پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 191|ئىنكاس: 8

«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دىن تۇغۇلغان ئويلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
98
قىزغىنلىق
639 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
386 سەر
شۆھرەت
402 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 12:14:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                          «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دىن تۇغۇلغان ئويلار
مېنىڭ نەزىرىمدە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دىگەن بۇ سۆز قاتتىقلارنى يۇمشىتىدىغان ،تۈگۈلگەن قوللارنى ئېچىلدۇردىغان ،تۈرۈلدىغان چىرايلارنى ئېچىلدۇردىغان سېھرى كۈچكە ئىگە دەپ ئويلايتىم .بۇ بىر نەچچەكۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن مۇنداق ئىككى ئىش مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى. «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»نىڭ ئىجابىي مەنىسى سۇلاپ كەتتىمۇ ياكى مەن بۇ سۆزگە ھەددىدىن ئارتۇق چوقۇنۇپ كەتتىممۇ ھىچ بىلەلمەي  دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسام دىگەن ئۈمۈتتە بۇ تېمىنى يوللۇدۇم .
                                      1
ئىككى كۈن ئاۋال ئەتىگەن تەرەپتە ئەمدى ناشتا قىلىپ تۇرساق ئىشىكنىڭ قاتتىق ئۇرۇلۇشى ھەممىمىزنى قاتتىق چۇچۇتىۋەتتى ،يۇگۇرۇپ بېرىپ دىگۇدەك ئىشىكنى ئاچسام ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئەر خوشنىمىز ئىكەن .نىمىشقا ئىشىك قوڭغۇرغىنى باسمايدۇ ؟ مۇشۇنچىلىك قايدىنىمۇ بىلمەمدا .شۇنى خىيالىمدىن كەچۈرۈپ بولغۇچە بۇ خوشنام سۆزلەپ بولدى .
ـ توكلۇق ۋېلىسپىتىڭىزنى بېرىپ تۇرۇڭە  دىككىدە ئەتىگەنلىك بازارغا بېرىپ كىلەي دىگەن .
ـكەچۈرىسىز ،مەنمۇ ھازىر ئىشلەتمەكچى ئىدىم .
قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلۇدۇم ،چۈنكى مېنىڭ ئاچچىقىم كەلگەن يىرى بىر ئادەمنىڭ ئۈيىگە كىرگەن ئىكەن جەزمەن ئالدى بىلەن خۇدائىي سالامنى بىجا كەلتۈرۈشى بىر ئەقەللىي قائىدە، چوپ –چوڭ ئادەم بۇنى بىلمەمدا !
كونىلاردا «ئاغزى قاتتىق مۇزاي بىرنى ئىمەر ،ئاغزى يۇمشاق مۇزاي مىڭنى » دىگەن ماقال بار .
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دىگەن بۇ سۆز ئاشۇ خوشنامنىڭ ئاغزىدىن چىققان بولسا ناۋادا مەن ھەقىقەتەن ئىشلىتىش ئالدىدا تۇرساممۇ كىچىپ تۇرۇپ بىرىشىم مۇمكىن ئىدى ،چۈنكى خوشنىدارچىلىقتىن ئەۋزەل يەنە نېمە بار .
                                          2
