- تىزىملاتقان
- 2012-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 14687
- نادىر
- 8
- تېما
- 109
- يازما
- 1441
  
- يوقلىما
- 177
قىزغىنلىق- 3936 سەر
تىللا- 508 دانە
تۆھپە- 2357 سەر
شۆھرەت- 2469 سەر
       
| [align=center] ئەتە ، ئۆگۈن ، ئىندىن دەپ،.........(شېئىر)


چالا قالدى ئۆگىنىش ئەتە ، ئۆگۈن ، ئىندىن دەپ،
ئۆتى باھار ،ياز ھەم قىش ئەتە ، ئۆگۈن ، ئىندىن دەپ ،
تورخانىلاردا تۈنەشتۇق، بەزمىلەردە مۇڭداشتۇق ،
دىيىشمىدۇق "بۇ نە ئىش" ئەتە ، ئۆگۈن ، ئىندىن دەپ.

باشنى چۆمكەپ يوتقانغا ئۇخلاپ ياتتۇق بەھوزۇر،
بولدى دەرس تاشلىشىش ئەتە ، ئۆگۈن ، ئىندىن دەپ
تېلىفۇنلار ئايلاندىسىرداش يېقىن دوستلارغا ،
پاراڭلاردا ياتلىشىش ئەتە ، ئۆگۈن ، ئىندىن دەپ.

نۆلگە چىقماي نەتىجە قاقشاپ چىقتۇق يەتكۈچە،
نىمە دىگەن سەتلىشىش ئەتە ، ئۆگۈن ، ئىندىن دەپ،
ئويلاپ باقساق بىر بەتمۇ ئۆرلىمەپتۇ ئارماندىن ،
يەنە نىمە گەپ سېتىش ئەتە ، ئۆگۈن ، ئىندىن دەپ.

ئۇزاپ كەتتى چوڭ كارۋان قالدۇق نۇرغۇن كەينىدە ،
يوقمۇ بىزدە يېتىشىش ئەتە ، ئۆگۈن ، ئىندىن دەپ،
قاچانغىچە يۈرىيمىز شىرىن خىيال ئىلكىدە ،
سەت كۆرۈنۈپ تىرىشىش ئەتە ،ئۆگۈن،ئىندىن دەپ.

چۈشۈشىنى ئۈژمىنىڭ ئاغزىمىزغا كاپپىدە ،
كۈتتۈق يوقمۇ ئىزدىنىش ئەتە ، ئۆگۈن ، ئىندىن دەپ
بىلەلمىسەك سۇئالنى ، قويالمىساق ئۈندەشنى ،
بىزنى كۈتەر تۈگىشىش ئەتە ، ئۆگۈن ، ئىندىن دەپ.

 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-17 08:57
|
|