ئۆلمىسۇن ( شېئىر ) ( مۇسەببە ) ئىمىنجان كېرىم ( ئاقشەھىرى ) يۇلتۇز بولۇپ چاقنىغان نۇرلۇق چېھرى ئۆلمىسۇن ، قۇياش كەبى پارلىغان ئىللىق مېھرى ئۆلمىسۇن ، تۈمەن دىلنى يورۇتقان تۆھپە -ئەجرى ئۆلمىسۇن ، ھەرقەدەمدە شان قۇچقان ئەقىل-زېھنى ئۆلمىسۇن ، ئىلىم-ئىرپان نۇرچاچقان ئالتۇن قەسرى ئۆلمىسۇن ، رەڭدار گۈللەر ئېچىلغان جەننەت بېغى ئۆلمىسۇن ، بارچە دىلغا زەپ ياققان خىسلەت-سېھرى ئۆلمىسۇن . سۆيگۈ-ۋىسال رىشتىنى ئەۋلاتلارغا باغلىغان ، مەرىپەتنى قورال قىپ ھەقىقەتنى ياقلىغان ، سەبىيلەرنى كۈلدۈرۈپ قەلبى ئەجەپ يايرىغان ، چېكىپ تۈمەن مۇشەققەت يول-ئىزىدىن تايمىغان ، توسقۇنلارنى مات ئەيلەپ ھەر قەدەمدە تازىلىغان ، يۈرەكلەرنى ياشناتقان چىمەنزارى ئۆلمىسۇن ، مەرىپەتتىن نۇرلانغان ئارمانلىرى ئۆلمىسۇن . چاقنار ھەرچاغ قەلبىدە ھەمراھ بولۇپ دىيانەت ، يالقۇنلايدۇ ئۆچمەيدۇ سەبىيلەرگە مۇھەببەت ، نۇر تۆكىدۇ دىللارغا مېھنىتىدىن پەن-ھېكمەت ، ئۇنتۇمايدۇ بۇرچىنى ، ئىزدىمەيدۇ پاراغەت ، چوغلىنىدۇ ئىستەكلەر ئىقبال سۆيۈپ تائەبەت ، پەنگە رىشتىن باغلىغان ئېتىقادى ئۆلمىسۇن ، چىن سۆيگۈدىن شادلانغان ئىپتىخارى ئۆلمىسۇن . مۇئەللىملىك شەنىنى يۈرىكىدە ساقلىغان ، مەسئۇلىيەت -بۇرچىنى قان-تەر بىلەن ئاقلىغان ، ھەر ئىشىدا ئەل-ئەۋلات تىلىكىنى ياقلىغان ، توزان باسسا دىللارنى مەرىپەتتە پاكلىغان ، شەمشىرىنى ئىدراكنىڭ تەپەككۇردا چاقلىغان ، ئەل قەلبىدىن تۆر ئالغان شان -ھۈرمىتى ئۆلمىسۇن ، مېھنىتىدىن يۈز تاپقان نام-شۆھرىتى ئۆلمىسۇن . قەلبىڭ گۈزەل ، بىباھا ، ئاددىي كۆرمە سەن ئۇنى ، ساغلام ، تېمەن ئۆستۈرەر پەرۋىشىدە نوتىنى ، ئېچىلدۇرار باغلاردا سەرخىل گۈللەر -غۇنچىنى ، سۈزۈپ ئالار ئىلىمنىڭ دېڭىزىدىن ئۈنچىنى ، تىنىم تاپماس بال يىغىپ ، مەنىلىكتۇر كۈن-تۈنى ، مېھنىتىدە تاۋلانغان ئەۋلاتلىرى ئۆلمىسۇن . بوغۇنلارنى يايراتقان قەلبى-دىلى ئۆلمىسۇن . ئۇ بولمىسا ئالەمدە زاۋاللىق بار ، زۇلمەت بار ، ئۇ بولمىسا ئېنىقكى ، بەخت -شاتلىق بولۇر خار ، ئۇ بولمىسا ماڭارغا داغدام يولمۇ بولۇر تار ، ئۇ بولمىسا چاڭقاق دىل تامچە سۇغا بولۇر زار ، ئۇ بولغاچقا ئۆستى بەك بىزدە غۇرۇر -ئىپتىخار ، زۇلمەت تۈننى ئىڭراتقان شام-چىرىقى ئۆلمىسۇن . روھىمىزنى ئۇرغۇتقان كۈچ-قۇدرىتى ئۆلمىسۇن . ئۇ بولغاچقا خۇراپات مەقسىتىگە يىتەلمەس ، ئۇ بولغاچقا قاششاقلىق قىلچە يامراپ كىتەلمەس ، ئۇ بولغاچقا نادانلىق مەغرۇررانە كۈلەلمەس ، ئۇ بولغاچقا ئىللەتلەر قەلبىمىزگە سىڭەلمەس ، ئۇ بولغاچقا مۇشەققەت قەددىمىزنى پۈكەلمەس ، خۇراپاتلىقنى لەت قىلغان ئول قىممىتى ئۆلمىسۇن . نادانلارنى ئويغاتقان نۇر ، ھىممىتى ئۆلمىسۇن . ئۇ بولغاچقا روھىيەت گۈزەل بەكلا چاراقلار ، ئۇ بولغاچقا ئۇرغۇتقان مەنىۋىيەت كۈچ ئالار ، ئۇ بولغاچقا ئىشقىدا ئادىمىيلىك تاۋلىنار ، ئۇ بولغاچقا بارچە ئەل ئامىتىدىن شادلىنار ، پەرۋىشىدە ئېچىلغان گۈلى- ھىدى ئۆلمىسۇن . مۈشكۈل جەبرى تاۋلىغان ۋىجدان -دىتى ئۆلمىسۇن . يەلكىسىدە تاغدەك يۈك ، ياشار يەنە ئۈمىدتە ، ئۆتەر كۈنى ئالدىراش ئەۋلاتلارنىڭ غېمىدە ، ئۈشبۇ ئالەم ئىللىقتۇر يۈرىكىنىڭ تەپتىدە ، ئاڭا ھازىر ھۈرمەت تۆر ئەل-ۋەتەننىڭ قەلبىدە ، ئېچىلىدۇ گۈل-چېچەك باسقان ھەر ئىز-قەدەمدە ، ئەۋلاتلارغا تۆككەن شۇ نېمەتلىرى ئۆلمىسۇن . چىمەن باغنى چاقناتقان زىننەتلىرى ئۆلمىسۇن . مۇئەللىمسىز چىن دىلدىن ھېچكىم يايراپ كۈلەلمەس ، تەرىپلەشكە تىل ئاجىز ، سۆزۈم چىن ھەق ، لاپ ئەمەس ، ياغدى ھۈرمەت يامغۇرى قىلىپ شۇندا مەن ھەۋەس ، تۇتتۇم سۆيگۈ جامىدا دىلدىن شاراپ لىق پەۋەس ، ئەۋلات ئۈچۈن يۈرىكى سوقار بولۇپ بىر نەپەس ، ئەل -ۋەتەننىڭ ، ئەۋلاتنىڭ مۇئەللىمى ئۆلمىسۇن . قەلبلەردە ياڭرىغان بۈيۈك نامى ئۆلمىسۇن . مەنبە-شىنجاڭ مائارىپى |