- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| بوراندىكى سىغىنىش
( نەسىر)
بوران گۈركىرەۋاتقىنىدا چاقماق چېقىپ ئاسمانغا ئۆز يۇرۇقلۇقىنى چاچقىنىدا، يامغۇر تاراسلاپ يىغىپ بوراننىڭ ۋەھشىيلىكىنى باسماقچى بولغان ۋاقىتتا جىمجىت كېچىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن مەن قورقىۋاتىمەن. ئەزەلدىن مەن چاقماقتىن قورقاتتىم. شارقىراپ كەلكۈن كەلگەن يامغۇردىن ئاشۇ تاغلارنى ئەسلەپ قالاتتىم. قىيانلاپ پاتماي ئاققان دەريا بويىدا بىر ئۆينىڭ سولياۋسى بىر كېچىدىكى بوراندا ئېچىلىپ كەتتى. باش ئۈستىدىكى يامغۇر ئاستىدا ئاپا ۋە بالا بوراندا يامغۇرنىڭ شىددەت بىلەن يۈزلەرگە ئۇرۇلىشىنى قايرىپ سولياۋغا چىڭڭىدە يىپىشىپ، سولياۋ ئاستىدىكى بورىنى بوراننىڭ ئېلىپ قېچىشىنى توستى. ئاشۇ سولياۋ ئۆينىڭ ئاستىدا ھىچنەرسىلەردىن خەۋەرسىز ئىككى بالا تاتلىق ئۇيقىدا. ئۇلار چۈشلىرىدە ئىسسىق جۇۋىنىڭ ھارارىتىدە قىزىماقتا. بۇ چاغ ئاپا بىلەن بالا سۇ بولۇپ كەتكەن بولۇپ يۈزلىرىدە، بويانلىرىدا ئېقىۋاتقان يامغۇرلارنى سۈرتىكىدەك ھالىمۇ يوق ئىدى. ئۇلار شۇ چاغدا بەدەنلىرىدىن چىقىۋاتقان تىترەكلىرىدە بىر ئادەمنى ئەسلىدى. بالا دادىنى، ئايال يولدىشىنى، ئۇلار بىرلىكتە ئۇ ئەرنىڭ ئىسمىنى لەۋلىرىدە شىۋىرلىدى. مانا ئۇزۇن يىل بولدى.مەن يامغۇرنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشىدىكى بىر كۈندە ئاپامنىڭ ئۆيىدىن ئۆتكەن يامغۇر تامچىسىغا ئەگىشىپ يەردىكى داسنى ئۇ يەر بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەبسۇسلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. «ئېسىت...» ئاپام بۇ سۆزنى تەكرارلاپ قالغىنى خۇددى ئاشۇ يىللاردىكىدەك ئۇزۇن بولدى. مۇشۇنداق بوران چىقىپ، يامغۇر شىددەت بىلەن يېغىۋاتقىنىدا، ئۆيدىن خۇددى تېشىدا يامغۇر چۈشكەندەك ئۆتكىنى باشلىغاندا، ئاپام كۆزلىرىگە ئىسىق ياش ئېلىپ ئاشۇ كۈننى ئەسلەيدۇ. ئاشۇ كۈنى ئۇنىڭ يېنىدا بالىسى بار ئىدى. ئۇنى ھەرقانداق نەرسىگە ئۈمىد كۆزى بىلەن تىكىلدۈرىدىغان، يوللىرىغا ئۈنسىز قارىتىدىغان بىرسى بار ئىدى. ئۇ بولسىلا ئۇ ھەممە نەرسىدىن قورۇقمايتتى. ئۇ ئەمدى قورقۇپ قالدى. ئۇ بىر يەردە ئۇنىڭ ئىسمىنى تەكرار - تەكرار توۋلىغان بىرسىنىڭ يامغۇر بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولۇپ قالغىنىنى سىزىپ قالدى. شۇنداق بۇ يامغۇر بۇرۇقتۇملۇقتىن چىققان خىياللاردىن ئاپا ئۆيىدىكى تامچىۋاتقان يامغۇرنىڭ ئاۋازىغا سىڭگەن ئاشۇ كۈنلەرنى چۈشىدە كۆرۈش ئۈچۈن دېرىزە تەكچسىگە سالغان كۆپىسىدە قىسايغىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى. بوران چىقىۋاتىدۇ. يامغۇر شىددەت بىلەن ئۆگزىلەرگە ئۆزىنى ئېتىپ، يەرلەرنى كولاپ كولاپلىۋەتمەكچىدەك قاتتىق بەستىنى يەرگە ئۇرۋاتىدۇ.ئاپام ئۇيقىدا، مەن ئۇيقىدا، دادام مەڭگۈلۈك ئۇيقىدا.بۇنداق ۋاقىتتىكى چۈش شىرىنلىكتىن ئازابلارغىچە سوزۇلۇپ كېتىپ قالىدۇ. خۇددى ئاق يېغىندىكى دادامنىڭ يولىغا تىكىلگەن ئاپا م بىلەن مەن بىر – بىرىمىزنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ ئۇزاپ كېتىشكەندەك.
مەنبەسى : شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدىن .
يوللىغۇچى : زەپەر |
|