تۇيۇقلار جاپپار رەھىم روھلان . بالام ، تەقدىر ساڭا مەندەك كۈيۈمچاننى ئاتا قىلدى ، شۇنى بىلگىن ، بېقىپ ئاسراپ ئىلىم-ئىرپان ئاتا قىلدى . نادان بەڭۋاش ئىدىڭ ئەمدە بىلىملىكسەن ، باھادىرسەن ، گېزى كەلسە ۋەتەن –ئەلگە ئەزىزى جاننى ئاتا قىلدى . *** يارۇ-جانانىم ساڭا نامە ئىبەرتتىم تەگدىمۇ ؟ بەر جاۋاب ئوتلۇق سۆزۈم قەلبىڭگە قاتتىق تەگدىمۇ ؟ دىلبىرىم ئادىل چۈشەن سەۋدايى ئاشىق سۆزىنى ، ھەر سۆزۈمنىڭ بىر ساڭا خاس مەنىسى بار تەگدىمۇ ؟ *** تاڭشۇرۇلغان ئاتتا مەن دەپ يول نىشانسىز چاپمىغىن ، ئايرىماستىن دوست ۋە دۈشمەننى ناھەقتىن چاپمىغىن . بۇ جاھاننىڭ ھەق ھېسابى سورىقى بار بىر كۈنى ، قار اماينى بايقىماستىن ئاق يۈزۈڭگە چاپمىغىن . *** چارچىتىپ قويماس ئۇزۇن چۆل ساي مېنى ، بەك ئېسىل بولغاچقا قاتناش سايمىنى . شۇڭا تاپتى تېلىفۇندا غۇلجىدىن ، قاراقاشتىن خوش دىگەنلەر ساي مېنى . *** سەن بىلەمسەن يوللىرىڭغا ئىنتىزار كۆز تىككىنىم ، يىپ ئېشىپ ئىشىق مۇڭلىرىمىدىن شېئىرىي گۈل-سۆز تىككىنىم . ھېلىھەم بىلسەڭ ئىدىڭسەن چۆرگىلەپ مەجنۇن كەبى ، باش قۇيۇپ ئىشىك تۈۋىڭدە جان بىلەن يۈز تىككىنىم . *** ۋەتەن دەپ سايرا بۇلبۇلدەك ، دىمە قۇزغۇن كەبى سەن قاق ، ۋەتەندىن ھەرگىز ئايرىلما ، قۇرۇپ بولساڭمۇ سەن بىر قاق . كۆزۈڭگە تۇتىيا بىلگىن ، ئۇنىڭ چىمدىم توپىسىنى ، قونۇپ قالسا كىيىمگە گەر ، دېمە سىلكىپ ئۇنى سەن قاق . *** چىرمىۋالدى سېھىرلەپ بىر تالى مەجنۇن چاچ مېنى ، قارىماس ھچ قايرىلىپ ، چاچساممۇ زەرگۈل چاچ مېنى . تەقدىر ئەمدى تەنلىرىمنى دۇر-جاۋاھىر قىل مېنىڭ ، شۇ جاناننىڭ يوللىرىغا چاچقۇ ئەيلەپ چاچ مېنى . *** سېغىنىپ كۈتتۈم يېنىپ كەل پات بالام ، بۇ ئانا يۇرتۇڭغا سەنمۇ پات بالام . بىل شۇنى ھايات يولى شۇنداق ئىكەن ، گاھى يۇمشاق گاھى قاتتىق-پات بالام . *** بىرگە خوش دەپ شېئىر-قوشاققا قاتمىدىم ، بىرنى پوش دەپ تۆردە مۇزدەك قاتمىدىم . ياشىدىم ۋىجدان بىلەن مىڭ جان ئارا ، پاك دىلىمنى قارا دىلغا قاتمىدىم . *** بولما جىمجىت چەتتە ياتقان دۆشە تاش ، شارقىراتما سۈيىدەك ئاق ، قاينا –تاش . پايدىسىز بىر پاخشە خىشتەك ئۆتكىچە ، يا جۇۋا ، كەمزۇلغا تىككىن سىپتا تاش ! *** گۈل تۇتۇپ كەلسەم قۇلاققا قىسمىدىڭ ، يە سالامىمغا جاۋاب-قول قىسمىدىڭ . كەتتىڭا ئىشقىڭدا قالدىم ئاھ ئۇرۇپ ، سەن تەسەللى