پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 131|ئىنكاس: 3

تىرنىقىڭىز ئارقىلىق سالامەتلىكىڭىزدىن خەۋەردار بولۇڭ![ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
113
قىزغىنلىق
1046 سەر
تىللا
302 دانە
تۆھپە
741 سەر
شۆھرەت
832 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 14:20:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرنىقىڭىز ئارقىلىق سالامەتلىكىڭىزدىن خەۋەردار بولۇڭ!

ئامېرىكا فلورىدا شىتاتى كلېۋېلاند تېببى مەركىزىدىكى تېرە بۆلۈمى دوختۇرى، تامارا. رىئو ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بىمارىنىڭ تىرناقلىرىدا كۆك رەڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئۆپكىسىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش تەكلىبىنى بەرگەن. چۈنكى تىرناقتىكى كۆك رەڭ نەپىسىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن بىشارەت بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ بىمارنىڭ ئۆپكىسىدە سۇ بارلىقى ئېنىقلانغان.

  نۇرغۇن كىشىلەر تىرناقنىڭ باشلىنىش ئورنىدىكى كىچىك ھىلال ئاي توغرىسىدا ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر تىرنىقىڭىزدىكى ھىلال ئاي ئىنتايىن كىچىك بولسا، سىزدىكى قالقانسىمان بەز ئىنتايىن ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن.

  كۆپ يىللىق تەتقىقات ۋە كېلىنكىلىق تەجرىبىگە ئاساسلانغاندا، تامارا تىرناقتا ئوڭاي كۆرۈلىدىغان بىر قانچە تۈرلۈك بىنورماللىقنى رەتلەپ چىققان.

  تىرنىقىڭىز ئاقىرىپ كەتسە ____ جىگەر ياللۇغى دىگەندەك جىگەر كېسەللىكلىرىدىن بىشارەت بولۇشى مۇمكىن

   تىرنىقىڭىز سارغىيىپ، قېلىنلاپ ياكى ئۆسۈشى ئاستا بولۇپ قالسا ____ ئۆپكە گازلىق ئىششىقى دىگەندەك ئۆپكە كېسەللىكلىرىدىن بىشارەت بولۇشى مۇمكىن.

   تىرنىقىڭىز سارغىيىۋالسا ھەمدە تىرناق باشلىنىش قىسمى سۇس قىزىل بولسا ___ دىئابىت كېسىلىدىن بىشارەت.

   تىرناقنىڭ يېرىمى ئاق يېرىمى قىزىل بولسا ____ بۆرەك كېسلىدىن بىشارەت.

  تىرناق ئولتۇرۇشقان ھالەتتە بولسا ياكى سزىقچىلار پەيدا بولغان بولسا ___ كالا تەمرەتكىسى ياكى بۇغۇم ياللۇغىدىن بىشارەت.

   توقماق شەكىللىك تىرناق، يەنى تىرناق ئۇچىدا ئۆسمە بولسا، تىرناق قېلىن بولسا ___ ئۆپكە كېسىلىدىن بىشارەت.

  تىرناق سىزىقچىلىرى قورۇلۇپ، نۇرغۇن قىزىل سىزىقچىلار پەيدا بولۇپ قالسا ___ قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى ياكى بېرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسەللىكلىرىدىن بىشارەت.

  تىرناقتا قېنىق رەڭلىق سىزىقچىلار پەيدا بولسا ____ مېلانوما (ئۆسمىنىڭ بىر خىلى) دىن بىشارەت.

  ئەلۋەتتە بۇ ئۆزگىرىشلەر پەقەتلا سالامەتلىكتىكى مەلۇم مەسىلىلەردىنلا بىشارەت بىرەلەيدۇ. ئامېرىكا ئىچكى كېسەللىكلەر ۋراچلىرى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى، ئاممىۋى سەھىيە ئىلمى ماگىستىرى كىرستىنا.لان بىزگە، تىرناقنىڭ ئۆزگىرىشى پەقەتلا بىر قىسىم ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى، كونكېرتنى كېسەللىك ئەھۋالىغا يەنە تەپسىلىي تەكشۈرۈپ دېئاگنوز قويۇش زۆرۈر دەپ بىلدۈرگەن.

   
  ئەرزان باھالىق تىرناق لاكى سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ

  بىر تەرەپتىن تىرناق تەن سالامەتلىكتىن بىشارەت بېرەلەيدۇ، بەزى كىشىلەر گۈزەللىك قوغلىشىپ تىرناقلىرىغا تىرناق لاكى سۈرۈۋالىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىدا، ئادەتتە بازاردىن سېتىۋالىدىغان نەچچە يۈەنلىك تىرناق لاكى تەركىبىدە فورمالدىگىد. تولۇئېن قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە تىرناقنى ساغارتىپ، ئاجىزلاشتۇرۇپ، تىرناق ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

   تىرناق تەن سالامەتلىك ئەھۋالىدىن سىگنال بېرىپ تۇرىدىغان چىراغ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا ساغلام ياكى ئەمەسلىكى ئىنتايىن مۇھىم. سىزنىڭ كىچىكىڭىزدىنلا تىرنىقىڭىزنى چىشلەيدىغان ئادىتىڭىز بارمىدى؟ سىز داۋاملىق تىرنىقىڭىزنى بەكلا ئېلىۋېتەمسىز ياكى ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋالامسىز؟ سىز تۈرلۈك رەڭدىكى تىرناق لاكلىرى بىلەن تىرنىقىزنى بويىۋالامسىز؟ مۇتەخەسىسلەر بىزگە بۇلارنىڭ ياخشى ئادەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

  كۆپچىلىك ئامال بار تىرناقنىڭ ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىپ، تىرناقنىڭ كېسەللىك يۇقۇملۇقلىرىدىن يىراق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەنبە:نۇر تورى
كەسىپداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 20:58:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىلىملەرنى بىلىۋالساق، ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىمىزنى نىسپى ھالدا بولسىمۇ بىلىپ تۇرالەيدىكەنمىز ئەمەسمۇ؟
بولسا رەسىملىك چۇشەندۇرۇلمىسى بولغان بولسا تىخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.
ياخشى بىلىم ئىلىپ كەپسىز .رەھمەت سىزگە
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1681 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 20:59:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم .رەھمەت سىزگە !
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

Rank: 1

قىزغىنلىق
124 سەر
تىللا
7 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
120 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 02:38:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دائىم تىرنىقىمنى بەك ئىلىۋىتىمەن، تىرناق ئالساملا قانىتىۋەتمىگۈچە بولدى قىلمايمەن....   بۇخىل ھالەت داۋاملاشسا كىسەللىك شەكىللىنەرمۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:21, Processed in 0.126749 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش