- تىزىملاتقان
- 2012-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-19
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 44
- نادىر
- 0
- تېما
- 3
- يازما
- 5

- يوقلىما
- 1
قىزغىنلىق- 14 سەر
تىللا- 3 دانە
تۆھپە- 8 سەر
شۆھرەت- 11 سەر
| ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى 1. ئىسىم تاللاش ئىسىم تاللاش مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىسىم تاللاشتىكى ئېستېتىكىلىق چۈشەنچە ۋە دۇنيا قاراشلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى بىلەن تىل ئىشلىتىش ،زامان چۈشەنچىلىرىنى ئىسىمغا سىڭدۈرۈپ شەكىللىنىدۇ. ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ پەرزەنتىلىرىگە ئىسىم تاللاشتا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئېستېتىكىلىق چۈشەنچىنى ئاساس قىلىپ ئىسىم تاللىغان . 1)تەبىئەتكە تېۋىنىپ ،زور تەبىئەت جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ ئىسمىنى پەرزەنتىلىرىگە ئىسىم قىلغان .ئالىملار تەرىپىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 5-6-ئەسىرلەرنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىلىۋاتقان «ئوغۇزنامە»داستانىدا ،ئوغۇزخان ئۆزىنىڭ ئالتە ئوغلىغا كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ،كۆك ،تاغ ،دېڭىز دەپ ئىسىم قويغان . 2)ھادىسىگە قاراپ ئىسىم تاللىغان .«ئاي قاغان»ئوغلى توغۇلۇپ ئانىسىدىن ئوغۇز سۈتىنى ئېمىپلا قايتا ئەممىگەنلىكىگە قاراپ ئۇنىڭغا «ئوغۇزخان»دەپ ئسىم قويغان .ئوغۇزخان ھەربىي يۈرۈشلەردە ئۆز ئەتراپىدىكى قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارغا «ئۇيغۇر»(ئۇيۇشقۇچى)،«قارلۇق»(قاردا قالغان كىشى)،«قىپچاق »(دەرەخ كاۋىكىدا توغۇلغان )،«قانقا»(ھارۋىنىڭ ماڭغاندىكى ئاۋازى)دەپ ئات قويغان .سۈپۈرگە،پالتا،چاۋار،توقاچ،مەڭلىك ،ئايخان،تۈرۈك،گۈلخان،ئانارخان...دېگەندەك ئىسىملار ئۇنىڭ مىسالى. 3)رېئال ئىستەك ،غايىۋى ئارزۇ –ئارمانلىرىنى پەرزەنتىگە ئىسىم قىلىپ تاللىغان .مىلادىيىدىن ئىلگىرى ھون دەۋرى ئۇيغۇر ئىسىملىرىدا تەپەككۈر جەھەتتىكى ئازادىلىك ،ئاددىي –ساددىلىق ،پىسخىكا جەھەتتىكى تەبىئەتتەك كەڭ –كۇشادىلىك تويغۇسى كۈچلۈك بولغان بولسا ،مىلادىيىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئىسىملىرىدا رېئال تارىخىي ئەمەلىيەتكە ،ئوبيېكتىپ ئېھتىياجغا ئويغۇنلىشىشتەك خاھىش ئۇستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.مەسىلەن: ئىلتەبىر (چېچىلغان خەلقنى يىغقۇچى)،ئەل ئەتمىش ،ئەل يارۇنمىش(ئەلنى يورۇتقۇچى ،نۇرلاندۇرغۇچى)،كۆك ئىركىن (كۆلدەك ئەركىن ،ئازادە )،ئەل تۇتمىش ،ئەل ئالمىش ،ئەل يارۇق ،ئەل تىرەك ،قۇت تىرەك ،ئىلتەرىش (ئەلنى تىرىلدۇرگۈچى).بۇ ئىسىملاردا مىلادىيە 11-12-ئەسىرلەردە ئورخۇن ۋادىسدىكى زور داۋالغۇش ۋە گۈللىنىش باسقۇچىدىكى تارىخىي ئارزۇ –ئارمانلار ئىپادىلەنگەن .كېيىنكى ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۆز ئارزۇ –ئارمان ،ئىستەكلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىسىم تاللىغان . (1) « مىش » قۇشۇمچىسىنى ئۇلاپ خاس ئىسىم ياساپ قويۇلغان ئىسىملار .