سۆزگە شۇنچە قىسمىدىڭ . *** سۇنغىنىڭدا گۈل نىگارىم ئالمىنى ، ئۆرتىدى ئوت رەڭگى چاقماق-ئال مېنى . ئوت قۇيۇپ كەتتى يۈرەككە شۇ سۆزۈڭ ، ھەر سېغىنغاندا ئېسىڭگە ئال مېنى . *** كاككۇكمۇ سايرىدى كەلگەچ گۈزەل ياز ، سەندىن ھېچ خەۋەر يوق دېسەممۇ خەت ياز . سېغىنىپ ئىنتىزار كۈتىمەن سېنى ، كەلمەككە قېشىمغا ئۇچقۇر قانات ياز ! *** كىتەلمىدىم ئاي يۈزلۈكۈم قېشىڭدىن ، ئۈزەلمىگەچ كۆڭلۈمنى كۆز-قېشىڭدىن . كۆيۈك دىگەن يامان ئىكەن سېنى دەپ ، ئاشاي دەيمەن تاغدەك ئېگىز قېشىڭدىن . *** ئەي نىگارىم ئىشكابىڭدىن ئال تونۇم ، بەك ياراشقاي كىيسەم كۈزدە ئال تونۇم . مېڭىۋالسام شۇنداق ساڭا ياندىشىپ ، نەدە قالسۇن دىلدا ئارمان ئالتۇنۇم . *** دېمىگەن ئىشقىمدا كۆيدۈڭ ئاز ، مېنى . شۇ سەۋەب دېمە بۇ يولدىن ئاز مېنى . بىل جانان دەشتىلەرنى كەزدىم سېنى دەپ ، تاغ سۈيى ئاشقان كەبى كۆپ ئاز مېنى . *** ئىشقى يوقنى پەن-بىلىمگە ئۈندىمە . يەر چېپىپ پىچەك ئۇرۇقنى ئۈن دېمە . جۈر بۇلۇپ بۇلبۇل ناۋاسى پەيزىگە ، تۇتى قۇش خورىغا ئەسلا ئۈندىمە ! *** كۈن پەسلەپ مەغرىبكە ، كىرگەندە ئەسىر ، كۆڭلۈمنى بىر رەنا ئەيلىدى ئەسىر . كۆرگىنىم كۆيگىنىم شۇ گۈزەل پەقەت ، ئۆتسىمۇ بۇ ئۆمرۈم ساق يېرىم ئەسىر . *** بىر نادان سورىدى قىستىدى كۈلكەم ، ئاشىقلار كۆيەرمىش نە ئۈچۈن كۈل كەم ؟ شۇدەم نەق جاۋابمۇ ئىسراپتۇر ئاڭا ، ئىسراپتۇر ھەجۋى ھەم كۈلسەڭمۇ كۈل-كەم ! *** چاچ- ساقالىمغا قاراپلا چال دېمە ، ھەي نادان دەرياغا تالقان چال دېمە . جان مۇقام پەخرىم ، غۇرۇرۇم ، لەززىتىم ، بەدقىلىق ئۇسۇلغا داپنى چال دېمە . *** بارنى كۆردۈم كېچە كۆرگەن چۈشتىمۇ ، ئوڭۇمدا ھەم كۆردۈم سەھەر ، چۈشتىمۇ . يۈرەك ئويار كۆرگەنسېرى ئۆزگىچە ، گويا كۆكتىن بىر پەرىزات چۈشتىمۇ . *** بولمىغۇر ئىش سەت قىلىقتىن يان بالام ، ئادەمى شەيتانغا بولما يان بالام . پەن-بىلىم ئوكيانىدا بولغىن كاراپ ، ئەل ۋەتەن ئىشقىدا ئوتتەك يان بالام . *** مەيلى بارغىن رىم ، ئىستانبۇل ، دېھلى شام ، ياقمىساڭ كۆرسەن بىلىمدىن دىلغا شام . ئال بىلىم چىڭ تۇتمىساڭ ۋاقتىڭ كېتەر ، بۇ ئۆمۈر چۈش بولدىمۇ چىللايدۇ شام . *** مەيلى بار توكتو ، بۇخارا ھەم قازان ، ئاقلىغىن ئەلنىڭ ئۈمىدىنى شان قازان . يەپ ئىچىپ يۈز يىل بېكىنسەڭ ھۇجرىغا ، پەن-بىلىم بەرمەيدۇ ئاش بەرگەن قازان . *** قارىغا