ئەرلەر نىمە ئۈچۈن كۆڭۈللۈك ياشىيالايدۇ؟ 1. ئەرلەر ئېغىر ئاياق بولمايدۇ، سۇ ئۈستى باغچىسىغا مايكىچان اكى مايكا كەيمەيمۇ بارالايدۇ. 2. كىچىك تەرىتى قىستاپ كەتكەندە ھاجەتخانا ئىزدەپ ئاۋارە بولمايدۇ، ھاجەتخانىنى مەينەت كۆرۈپ باشقا ھاجەتخانا ئالمىشىپ يۈرمەيدۇ. 3. ئوخشاش خىزمەت ئىشلەپمۇ ئاياللاردىن يوقىرى ھەق ئالالايدۇ. 4. باشلىق بولۇش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ، يۈزىدىكى قورۇق ئۇنىڭ سىھرى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. 5. ئۇ باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا باشقىلار ئۇنىڭ مەيدىسىگە قاراپ تۇرىۋالمايدۇ. 6. ئاندا-ساندا كىكىرىپ قويسىمۇ سالاپىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ. 7. يېڭى ئاياغ ئۇنىڭ پۇتىنى غاجاپ قاپارتىپ قويمايدۇ. 8. ئۇنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىق، تېلفۇندا سۆزلەشكەندە يېرىم مىنۇتتىلا گېپىنى تۈگىتەلەيدۇ. 9. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئازراق ئىنچىكىلىك قىلسا كۈتمىگەن ياخشى باھالارغا ئىرىشەلەيدۇ. 10. ھەرقانداق نەرسىنى تېڭىش ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان، بەش كۈنلۈك ساياھەتكە بىر تال قول سومكىسى بىلەنلا كىتىۋىرىدۇ. 11. ئۈچ جۈپ ئاياغ ئۇنىڭغا يىتىپ ئاشىدۇ. ئۇ كىيىمنىڭ پۈرلىشىپ كىتىشىدىن غەم يىمەيدۇ. چىراي ئىپادىسى بىرخىل تۇرىدۇ، بىر نەچچە يىل ياكى ئون نەچچە يىل بىرخىل چاچ پاسونىدا تۇرالايدۇ، پەقەت ساقال-بۇرۇتىنى قىرىپ تۇرسىلا كۇپايە. 12. تومپىيىپ چىققان قۇرسىقى كىلەڭسىز كاسىسىنى يۇشۇرۇپ قالىدۇ. 13. ئۇ تۆت پەسىلدە بىرلا ھەميان تۇتسا، بىرلا ئاياغ، بىرخىل رەڭدە كىيىم كەيسىمۇ بولىۋىرىدۇ. پۇت شەكلىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر كالتا ئىشتان بىلەن قورقماي يۈرەلەيدۇ. 14. ئۇ يېنىدىكى تىرناق ئالغۇچى بىلەن خالىغان ۋاقىتتا تىرنىقىنى ئالالايدۇ. بۇرۇت قويۇش ياكى قويماسلىق ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدا. مانا، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا كۆڭۈللۈك ياشايدۇ. مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلىدىن
|