- تىزىملاتقان
- 2012-7-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1945
- نادىر
- 0
- تېما
- 5
- يازما
- 85

- يوقلىما
- 97
قىزغىنلىق- 830 سەر
تىللا- 9 دانە
تۆھپە- 92 سەر
شۆھرەت- 99 سەر
| مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم، سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تەزىم. سۈت بېرىپ ئۆستۇرگەن ئانا ئالدىدا بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.
ھەر قانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار، ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۇزرە بولار. يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بىشىڭ، پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا تۇرار.
تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى، مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى. مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا، ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
چىۋىننىڭ قانىتى ئاينى ياپالماس، چۈمۈلە ھارۋىنى يولدىن توسالماس. ئالىقانچەيەردىكى قۇياش نۇرىنى، مىڭ ھارۋا توپىمۇ ھەرگىز كومەلمەس.
بىراۋلار ئەلگە قىلدى جاننى قۇربان، بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان. ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز_تاۋۇشسىز، قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مېكىيان.
بۇلبۇل ئېيتۇر: گۈلزارىمدىن ئايرىما، لېچىن ئېيتۇر: قاناتىمنى قايرىما. مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن، مېنى خەلقىم قۇچاغىدىن ئايرىما.
شادلىق بىلەن قايغۇ قوشكېزەك ئىمىش، مۆلدۇرگە باھارۇ كۈز بىردەك ئىمىش. ئۇتۇقتا يوق دېمەئوڭۇشسىزلىقنى، كىشىلىك ھاياتى شۇ دېمەك ئىمىش.
ئالتۇن جام ئىچىرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس، گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس. كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش_ماختاشلار ئارا، ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ بۇ ئۆزى ئەمەس.
شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول، ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول. تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغۇچە، كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.
بىلىم_ ئۇ يۈگەنسىز بىر ئۇچقۇر تۇلپار، مىنەلىگەن كىشى مۇرادقا يىتەر. ئۇ شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزىدۇركى، قارا تاش ئۈستىگە تېرىساڭ ئۈنەر.
كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر، بىلىپ بولماققا لېكىن ئۇ ئەمەس قادىر. ئارسىتودەك ھېكىممۇ ئېيتقانىدىكى، بىلگەنسېرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر.
ئالدىڭدا يېقىقلىق شام چىراغقا باق، كېچىنى قىلىدۇ كۈندۈزدەك ئاپئاق. تەپەككۇر كۆزلە ئۇنى بىر كۆزەت، ئۆزىچۈن يانامدۇ ئۇشبۇ شام_چىراق.
كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ، جاھان تۇرماق ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ. مۇبادا رەشىك _ھەسەت قاپلىسا ئۇنى ، تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ.
ئالتۇن ھەل يالاتساڭ، كېسەكتۇر كېسەك، گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ، تېزەكلەر ئېشەك. كۆرۇمسىز شۇ پىلە قۇرتىغا باق، يەپ ئاددى يوپۇرماق،بېرىدۇ يىپەك.
جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا، مۇھاببەت_نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا. ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق، ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا.
مەنبە: يىغىپ ساقلىغانلىرىم |
|