- تىزىملاتقان
- 2012-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-19
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 44
- نادىر
- 0
- تېما
- 3
- يازما
- 5

- يوقلىما
- 1
قىزغىنلىق- 14 سەر
تىللا- 3 دانە
تۆھپە- 8 سەر
شۆھرەت- 11 سەر
| ئۇيغۇرلاردىكى يامان بولىدۇ
خەلق ئارىسىدا «يامان بولىدۇ»دېگەن ئومۇمىي خەلق بىلىدىغان بىر ئىبارە بار.بىر كىم بىرەر ناتوغرا ئىشى قىلماق ياكى قىلسا ،باشقىلارنىڭ ئۇ ئادەمنى ئاشۇ ناتوغرا ئىشتىن «يامان بولىدۇ»دېيىش بىلەن توسىدۇ.«يامان بولىدۇ»دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ئادەم ھەرقانچە بىپەرۋا بولسىمۇ ،سەل ئەندىكىدۇ-دە، ئۆزىنى شۇ ئىشتىن توسىدۇ.بۇ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىغا سىڭىپ كەتكەن ئىبرەتلىك ئىبارە بولۇپ ،ئەخلاق ئوقۇمىنى بىلدۇرىدۇ.مەسىلەن ، بىر كىم بوسۇغىدا تۇرۇۋالغان بولسا ،ئۇنىڭغا «بوسۇغىدا تۇرساڭ ،ئىشىكنى توسۇۋىلىپ باشقىلارنىڭ ئۆتىشىگە دەخلى قىلسىەن»دېسە ئانچە ئېرەن قىلمايدۇ.بىراق «بوسۇغىدا تۇرساڭ يامان بولىدۇ»دېسە ئۇ كىشى قانداقتۇر بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قالماي دېگەن چۈشەنچىگە كېلىپ ،دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ.«يامان بولىدۇ»ئىبارىسى كىشىلەرنىڭ تورمۇشىدا سەت قىلىق ،يامان ئىشلاردىن چەكلەپ ،ئەدەپكە ،چاقىرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە. «قازان بېشىدا تىرناق ئالساڭ يامان بولىدۇ» «سۇغا سىيسە يامان بولىدۇ» «سۇغا يۇندا تۆكسە يامان بولىدۇ» «قولىنى يۇماي غىزا يېسە يامان بولىدۇ» «ياڭاق تۈۋىدە ئۇخلىسا يامان بولىدۇ» «غەيۋەت قىلسا يامان بولىدۇ» «پۇلۇ يىگەندە قولىنى تاۋاققا سىلكىسە يامان بولىدۇ» «نان دەسسىدە يامان بولىدۇ» «قوينى تەپسە يامان بولىدۇ» «ئايغا قاراپ سىيسە يامان بولىدۇ» «كىشىگە تاپىنىنى قىلىپ ئولتۇرسا يامان بولىدۇ» «كۆلگە ئەخلەت تۆكسە يامان بولىدۇ» «مال باغلىغان ئارغامچىنى ئاتلىسا يامان بولىدۇ» «پادىنى يېرىپ ئۆتسە يامان بولىدۇ» «ئاش ئەتكەندە بېشىغا ياغلىق ئارتمىسا يامان بولىدۇ» «غىزا يېگەندە قاتتىق كۈلسە يامان بولىدۇ» «غىزا يېگەندە توختىماي گەپ قىلسا يامان بولىدۇ» «توغۇتلۇق ئۆيگە تالادىن ئۇدۇل كىرسە يامان بولىدۇ» «كۈن كۆتۈرۈلگىچە ئوخلىسا يامان بولىدۇ» «ئىگىنىنى تەتۈر كىيسە يامان بولىدۇ» «ئاخشىمى ئەخلەت تۆكسە يامان بولىدۇ» «كۆرۈنگەنلا يەرگە ئەخلەت تۆكسە يامان بولىدۇ» «يۈز تۇرا مىشقىرسا يامان بولىدۇ» «ئايال كىشى كىچىچە ئۇخلىماي تور ئالدىدا ئولتۇرسايامان بولىدۇ» ...... مۇنداق يامان بولىدىغان ئىشلار تورمۇشتا ناھايىتى كۆپ ،بىز بىر قانچىنىلا مىسال كەلتۈردۇق.بۇنداق ئىبارىلەر ئادەملەرنى قائىدە –يۇسۇنلۇق بولۇشقا ئۇندەشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
|
|