ماتىماتىكىدىن ئىلمي ماقالە يازىدىغانلار ئۇچۇن پايدىلانما تىمىلار
مائارىپ خىزمتىدە ئۇنۋان ئىلىش ئۇچۇن چوقۇم بىرەر ئۆلكە دەرىجىلىك گىزىت-ژورناللاردا ماقالە ئىلان قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن مەتبۇئاتلاردىكى بەزى خادىملار ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئونۋان ئالماقچى بولغان بىرەرى ئاز-تولا پۇل بەرسىلا، يازغان ماقالىسىدە خاتا نۇقتىنەزەرلەر بولمىسىلا مەتبۇئات يۇزىگە چىقىرىۋىرىدىغان بولۇپ كەتتى. بىزنىڭ قوشۇنىمىزدىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھورۇنلۇقىدىن ئۆزى ئۆتۇۋاتقان كەسپنى ئەستايدىل تەتقىق قىلىپ كۆرمەيلا پۇل بىلەنلا ھەممە ئىشنى ھەل قىلىشقا ئادەتلەندى. لىكىن مەن ئويلايمەنكى،بىزنىڭ بايقاش تورىدىكى يولداشلارنىڭ ھەممىسى ھەققانىي،سەمىمى بولۇشنى ئۆزىنىڭ ھايات مىزانى قىلغان، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ساختا شۆھرەت، قۇرۇق ئابروي قوغلاشمايدىغان يولداشلاردۇر. شۇڭلاشقا بايقاش تورىدىكى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ ئۇنۋان ئىلىش ئىشلرىغا ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالار دىگەن مەقسەتتە ئۆزۇم ساقلاپ قويغان «ماتىماتىكىدىن ئىلمى ماقالەت يازىدىغانلار ئۇچۇن پايدىلانما تىمىلار »دىگەن ھۆججەتنى يوللاپ قويدۇم. ئىچىدە 500دىن ئارتۇق ماتىماتىكىغا ئائىت ئىلمى ماقالە تىمىسى تەمىنلەنگەن. ئەگەر كەسىپتە ئازراقلا ئەستايدىل بولغان ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا شۇ تىمىلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ماس كىلىدىغان تىمىنى تاللاپ، لاياقەتلىك ئىلمى ماقالىدىن بىرنى يىزىپ چىقالايدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ يەردىن چۇشۇرۇڭ:点击进入下载-数学论文题目参考.doc
|