پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 994 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1258|ئىنكاس: 5

تۈركىيە كىنو چولپىنى - پولات ئەلەمدار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
67
قىزغىنلىق
795 سەر
تىللا
604 دانە
تۆھپە
576 سەر
شۆھرەت
664 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 04:42:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈركىيە كىنو چولپىنى -پولات ئەلەمدار  


1.jpg

2006-يىل تۈركىيە سۇقۇش فىلىمى«ئىراقتىكى ئالۋاستى» (ئۇيغۇرچى تەرجىمىسى شۇنداق بولدى،، كىيىن «بۈرىلەرۋادىسى»،«كوردلارۋادىسى-ئىراق»مۇ دىيىلدى) بىزبىلەن يۈز كۈرۈشتى. فىلىمىنى كۈرۈپ بۇلۇپ، مۇستەبىتچىلەرگە غەزەپلەنگەن بولساق، باش قەھرىمانغا يۈكسەك ھۆرمىتىمىز قوزغالدى. شۇنىڭدىن كىيىن پۇلات ئەلەمدار باش رول ئالغان بىرقاتار ئىسىل فىلىملەرنى، مەسلىلەن:«كوردلارۋادىسى پوسو»«كوردلارۋادىسى پەلەستىن» قاتارلىق فىلىملارنى كۈرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق. فىلىمدىكى باش قەھرىماننىڭ قەيسەرلىكى، ئەقىل-پاراسىتى، چىۋەرلىكى... بىزگە ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى ۋە بىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئۇرۇن ئالدى. ھازىر ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇشبۇ باش قەھرىماننىڭ سۈرىتىنى باش سۈرەت قىلىپ مۇنبەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دوستلار خېلى كۆپ، بۇقەھرىمان بىزنىڭ چۇقۇنغۇچىمىزغا ئايلانغانىدى. ئۇنداقتا بۇ باش قەھرىمان كىم؟ تۇنۇشۇپ چىققايسىز.

بىزتۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تۈركىيە كىنوچولپىنى- پۇلات ئەلەمدار بۇلىدۇ.

پولات ئەلەمدار ئابدۇقادىر شاشمازنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، ھەقىقى ئىسمى مۇھەممەت نىجاتى شاشماز. 1971- يىلى 15- دىكابىردا تۈركىيەنىڭ ئەلازىغ ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئەسلى كەسپى ساياھەت باشقۇرۇش بۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى كانادادا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن، كېيىن ئامىرىكىدا 6 يىل ئىشلىگەن2001- يىلى ئائىلىسنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ، قايتىش بېلىتىنى 11- سىنتەبىرگە ئالىدۇ. دەل 11- سىنتەبىر كۈنى ئامىرىكىدىكى ئىككى بىناغا ئايرۇپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىشتەك دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «11-سىنتەبىر» ۋەقەسى يۈزبەرگەن كۈنى بولغاچقا، بۇ ۋەقە سەۋەپلىك شۇ كۈنكى ئامىرىكا ئايرۇپىلانىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. كېىين ئائىلىسىنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن ئامىرىكىغا قايتىشتىن ۋاز كىچىدۇ. نىجاتى شاشماز كېيىنىكى ھاياتىنى تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئەنقەرەدە سوغۇرتا شىركىتى قۇرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستانبۇلدا ئوسمان سىناۋ ئىسىملىك كىنو سىنارىيە رىژىسورى بىلەن كۆرىشىدۇ. ئوسمان سىناۋ ئۆزى رىژىسورلۇق قىلماقچى بولغان “بۆرىلەر ۋادىسى”(يەنى يۇقۇردا بىزتىلغا ئالغان «ئىراقتىكى ئالۋاستى») فىلىمىدە نىجاتى شاشمازنىڭ باش رولچى بۇلۇشقا ئەڭ ياخشى نامىزات ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئونى بۇ فىلىمدە باش رولچى بۇلۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. نىجاتى شاشماز بىر ئايدىن كېيىن بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپ، بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى بىلەن ئۆمىرىنىڭ بۇرۇلۇش قەدىمىنى باشلايدۇ.

نىجاتى شاشمازنىڭ راجى شاشماز ۋە زۈبەيىر شاشماز دەپ ئىككى قېرىندىشى بار. راجى شاشماز بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى سىنارىيەسىنىڭ يازغۇچىللىرىدىن بىرىدۇر. نىجاتى شاشمازنىىڭ 20 يېشىدا يازغان ئاللاھنى كۈيلەيدىغان ۋە شۇ ياشلىق دەۋىرىدىكى ئاشقلىق ھاياتىنى ئىپادىلىگەن  ئاشىق  ئىسىملىك بىر شىئىر كىتابى بۇلۇپ، بۇ كىتاب ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان. نىجاتى شاشمازنىڭ بۇ شىئىر كىتابىدا ئاشقنىڭ نۆۋىتى، سەن ۋە تىكەن، بېلىقلارنىڭ ھىدى، ئاۋازىڭ قاتارلىق شىئىرلەر بار.

بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىدىكى باش رولچى پولات ئەلەمدار تۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ كاتىبېشى مەمەت قاراخانلىقنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى تەرىپىدىن بوۋاق ۋاقتىدا ئېلىپ كېتىلىپ، دۆلەتنىڭ يېتىشتۈرگەن مەخپى ئادىمى بۇلۇپ، چەتئەللەردە ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدۇ. كېيىنكى 3 يىلدا تۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، مەمەت قاراخانلىق قاتارلىق قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ بېشىدىكىلەرنى تازىلاپ چىقىدۇ. ئۇ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىدا ئالاھىدە تەربىيلەنگەن بولغاچقا، ئىنتايىن ھۇشىيار، چاققان ۋە ھەر خىل ئېغىر – يىنىك قۇرۇللارنى ئىشلىتىشكە ماھىر. ئۇ يەنە ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، ئەرەپچە، كوردچە ۋە رۇسچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.

پولات ئەلەمدار ھىسياتقا بېرىلىپ ئەمەس، ئەقىلگە، ئىقتىدارىغا ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە ئېگىلمەس ۋە سۇنماس ئىرادىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ھەر خىل خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇشتىن بىر تەشكىلاتچى بۇلۇپ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارىشى قىلچە رەھىم قىلمايدۇ، ئەمما ئىنسانلارغا بولغان مىھىر – مۇھەببىتى خۇددى ئۆز ئاشقىغا بولغان ئىشقىدەك چۇڭقۇردۇر. پولات ئەلەمدار بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىدە ماماتى، ئابدۇلەي، ئەرخان ۋە جاھىد قاتارلىق ئەڭ سادىق ۋە قابىل ئادەملىرى بىلەن تۈركىيە دۈشمەنلىرىگە قاھشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە. پولات ئەلەمدار زامانىمىزدىكى ئادالەتنىڭ سىمۋۇلى، قەيەردە ناھەقچىلىك ۋە قىرغىنچىلىق بولسا، پۇلات ئەلەمدار شۇ يەردە كۈرەش قىلىدۇ. ئۇ 5 يىلدىن بويان رول ئالغان بۆرىلەر ۋادىسى، بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق، بۆرىلەر ۋادىسى پەلەستىن ۋە بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق فىلىملىرى تۈرك دۇنياسى، ئەرەب دۇنياسى ۋە بالقان رايۇنلىرىدا ئاجايىپ ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇگۈنكى كۈنلەردە، پولات ئەلەمدار ھەققانىيەتكە تەلپۈنگەن خەلقلەرنىڭ غايىۋى مىللىي قەھرىمانى بۇلۇپ قالدى.
ماتىرىيالنىڭ مەنبەسى: ئەلكۈيى تورى
رەسىم مەنبەسى: گوگىل تورى

پولات ئەلەمدارنىڭ ئالبۇمى:







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نۇرزىبا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-17 04:44  

باھا سۆز

admin يارايسىز... تېخىمۇ تېرىشىڭ!!  يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 18:36:13
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
admin + 4 + 4 + 6 + 4بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 4 تىللا + 4 تۆھپە + 6 شۆھرەت + 4  باھا خاتىرىسى

بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6287 سەر
تىللا
6624 دانە
تۆھپە
3352 سەر
شۆھرەت
3910 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 04:59:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز كۆپلىگەن چولپانلارنىڭ تەرجىھالى ۋە ئالبۇمىنى يوللاپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىرگە يەتكۈزدىڭىز.. نۇرغۇن چولپانلارنىڭ كىلىپ چىقىش، نام چىقىش ئەھۋاللىنى ناھايىتى ياخشى بىلىۋالدۇق.. ھارمىغايسىز..
1-ماۋسۇملۇق ماتىرىياللارنى توپلاشقا كىرىشسەك بۇلاتتى!!!

Rank: 2

قىزغىنلىق
91 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
33 سەر
شۆھرەت
33 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 22:27:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن چولپانلارنىڭ كىلىپ چىقىش، نام چىقىش ئەھۋاللىنى ناھايىتى ياخشى بىلىۋالدۇق

Rank: 2

قىزغىنلىق
110 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
54 سەر
شۆھرەت
71 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 22:40:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇچولپاننىڭ كىلىپ چىقىشىنى بىلىۋالدىم،سىزگە كۆپ رەھمەت.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5892 سەر
تىللا
4135 دانە
تۆھپە
4057 سەر
شۆھرەت
4519 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 23:21:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارچا يوللىغان ۋاقتى  2012-4-5 22:40
بۇچولپاننىڭ كىلىپ چىقىشىنى بىلىۋالدىم،سىزگە كۆپ رەھم ...

كىنوسىنى كۆرسىڭىزبەك ياقتۇرۇپ قالسىز؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
478 سەر
تىللا
123 دانە
تۆھپە
294 سەر
شۆھرەت
363 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 13:40:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ ئادەمنى بەك ياقتۇرىمەن ! كىنولىرنى تەرجىمە قىلغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-5-30 00:38, Processed in 0.114611 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش