مۇئەللىم
(نەسىر ) ( ئاپتۇرى : نۇرمۇھەممەت)
مۇئەللىم ! مەن مۇئەللىم دىگەن سۆزنى تىلىمغا ئالغىنىمدا مىھرىبان جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئىللىق سىماسى كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ ۋە ئۈزەمنىڭ تەسىرات تۇيغۇسىنى ئىختىيارسىز قۇزغايدۇ .ئىخ جاپاكەش مۇئەللىم ! سەن نۇرلۇق قۇياش كەبى ھەر ۋاقىت ئىللىق ھەم تۇلىمۇ يېقىملىقسەن ! سەن ئۆزمىھرىڭنى ھەر ۋاقىت گۈدەك ئۆسمۈرلەرگە ۋە ياشلارغا ئايماستىن بىرۋاتىسەن ، تەربىيەلىۋاتىسەن .سىنىڭ شۇ مىھرىڭ جەمىيتىمىزدىكى ياش ھەم گۈدەكلەرگە ئىلىم تەشنالىقىنى بۇيىچە ئىزدىنىش ھەۋىسىنى بىرىدۇ. مۇئەللىم ! سەن ھەرۋاقىت كىشىلەر قەلبىدە مەرىپەت ئانىسى تەشنالىقنى قاندۇرغۇچى بۇلاق سۈيىسەن .سىنىڭ قەدىمىڭ يەتكەن ھەر خۇراپاتلىقنى قاراڭغۇلۇقنى ئىلىم نۇرى بىلەن يۈرتىسەن .سايغارغان چىرايلار كۈلۈپ نۇرلانغان يۈرەكلەر ،ساڭا ھەر ۋاقىت چەكسىز تەلپۈنۈپ كىلىۋاتىدۇ! پۈتۈن چوڭ –كىچىك ئەلنىڭ خۇشاللىقى بولسا سىنىڭ خۇشاللىقىڭ ، ئەل بەختى سىنىڭ بەختىڭ . مۇئەللىم ! سەندە ھەر ۋاقىت ئاتا- تەلىپى ۋە ئانا مىھرى سەندە بار. سەن ھەر ۋاقىت ئىلىم ئېلىشقا تۇلۇق ئىنتىلىۋاتقان يۈمۈران مايسىلارنى ئالىي- ئوتتۇرا – تېخنىكۇم مەكتەپتىكى بارلىق بىلىمگە تەشنا بولغان ياشلانى ، ئۆزمىھرىڭ بىلەن داۋاملىق پەرۋىقش قىلىسەن . قاتارغا قۇشۇسەن . ياراملىق كادىرلاردىن قىلىسەن . شۇنىڭ بلەن ئېتىزلىقتىكى يۇمىران مايسىلار سۇغا قانغاندەك . ياشلار،ئەۋلاتلار بىلىم شەربىتىگە قانىدۇ! خىرە دىلللار ئاپتاپتەك يۇرۇپ كىتىدۇ! ئۇلارنىڭ ئاشۇ چىرايلىق كۆزلىرىدىن شاتلىق ئۇچقۇنلىرى چاقنايدۇ! يۈرىكى بولسا ھەر ۋاقىت قىران بۈركۈتتەك سۇقىدۇ!... پۈتۈن جەمىيەتتە ھەر خىل ھەر كەسىپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق كادىرلار، ئالىملار ، فىروپىسۇرلار ، جەڭچىلەر ، شۈجى ،شاڭجاڭلار، ھاكىم- ۋالىيلار.چۇڭلاردىن ئېلىپ ئېتقاندا ، زۇڭتۇڭ.رەئىسلەر نىڭ ھەممىسى سىنىڭ جاپاىلىق ئەجىرىڭ ئارقىلىق يىتىشىپ چىققان ئەمەسمۇ ؟ بۇنىڭدىن مەن سىنى نىمىشقىمۇ ھۆرمەتلىمەي تۇرالايمەن. پۈتۈن جەمىيتىمىزدىكى ھەر ساھە كەسىپتىكى يولداشلار شۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىرى ئارقىلىق باياشات كۈنگە ئىرشىۋاتىدۇ. تاكى بۈگۈنكە كەلگەندە ئاشۇ كىچىككىنە ئەمەلنى تۇتۇپ ، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ شۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈزىگە قىلغان ئەجىرىنى يۇققا چىقىرىپ جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈمۈدىنى كۈپۈككە ئايلاندۇرۋاتىدۇ! شۇڭا ھەر كەسىپ ھەر ساھەدىكى بارلىق خىزمەت قىلىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى مەڭگۈ يات ئىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . كونىللىرىمىزنىڭ مۇنداق بىر ھىكمەتلىك سۈزى ھېلى –ھەم ئىسىمدە: << سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما >>دىگەن سۈزىنى ئەستە ساقلاپ جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قەدىرگە يىتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن . ياشىسۇن ئۇقۇتقۇچى ! ياشىسۇن ئۇقۇتقۇچى......... مەنبەسى : ئۆز يازمام.
زەپەر
|