تۇنۇگۇن جىددى ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئۆزەم بېرىشنى خالىمايدىغان ،نەزىرىمدە قالايمىقان ھىساپلىندىغان بىر سودا مەيدانىغا بېرىشقا توغرا كەلدى .يېنىمدىكى يانفۇن ۋە پۇل قاپچۇقنىڭ بىخەتەرلىگى ئۈچۈن قول سومكامنى چىڭ تۇتقان ھالدا  سودىلىقىمغا كىرىشىپ كەتتىم بىر دۇكاندىن چىقىپ يەنە بىرسىگە كىرىتتىم سۈپەتلىكنى ،باھاسى مۇۋاپىقنى سېتىۋېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم .شۇ تەرەقىدە ۋاقىتنىڭ قانچىلىك ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن .
ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىتتىك يانغا بۇرۇلدۇم .يېنىمدا 40تىن ھالقىغان بىر ئەر قاراپ تۇراتتتى .يەنە تەكرارلىدى ،بۇ قېتىم ماڭا دىگەنلىگىنى جەزىملەشتۈردۈم .
ـ ۋائالەيكۇم ئەسسالام
ـ قانداق ئۆي ئىچى تىچلىقتۇ ؟
ـ خۇداغا شۈكۈر
ـ بازارغا چىققانما ؟
ـ ھەئە !
ـ يالغۇز چىققانما ؟
ـ شۇنداق
ـ ئۇزاق بولدى سىزگە دىققەت قىلغىلى ،قارىسام ھىچ بىر قارايدىغا ئەپتىڭىز يوق .
ـ بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟
ـ شۇنداق بىرەر جاينى تېپىپ بىر دەم پاراڭلاشساق قانداق
ـ نېمە ؟ چۈشۈنەلمەي سورىدىم .
ـ سىزمۇ يالغۇز بولغاندىن كىيىن دەيمىنا ،ئەمدى .
ـ سىزنىڭچە قوغدۇغۇچى ئېلىۋالسام بولامتى ؟
ـ مەن قوغدۇغۇچى بولاي سىزگە
ـ كەچۈرۈڭ ،ئادەمنى خاتا تۇنۇپ قاپسىز .
يەنە تۇرۇۋېرىشنى ئارتۇقچە كۈرۈپ ،كەينىمگە ياندىم .
ـ توختاپ تۇرۇڭ ،تۇنۇشۇپ قالايلى
كەينىمدىنلا ئەگىشىپ كىلىۋاتقان ئادەمنى كۈرۈپ شۇنداق جۇدۇنۇم ئۆرلىدى ،قانداق قىلاي تىل سېلىپ تىللايمۇ ؟ بۇنداق قىلسام ئۆزەمگە سەت .بۇنداق ئادەملەر ھەر نېمە دىيىشتىن يانمايدۇ .يەنىلا قايتىپ كىتىشنى مۇۋاپىق كۈرۈپ ،چوڭ يولغا قاراپ ماڭدىم .قىستىلىپ كىتىپ بارىمەن .كەينىمدىن ئاڭلانغان ئاۋاز :
ـ نېمىسىگە شۇنچە يوغانلىق قىلىدۇ ،ئادەم گەپ قىلغانغا خوش بولماي ،...........................،
چوڭ يولغا چىقتىمدە ئالدىمغا كەلگەن ماشىنىدىن بىرنى تۇسۇپ ئۆيگە كىلىۋالدىم .قىلماقچى بولغان سودۇلۇقۇممۇ شۇ پېتىچە قالدى .
توۋا دەيمەن ،نېمىشقا ««ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»نىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازى شۇنداق چۇڭقۇردۇ .ئاشۇ سالامنى ئىلىك ئالمىغان بولسام شۇ خورلۇققا ئۇچرىماس بولغۇمىدىم .شۇ سۆزنى چوڭ بىلمىگەن بولسام خوشنامنى رەنجىتمىگەن بولارمىدىم .ھىچ بىلەلمىدىم .
خۇلاسەم : ئۆزەمنى ۋە ئۆزگىنى خاپىلىق تارتقۇزماسلىق ئۈچۈن بۇ سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەمدى ئەھمىيەت بىلەن قارىمايمەن .