بۇ خىل ئىسىم مىلادىيىدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا بارلىققا كېلىپ بارغانسىرى ئومۇملىشىپ ،مىلادىيە 11-12-ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئازىيىپ ،باشقا ئېستېتىكىلىق مەزمۇندىكى ئىسىملارغا ئورۇن بوشاتقان .بۈيۈك كلاسسىك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»تە بۇ خىل ئىسىم تۆت پېرسۇناژنىڭ ئىككىسىدە ئىشلىتىلگەن . (2)بالىسىنىڭ قاتارغا قوشۇلۇشىنى تىلەپ قويغان ئىسىملار .بۇ خىل ئىسىم ھازىرمۇ مەۋجۇت .مەسىلەن :ئۆتەمىش ،توختامىش ،تورسۇن ،توختى ،سالامەت ،تۇردى، پولات ،تۆمۈر... (3)بالىسىنىڭ باتۇر بولۇشىنى تىلەپ قويغان ئىسىملار .مەسىلەن :توڭا (باتۇر)،بۆكە(جەسۇر)،ئالىب(باتۇر)،غالىب، باتۇر، جۈرئەت ،قەيسەر ،ئەركىن... (4)بالىسىنىڭ بىلىملىك بولۇشىنى تىلەپ قويغان ئىسىملار .بۇ خىل ئىسىملار مىلادىيە 530-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تازا گۈللەنگەن ،نىسبىي مۇقىم مەزگىللىرىدە قويۇلغان .مەسىلەن :كۆل بىلگە (بىلىمى كۆلدەك كەڭ)،كۈل ئۆگە ،بىلگە كۈل ،بىلگە قاغان...ھازىرمۇ داۋاملىشىپ – ئالىم ،دانىش ،ئېرپان... (5)بالىسىنىڭ توغرا نىيەتلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قويۇلغان ئىسىملار .مەسىلەن:توزمىش ،قارا،شېرىن ،مېھىر،دىلئارام،قەلبىنۇر ،دىلنۇر،ئادالەت،ئادىل... (6)بالىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قويۇلغان ئىسىملار .مەسىلەن :بەختىيار،ئازاد،پاشا،شاھزادە ،مەلىكە،شاتگۈل،پەرىدە،گۈلھايات،سائادەت،گۈلشاد... (7)بالىسىنىڭ ساغلام ،چىرايلىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قويۇلغان ئىسىملار .مەسىلەن :لەيلى، ئايخان ،چولپان،زوھرە،يولتۇز ،سالامەت... يوقىرىدىكى ئۈچ تارماق مەزمۇن ئىسىملارنىڭ بىر قىسمى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملار بولۇپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە قوللىنىلغان .كۆپ قىسمى ئەرەب،پارس مەدەنىيىتى قۇبۇل قىلىش ئاساسىدىكى ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىدا قويۇلغان ئىسىملار. 4) مىللىتى ،قەبىلىسى ۋە ئۇرۇقنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ مىللىي روھنى ئىپادىلەشتىن قويۇلغان ئىسىملار .بۇ خىل ئىسىملار مىلادىيە 3-ئەسىرلەردە بارلىققا كېلىپ،مىلادىيە 15-ئەسرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان .مەسىلەن :ئۇيغۇر باخشى ،شامقۇلى ئۇيغۇر،ئۇيغۇرتاي، ئەكرەنچە ئۇيغۇر، ياغلاقار بىلگە،قوغۇرسۇ ئالتۇن ،قاسارتىكىن ،سوغدۇبەگ، باسمىل بەگ، سارىخ تاتار... ئۇيغۇر ئەجدلارنىڭ پەرزەنتىلىرىگە ئىسىم تاللىشىدا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئادەتلەرمۇ داۋام قىلغان .ئۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈردە ئايرىلىپ تۇرىدۇ. (1) دىن ۋە دىنىي ئېتىقادتىن شەكىللەنگەن ئىسىملار . (2) ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبىئەتكە تېۋىنىش مەنبە قىلىنغان ئىسىملار .مەسىلەن :كۈن ،ئاي ،يولتۇز... (3) توتېم ۋە ھايۋانلارنى ئەتىۋارلاش مەنبە قىلىنغان ئىسىملار .مەسىلەن :بۈركۈت ،بۇغا، بۆرە تىكىن،تۇڭا(قاپلان جىنىستىكى بىر خىل ھايۋان). (4) ئۆسۈملۈكلەرگە تېۋىنىش ،ئۇلۇغلاش مەنبە قىلىنغان ئىسىملار .مەسىلەن :ئانارخان،سامساقئاخۇن ،زەيتۇنخان ،چىنارخان... (5) كۆز تەگمەسلىكنى تىلەپ قويغان ئىسىملار .