- تىزىملاتقان
- 2012-7-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1945
- نادىر
- 0
- تېما
- 5
- يازما
- 85

- يوقلىما
- 97
قىزغىنلىق- 830 سەر
تىللا- 9 دانە
تۆھپە- 92 سەر
شۆھرەت- 99 سەر
| بىلىملىكلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن، (ئۇلار) ئەڭ بىرىنچى پەزىلەت، تىلنى تىزگىنلەش دەيدۇ. تىلىڭنى قاماقتا تۇتقىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن، ئەگەر (ئۇ) قاماقتىن چىقىپ كەتسە، چىشىڭنى چاقىدۇ.
ئاغزىڭغا كەلگەننى سۆزلەۋەرمە، تىلىڭنى يىغىپ تۇت، ئېغىز بوشلۇغى ئاخىر بېشىڭغا چىقىدۇ.
ئاغزى بوش كىشىنى ئەقىللىق دىگىلى بولمايدۇ، ئېغىز بوشلۇغى نۇرغۇن باشنى يىدى. كىشىنى تىل بىلەن ئازاپلىما، شۇنى بىلگىنكى، ئوق يارىسى ساقىيىدۇ، (لېكىن) تىل يارىسى ساقايمايدۇ.
تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بىشىغا دۈشمەندۇر، ئۆزتىلى سەۋىۋىدىن نۇرغۇن كىشلەرنىڭ قېنى تۇكۇلىدۇ. كۆپ سۆزلىگەنلەردىن ئۆكۈنگەنلەر كۆپ، تىلنى تىزگىنلىگەنلەردىن ئۆكۈنگىنى قېنى؟
كىشىگە ھەر ئىش كەلسە، تىلىدىن كېلىدۇ، كىمنىڭ ياخشى ، كىمنىڭ ئەسكىلىگى تىلىدىن مەلۇم بولىدۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغىن ۋە شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى،تەن ھەر تاڭدا_ تۇرۇپ تىلغا يۈكۈنۈپ يالۋۇرىدۇ.
ئەگەر بىر كىشىدە(مۇنۇ) ئىككى نەرسە بىرىكسە، ئۇ كىشىگە ئادەمگەرچىلىك يولى ئېتىلىدۇ: (ئۇنىڭ) بىرى قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىش بولسا، ئىككىنچىسى يالغان سۆزلەشتۇر.
يالغانچىدىن يىراق تۇرغىن ۋە تەزگىن، ئۆمرۇڭنى راستچىللىق بىلەن ئۆتكۇزگىن. راست گەپ ئېغىز ۋە تىلنىڭ بىزىكىدۇر، راست گەپ قىلىپ تىلىڭنى بىزە.
راست گەپ ھەسەلدەك، يالغىنى پىياز، ھەسەل يىگىن، پىياز يەپ ئاغزىڭنى ئاچچىق قىلمىغىن. يالغان سۆز گويا كېسەل،راست سۆز شىپادۇر، بۇ بۇرۇندىن تارتىپ دىيلىپ كەلگەن مەسەلدۇر.
راستچىل بول، راستچىللىق قىل، راستچىل ئاتال، كىشىلەر سېنى راستچىل ئادەم دەپ بىلسۇن. ئەگرىلىكنى قويۇپ، راستچىللىق تونىنى كىيگىن، كىيىملەرنىڭ ياخشىسى راستچىللىق تونىدۇر.
چىڭ ساقلا، سىرىڭنى كىشىلەر بىلمىسۇن، سۆزۇڭدىن ئۆزۇڭگە ئۆكۈنۈچ كەلمىسۇن. بارىلىق يوشۇرۇن ئىشلىرىڭ ئاشكارا بولۇپ، (بۇنى) كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلار ساڭا كۈلمىسۇن.
دوستۇم دەپ ئىشىنىپ سىرىڭنى ئېيتما، ھەزەر قىل، ھەر قانچە ئىشەنچىلىك يېقىن دوستۇڭ بولسىمۇ. سىرىڭنى ئۆزەڭ ساقلىيالمىساڭ، دوستۇڭ ساقلىيالارمۇ، بۇنى ياخشى ئويلان.
‹‹كىشىنىڭ يۈزىنى ئوتقا ئاتقۇچى تىلدۇر›› دىدى،تىلىڭنى يىغ ،ئوتتىن يۈزۈڭنى قۇتقاز.
مەنبە: ‹‹ ھەقىقەت ئىشىگى›› دىن: مىللەتلەر نەشىرياتى 1997 _يىلى نەشىرى
|
|