كەتتىم دېدىڭغۇ ئاق تۇرۇپ ، سەن يېڭەرسەنمۇ شۇ سۆزنى ئاقتۇرۇپ . نە ئامال كۆكتات بۇزۇلسا ئىچىدىن ، مەيلى ئۇ بولسۇن قىزىل يا ئاق تۇرۇپ . *** يېتىپتۇ بىر دېۋە يولۇڭدا توغرا ، بىرى دەر :ئۇ خەتەر قېلىچ ئۇر –توغرا ، بىرى دەر : بۇيولدا ئەقلىڭنى سىنا ، قاچامسەن ، چاپامسەن قايسىسى توغرا ؟! *** باچكىچاق ئوغلۇڭمۇ بولدى ئۇچۇرما ، ئۇ بىر ئوت پۈۋلىمە ، ماختاپ ئۇچۇرما . ئۇزاقچە يىتەكلە قىڭغىر ماڭسا گەر ، قورقۇتۇپ ، تەستەكلەپ ئېڭەك ئۇچۇرما ! *** يار ۋىسالىڭغا ئۈمىدتىن گۈل چېكىپ ، سېغىنىپ كەلگەن ئىدىممەن ئىشىك چېكىپ . كىم بۇ دەپ ئەپسۇسكى ھېچبىر چىقمىدىڭ ، ھەسرەتتە كەتتىم پەرىشان دەرت چېكىپ . *** بىر كۆرۈش بىرلە كۆڭۈلگە ياقتىڭىز ، يۈرۈكۈمگە بىر تونۇر ئوت ياقتىڭىز . شۇنى سورىماي كەتتىڭىز ئەپسۇس گۈلۈم ، نە ئۈچۈن ھۆل تەننى مۇزغا ياقتىڭىز ؟.. *** دەرىزەم ھېچ قىلمايدۇ –" تىرىك " ، كەلمىدىڭغۇ ، بارمۇ سەن تىرىك . ئىزدىمەككە يول ئالدىم سېنى ، مەيلى ،ماڭا ئاچچىقلان-تىرىك ! *** كىشىنى بىھۇدە ئۇچۇرما كۆككە ، چۈشەر ئۇ بەلكىم تاش ئوتلاققا –كۆككە . ۋە لېكىن ئەملەشتە بولامسەن ھازىر ، ئاراملىق بەخش ئېتىپ زېدىگە-كۆككە ؟1 *** ئەي شائىر كەلتۈرمە چاي ، پولۇ-بەتتە ، كەلتۈرگىن ھەق سۆزۈڭ خۇشچىراي –بەتتە . كەلتۈرگىن خاسلىقتىن تۇغۇلغان ئەشئار ، نە ئارمان شۇ ئەسەر چاقنىسا بەتتە . *** كۆرگىنىمدە بىر ئېسىل تاش ئويمىنى ، چىرمىدى مىڭ يىلچە تارىخ ئوي مېنى . ئويمىكار مەن دېدى غايىب بىر ئاۋاز ، تاش ئەمەس مىليون يۈرەككە ئوي مېنى . *** ئۇزۇن يول كۆڭلۈمنى قىلمىدى ساي رام ، قۇشلار ھەم ۋىچىرلاپ قۇرمىدى سايرام . ئاچقاندا باغرىنى چىقتى ھاردۇقۇم ، يايرىتىپ دىلىمنى شۇ گۈزەل سايرام . *** زەھەرلىك يىلاننىڭ بېشىنى كەسكىن ، ھەر ئىشنى يەتتە رەت ئويلىنىپ كەسكىن . ۋە لېكىن ئوت كەتسە جان ئالۇ ر ئويلاش ، ئۆچۈرۈش قېڭىگە كىرمىسەڭ كەسكىن . *** ئىنسانغا ئۆلگەندە تۆت گەز خام كېتەر ، ئەپسۇس ئۇ دۇنيانى بىلمەي خام كېتەر . يېشىلمەي دۇنيانىڭ سىرلىرىمۇ ھەم ، بەزىسى تەسكەيدە پىشماي خام كېتەر . *** ئىرادە بىلىمگە چەگدىم چىڭ ياغلىق ، ياسىدىم گۈل قاشا بىر ئېسىل باغلىق . مېۋىگە كېرىكى كۆكلەپ چېچەكلەپ ، توختىماي تەر تۆكۈش پەرۋىشكە باغلىق . « قاراقاش » ناملىق كىتابتىن .
مۇنبەرگە يوللىغۇچى -كەۋسەر |