مەسىلەن :چاۋار ،سۈپۈرگە، سېتىۋالدى، يانتاق ،تىلىۋالدى. (6) ئەجدادلىرىنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ،ئۇلارنىڭ ئسىسملىرىنى پەرزەنتىلىرىگە قايتا قويۇش. 5) .ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە قوبۇل قىلىنغان ئسىملار .مەسىلەن :مۇھەممەد ،ئابدۇللا، قۇتبىدىن ،شەمسىددىن ،ئابدۇپەتتار،ئابدۇلھەمىد،ئابدۇل كېرەم،ئابدۇرېشىت ،ئابدۇراخمان،ئابدۇرېھىم،مۇھەممەت ،يۈسۈپ،ئىبراھىم،ئىلياس،مۇسا،سۇلايمان،ئەيسا،ياقۇپ،ئىسمايىل ،داۋۇت،ئابابەكرى،ئوسمان،ئەلى،ئۆمەر،ئائىشە(ئايشەم)،خەدىچە ،قادىر،ئوبۇل ،پاتىمە،رابىيە،رەھىمە،ئەھمەد،سەمەت،روزى،ياسىن،بارات،ھاشىم... 6)پارس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىسىملار .مەسلەن:روستەم،فېردەۋس،پەرىدۇن... 7) قوش ۋە بىرىكمە ئىسىم ياساپ قويۇش ئادىتى .مەسىلەن :مۇھەممەتنىياز،مۇھەممەتتۇرسۇن... 8) باش –ئاخىرى قېلىپلاشقان ئىسىملارنى قويۇش.مەسىلەن : (1) «نۇر»كېلىدىغان ئىسىملار :نۇرمۇھەممەت،نورسىمان،نۇرئەلا،گۈلنۇر،گۈزەلنۇر... (2)«ئاي»كېلىدىغان ئىسىملار .ئايقىز، ئايخان،شېرىنئاي،تۇرسۇنئاي... (3)ئىسىم ئاخىرىدا «خان»كېلىدىغان ئىسىملار : ئايخان،ئايپاشا،شىرخان،سائادەتخان،لەيلىخان،قۇۋانخان... (4) ئىسىم ئاخىرىغا «قىز»نى قوشۇپ ئىسىم قويۇش.مەسىلەن :خانقىز،تۇرانقىز... (5)باش –ئاخىرىغا «گۈل»نى قوشۇپ ئىسىم قويۇش .مەسىلەن :گۈلئەنبەر،خۇشگۈل، گۈلزار،روشەنگۈل ،ئازادگۈل، گۈلھايات، شاتگۈل ،ئامانگۈل... 9) ئىسىملارنى قاپىيداش ،ئاھاڭداش قويۇش ئادىتى.بۇ خىل ئسىىم قويۇش ئادىتى قەدىمكى ئىسىم قويۇش ئادىتىدىكى «مىش»تىن تۈزۈلگەن ئىسىملارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. (1)باش ھەرپى ئاھاڭداش ئىسىملار .سابىر،سادىر،دىلنار،دىلبەر،ھاشىم،ھاپىز،يادىكار،ياشار،ئۇتۇق،ئۇلۇغ،مېھرىبان،مىرزىبان،تۇرغۇن،تويغۇن ،ئەسقەر،ئەكبەر... (2)ئاخىرقى بوغۇمى ئاھاڭداش ئىسىملار :نۇربىيە،گۈلپىيە،سەلىمە،ھەلىمە،ئىنايەت،ھىدايەت،ئاسىم، قاسىم ... (3) باش بوغۇمى ئوخشاش ئىسىملار .مىرسولتان،مىرئەھمەد،مىرقاسىم،مىرئادىل ،مىرغىياس... (4)قاپىيداش –ئاھاڭداش ئىسىملار : سائادەت،ئادالەت،شاراپەت،سالامەت... 2. ئىسىم قويۇش مۇراسىم ئادىتى . بالاتۇغۇلۇپ يۇيۇلۇپ پاكىز يۆگەككە يۆگەلگەن،ئېغىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىسىم تاللا پ چېقىلىپ ،بالىغا ئسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ.قەدىمىي ئىسىم قويۇش ئۇسۇلى ،مۇراسىم ئادىتى ھەققىدە يازما خاتىرىلەر يوق بولسىمۇ ،قەدىمدىن بۇيانقى ئىسىمنى مۇقەددەس بىلىش ،ئىسىمنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىش ئادىتىگە ئاساسلىنىپ بۇنى بىلگىلى بولىدۇ.ئىسىم قويغان ۋاقىتتا بالىنى يۆگىكى بىلەن بېشىنى ئوڭ قولغا ،پۇتىنى سول قولىغا ئېلىپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ تۇتۇپ تەگبىر ئوقۇپ، ئوڭ قۇلىقىغا ئۈچ قېتىم،سول قۇلىقىغا ئۈچ قېتىم ئىسىمنى ئەزان توۋلاپ،بالا گىلەم ياكى كۆرپە ئۈستىگە يەڭگىل دۇملىتىلىدۇ.ئاندىن بالىنى قولغا ئېلىپ بالىنى ۋە بالىنىڭ ئاتا –ئانىسىنى تەبرىكلەيدۇ.
(ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ.روخسەتسىز كۆچۈرمەڭ)
|
|