ۋاق يۇيۇپ تۇرىدۇ.قول –پۇتىنىڭ تىرنىقىنى ئۇزۇق قويمايدۇ،ۋاقتىدا ئېلىپ تەڭشەپ تۇرىدۇ.تىرناق ئارىسىغا كىر كىرىپ قېلىشىنى نومۇس بىلىدۇ.كىيىمىنى پاكىز كىيىدۇ،خوتۇن –قىزلار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىر –قاتلىرىنى يۇيىدۇ،دەزماللايدۇ.ھەممەيلەن ئولتۇرۇپ قويۇشتا تازىلىققا ئەھمىيەت بىلەن قارايدۇ،كىيىم –كېچەكلىرىنىڭ ئالدى –ئارقىسىنى قېقىپ تۇرىدۇ، كىيىم –كېچەكنىڭ رەتلىك ،پار كېلىشىگە دىققەت قىلىدۇ،كىيىملەرنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ۋە ئۆڭ چىرايىغا بېقىپ تاللاپ كىيىشنى ياقتۇرىدۇ.
ئائىلىۋى تازىلىقتا ،ھەممە ئائىلىدە ئىككى –ئۈچ ئايدا بىر قېتىم چوڭ تازىلىق قىلىپ تۇرىدۇ.كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە ئۆينى تازىلاپ سۈپۈرىدۇ.كۈندە بىر –ئىككى قېتىم ھويلا تازىلىنىدۇ.ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن سەھەر تۇرۇشىدۇ،ھويلا-ئارامنى باشتىن –ئاياغ چوڭ سۈپۈرگە بىلە ن سۈپۈرۈپ تازىلايدۇ.ئەخلەت –چاۋالارنى ھويلىدىن يىراق جايدىكى ئەخلەت تۆكىدىغان ئورەككە تۆكىدۇ ياكى كۆمىدۇ.ئىشىك ئالدىدىكى دەل –دەرەخلەر ۋاقتى –قەرەلىدە چاتىلىپ ،ئېرىقلار   ھەركۈنى پاكىز تازىلىنىدۇ.ئۆي ئىچىنىڭ تازىلىقىغا ھەركۈنى كىچىك سۈپۈرگە بىلە ن ئۆي ئىچىنىڭ ھەممە يېرى سۈپۈرىلىدۇ.دەسمال بىلەن تام –تورۇس ،ئۆي سەرەمجانلىرى تازىلىنىدۇ،پول سۈرتكۈچ ياكى مەخسۇس تەييارلىۋىلىنغان  لاتا بىلەن پول –تاپسىلاردىكى خىش –چاقچۇقلار يۇيۇلىدۇ.ئىككى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ،ھېيىت –بايرام ئالدىدا ئۆي ئىچى چوڭ تازىلىنىدۇ،ئۆيدىكى بارلىق بىسات –سەرەمجانلار تالاغا توشۇلۇپ ،تام –تۇرۇسلارنى قايتىدىن ئاقارتىدۇ،لاي سېلىشقا تېگىشلىكلىرىگە لاي سالىدۇ،ئۆيدىكى كىگىز –قات ،گىلەملە ر ۋاقتىدا قېقىلىپ ،ئورۇن –كۆرپىلەر ئاپتاپقا سېلىنىدۇ،پەردە ياپقۇچلار يۇيۇلىدۇ.ھويلا-ئارام ،كوچا-كويلار ئېرىغدىلىپ ،سۇ سېپىلىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 12:51:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور تېما ئىكەن كۆپ رەھمەت سىزگە~

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 14:17:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رخمەت سىزگە تەربىيەۋىي ئەھمىيتى ئىنتايىن كۈشلۈك ئەسەركەن.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2734 سەر
تىللا
435 دانە
تۆھپە
1669 سەر
شۆھرەت
1810 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-19 15:19:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز ؟ مەن ئالدى بىلەن سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولغابلىقىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن .ھەم بىزگە  تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايتى يوقۇرى بولغان كۆرۇشۇش سوۋغىتى ئېلىپ كەلگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.
رەھمەت سىزگە .
سىزنىڭ  بۇندىن كېيىنكى  يېڭى يېڭى تېمىلىرىڭىزنىڭ مۇنبىرىمىز تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:41, Processed in 0.188111 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش