پۇل ئۈچۈن (شېئىر) ئەجەپ چوڭقۇر مېھرى مالۇ-دۇنيانىڭ ، شاھ-گادايغا ئوخشاش شۇنداق تەمى بار. بىرى مىڭلاپ ، بىرى موچەن تاپسىمۇ، ~ ھەممىسىنىڭ ئۆزگە چۇشلۇق دەردى بار . دېھقان ئاچار بوزيەرلەرنى پۇلنى دەپ ، كادىر ماڭار ئىش ئورنىغا ئەتىگەن . تىجارەتچى توختىمايدۇ سوكۇلداپ ، خېرىدارنى ئەپلەپ ھەرخىل پەن بىلەن. مۇشۇ رەتتە چۆرگىلەركەن بۇدۇنيا، ئاشالماسكەن تەڭرى بەرگەندىن باشقا. قانائەتتە يىراق تۇرغان سەبرىدىن ، تېرىۋالار مىڭ بالالارنى باشقا . جىمى جاننىڭ رىزقى تەكشى چېچىلغان ، بولماس ئارتۇق ئىرادىدىن تاشقىرى . شۈكرى بىلەن ئىشلىرىڭدا بەرىكەت، گۈللىگەيسەن ھەق يولدا ماڭغانسىرى. پۇل مال ئۈچۈن جىنايەتنىڭ ئەركىسى ، قاتىل بولغان ، بەلكى خېروئىن ساتقان . يانچۇق كولاپ ، پاھىشۋازلىق بىلەن ھەم، پاتقاق يولغا ئەزىز تېنىنى ئاتقان . مېلىڭ يەتسە مىليونغا گەر ئەي دوستۇم ، يەيدىغىنىڭ ھەربىر ۋاققا بىر قاچا . ئۆلسەڭ قالۇر باشقىلارغا شۇ دۇنيا ، تاپالمايسەن ئاخىرەتتە بىر ئاچا . ئۈزۈمنىڭ يازمىسى |