كۈنلىرىڭىزنى خۇشال ئۆتكۈزەي دىسىڭىز..........
 ناۋادا كۈنلىرىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمىسىڭىز ، يېڭىچە شەكىلدە ئىش قىلىپ بېقىڭ ،كىشىلەرگە ئارلىشىڭ ،ئاكتىپ ئۈمۈدۋار بولۇڭ.

ناۋادا بىر كۈننى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزمەكچى بولسىڭىز ،ئۇچرىغان كىشىگە خۇشال كەيپىياتتا دوستانە مۇئامىلە قىلىڭ ،ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈڭ .
ناۋادا بۈگۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمىگىنىڭىزدە باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كەچۈرۋېتىپ ،ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك ئەسلەڭ.

ھەر كۈنى دائىم بىرىنچى بولسام دەيدىغان خام خىيالدىن ۋاس كېچىڭ.

بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىڭىزنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزمەكچى بولسىڭىز ،سىزگە كەلگەن ئامات، تەلەيدىن مەمنون بولدۇممۇ ،يوق ؟ دەپ ئۆز- ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ.

ناۋادا شۇ بىر كۈندە ئىچىڭىز سىقىلسا ،سىرتلارغا چىقىپ سىزدىنمۇ تۆۋەن شارائىتتا ياشاۋاتقانلارنى كۆرۈڭ، ۋە بىھۇدە زارلىنىشنى توختىتىڭ .

ئىچىڭىز پۇشقان كۈنلىرىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشى ئۈچۈن ،نامرات قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يوقلاڭ ،ئۇلارغا ئۈمۈد ،ئىشەنچ ئاتا قىلىڭ .

ھەر بىر كۈنىڭىزنى ىۇشال ئۆتكۈزەي دىسىڭىز ،بارىڭىزغا شۈكرى قىلىڭ.

مەنبە :شىنجاڭ گېزىتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-17 10:28
|