مەڭگۈلۈك ساۋاقداش (توردىشىمىز ئامانجان خاتىرىسىگە)
ئۇلۇغدۇركى ساۋاقداشلىق مۇھەببەت، ئاڭا جاندۇر ۋاپا- ساداقەت. ساۋاقداشلار مۇشۇ ئالەمدە، سىرداشچىمىز بىز ئۈچۈن پەقەت. ساڭا تەقدىم- ساڭا تەئەللۇق، ۋاپا بىلەن يۈرىگىمىز ئەبەد. ساۋاقداشلىق ۋە دوستلۇق، ھەر ئىككىسى ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس ئۇقۇم، ساۋاقداشلارنىڭ دوستلۇقسىز بۇلىشى مۇمكىن بولمىغىنىدەك، دوستلۇقسىز ساۋاقداشلارمۇ بولمايدۇ، لېكىن ، ساۋاقداشلىق ۋە دوستلۇق بىر- بىرىدىن روشەن پەرىقلىنىدىغان، بىر- بىرىنى شەرىت قىلسىمۇ، ئەمما بىر- بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدىغان ئۇقۇم. بىزگە ئىلىم مەرىپەت بۆشىگى ئانا مەكتەپ قوينىغا قەدەم باسقاندىن تارتىپ، مەكتەپداشلىق، ساۋاقداشلىق ۋە دوستلۇق ھەمراھ بۇلۇپ كەلدى. ساۋاقداشسىز مەكتەپ تۇرمۇشىنى تەسەۋۇر قىلىش تەس. ساۋاقداشلىق مېھرى- مۇھەببىتى بولمىسا، مەكتەپ ھاياتى، ئىنسان تۇرمۇشى خۇددى خۇشپۇراقسىز گۈلگە، دەل- دەرەخلىرى قاغجىراپ، گۈل- گىياھلىرى سۇلغان بەغقا ئوخشاپ قالىدۇ. ساۋاقداشلىق مېھرىنى ساۋاقداشلار ئوتتۇرسىدىكى دىلداشلىق، تىلداشلىق، پىكىرداشلىق، چېن ھېسىداشلىق دىمەكتۇر. ئۇ ئاددى ھالدىكى يېقىنچىلىق، مېھرىبانلىق ئەمەس، بەلكى ئەسلەش تۇيغۇسىدىكى شادلىق، قايغۇ ، جاپا- مۇشەققەت، راھەت- پاراغەتتە بىللە بۇلۇش، بىر- بىرىگە يۆلەكداش بۇلۇش، بىر بىرىگە جان پىدا قىلىش دىمەكتۇر. بۇ لاردەك مەكتەپداش، سىنىپداش ساۋاقداشلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىگە باغلىق.........
توردىشىمىز ئامانجاننىڭ ساۋاقداشلار يىغىلىشى مۇناسىۋېتى بىلەن دىيارىمىز ئاقسۇدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ مەنىلىك، كۆڭۈللۈك، ئەھمىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تېلەكداشمەن!
گۈزەل ئەسلىمە (ئامانجان خاتىرسىگە)
مەن شام، ئامان بىلەن مۇنبەر ئارقىلىق تونۇشۇپ، كۆڭلىمىزگە شۇنداق ئارزۇ تىلەكلەرنى پۈكۈپ دىدارلاشقان تورداش دوستلارمىز. گەرچە تورداش دوستلاردىن بولساقمۇ، دوسلۇق رىشتىسىنى پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى، سوغۇق كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيىۋەتكىلى، قەھرىتان قىشنىڭ ئازابلىرى بىلەن ئۇجۇقتۇرۋەتكىلى، خوتەن دەريا ۋادىسىدىن، دولان دەرياسىنىڭ يېشىل قىرغاقلىرىدىن، مەشھۇر سەيلىگاھلاردىن، جەھاننىڭ گۈزەل باغلىرىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇ ئىگىلمەس سۇنماس ۋە ئۆزگەرمەس بىر روھكى، باھاردا بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەپ، يىللار ئۇزارغانسېرى مول مېۋە بېرىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ ئەمەلىيەتتە ، پاكلىق، سادىقلىق، سېغىنىش، ئەسلەش يالقۇنى بىلەن تاۋلانغان، مەرىپەت بۆشىگى بايقاشنىڭ ئېلىم نۇرى بىلەن سۇغۇرۇلغان چىن دوستلۇق مېھرىدۇر.
ئامان بولۇڭ ئامانجان، بايقاشتىكى بارلىق تورداشلارغا گۈزەل دولان دەريا مەنزىرە رايونى ئاقسۇ دىيارىدىن «شام» نىڭ ئوتلۇق سالامىنى يەتكۈزۈڭ. ئەسلىمە شېرىن، ئۇنتۇش ناھايىتى قېيىن قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ!
ئۈزۈلمەس رېشتە (ئامانجان خاتىرسىگە)
بىر تىزىق مارجان ، بىردەستە گۈلدەك ، ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بۇلۇپ. ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق، جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ.
قالدى ئەسلىمە ياتاق سىنىپتا، قالدى رىشتە باغلانغان ماكان. كەتسەكمۇ يىراق- يىراق جايلارغا ، بىزلەر ساۋاقداش، ساۋاقداش ھامان.
جۇدالىق يېشى تۈكۈلدى بۈگۈن، ئايرىلىشقا چىدالماي ئەجەپ. ئۆكسۈپ ئۆكۈنۈپ، گاھى كۈلۈشۈپ، خوشلاشماقتىمىز تىلەكلەر تىلەپ. ساۋاقداشلىق- ياشلىقتىكى مەكتەپ ھاياتىنىڭ باھار دەۋرى، ئالتۇن دەۋرى. ساۋاقداشلار گويا باھارنىڭ گۈل چېچەكلىرى قوياش نۇرىغا، شىپالىق يامغۇر سۈيىگە تەشنا بولغاندەك ، يىللار ئۇزارغانسېرى ساۋاقداشلىق مېھرى- مۇھەببەتكە تەشنا بۇلىدۇ. چۈنكى ساۋاقداشلىق مېھرى ھاياتنىڭ،ئۆگىنىش،ئالغا ئىنتىلىش، غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ تەلىپى. ساۋاقداشلىق مىھرى ئادەمنى ئۆم -ئىناقلىققا، مىھرىبانلىققا، ھالاللىققا باشلايدۇ، ئادەمگە كۈچ، ئەقىل- ئىدىراك، پەم- پاراسەت ئاتا قىلىدۇ، ئادەمنى غېرىپلىق، يالغۇزلۇق، بىئىلاجلىقتىن خالى قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇلار مەكتەپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ ، كەسىپكە بېرىلىپ، جەميەتكە تۆھپە قوشۇۋاتقان 20 نەچچە يىللاردىن بۇيان، ساۋاقداشلارنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىدىن نېرى قىلغىنى يوق.










 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-19 04:31
|