مەنبە : ئۆز كەچۇرمىشىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋېنرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-15 13:25  

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 13:22:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سىزنڭ ئۆز يازمىڭىزمۇ ياكى كىتاپتىن يازغانمۇ ؟  مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن. رەخمەت سىزگە.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
639 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
386 سەر
شۆھرەت
402 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 13:27:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت ،نىمىشقىكىن ئۆ ئەجرى بىلەن يىزىلغان ئەسەرنى ئەسكەرتمىسىمۇ بۇلىدۇ دەپ قارايدىكەنمەن دىسە ،ئەمدى دىققەت قىلاي

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1354 سەر
تىللا
123 دانە
تۆھپە
821 سەر
شۆھرەت
948 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 13:37:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋېنىرا ، سىز ھەرگىزمۇ ئۇنداق دەپ كەتمەڭ ، مەنمۇ بۇرۇن سىزگە ئوخشاش ھەر بىر ئىشقا بىر تەرەپلىمىلىك قارايتتىم ، چوڭلارنىڭ گەىپىنى كوپلەپ ئاڭلاش ئارقىلىق ئاندىن ئىشنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئويلاشنى ئەمدى باشلىدم . مەن بۇنداق دىسەم سەنمۇ ئەمدى ئۈگۈنۈپسەن ماڭا مەسلەھەت بىرىشىڭگە سالاھىتىڭ توشمايدۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن ، شۇنداق بولسىمۇ يۈزۈمنى قىلىن قىلىپ دەۋىرەي، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىگەن بۇ سۆز بىزنىڭ ئاتا بوۋلىرىمىزدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كىلۋاتقان ئەڭ ئەقەللىي سالاملىشىشنىڭ بىرى ھەم ئەڭ مۇھىمى . بىرىنجى ، خوشنىڭىزنى سىزگە سالام قىلمىدى دەپ خاتا ئويلاپ قالماڭ ، ئۇ شۇنداق جىددى ھالدا سىزدىن ياردەم سوراپ كىرىپتۇ ، ھەتتا شۇ جىددى چىلىكتە ئىشىك قوڭغىرىقىنىمۇ باسمىغان تۇرسا سىز مۇنداق ئويلاڭ شۇ خوشنىڭىز ئەمدى تاماققا تۇتۇش قىلىشىغا ئۆيىگە مىھمان كىلىپ قالغان بولىشى مۇمكىن شۇنىڭ بىلەن خوشنىڭىز ناھايىتى جىددىيلىشىپ ئۇنتۇپ قالغاندۇ ، ئادەم جىددىيلەشكەندە نىمىلەرنى ئۇنۇتمايدۇ دەيسىز ؟؟
ئەمدى ئىككىنجىگە كەلسەك  ھازىر جەمىيىتىمىزدە شۇنداق ئادەملەر كوپيىپ كەتتى ، سىز بايام تىخى ماڭا سالام قىلمىدى دەپ خاپا بولغان ئىدىڭىز ئەمدىلىكتىچۇ ؟ ماڭا سالام قىلدى دەپ خاپا بولدىڭىز ، جەمىيتىمىزدە ئۇنداق ئوغۇل بالىلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ چۈنكى مەن مۇ بىر ئوغۇل بالا   شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھەرگىزمۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىگەن بۇ ئۇلۇغ گەپنى ئىشىلتىشكە ئەھمىيەت بىلەن قارىمايمەن دىمەڭ ، چوقۇم بۇرۇنقىدەك قىلىشىڭزى كىرەك لىكىن ئىشلەتكەن ۋاقىتتا شۇ ۋاقىت ۋە شۇ ئۇرۇنغا نىسبەتەن ئويلىشىڭز كىرەك ، چوقۇم ئىشلارنى ئىككى تەرەپلىمىلىك قىلىپ ئويلاڭ . مەن مۇشۇنچىلىك دىيەلەيدىكەنمەن ئەگەر قوبۇل قىلغىدەكلىرى بولسا قوبۇل قىلىڭ بولمىسا بۇلارنى بىر قۇرۇق گەپ دەپ ئويلىسىڭزمۇ بولىدۇ .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8588 سەر
تىللا
4841 دانە
تۆھپە
5737 سەر
شۆھرەت
6402 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 21:43:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدانىڭ سالىمىنى بېرىپ ئېشەكنىڭ ئىشنى قىلىدىغان ئادەملەرمۇ كۆپ ~ئىش ئاساسلىقى شۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىدە!
مەنمۇ قايسى كۈنى بازادا بىر ھېندستانلىقلىقنىڭ ھەرخىل زىبۇ زىننەت ساتىدىغان يېرىدە  قاراپ تۇرساپ زىبۇ زىننەپ سېتىۋالغىلى كەلگەن بىر ئايالنىڭ پۇتىغا ئاستا تاياق بىلەن نۇقۇپ قويغانلىقىنى كۆردۇم، لېكىن ئايال گەپ قىلماي كۈلۈمسىرىدى !قاتتىق ئاچىقىم كېلىپ قايىتتىم!(ئۇئايالنىڭ يېنىدا 4ياشلاردىكى بىر بالا بار ئىدى )

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 22:30:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن دەيمەن« ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»نىڭ ۋاقتى ئۆتكۈنى يوق.يۇقارقى بايانلاردا « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
»نى باھالىمايۋاتىمىز ،بەلكى مۇشۇ سالام سۆزىنى دىگەن ۋە دىيەلمىگەنلەرنىڭ خاراكتىرى ،ماھىيىتىنى ئۇستىدە تۇختىلۋاتىمىز ...
دىمەكچىمەنكى بۇرۇندىن بىزگە بىرىلۋاتقان «يامان بۇلۇدۇ» تەربىيىسىنىڭ ۋاقتى تىخى ئۆتكىنى يوق. ھازىرمۇ تۇلۇق ئۇتتۇرا تىل -ئەدەبىيات دەرسلىكى فولىكلور قىسمىغا بۇ مەزمونلار كىرگۈزىلدى. ئەدەپ ئەخلاق تەربىيىسى بىلەن  «يامان بۇلۇدۇ»تەربىيىسى بىرلەشتۇرۇلسە يۇقارقى بايانلاردىكى شەخىسلەر مۇشۇ مەنىۋىيەتنى ھىس قىلالىغان بۇلاتتى....
شۇڭا « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دىن ئىبارەت بۇ سالام سۆزىدە گۇناھ يوق! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-15 22:31  

ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
168 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
103 سەر
شۆھرەت
112 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 18:01:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹سۆزنىڭ بىشى سالام››،بۇسۆز سۆھبەتلەشكۇچىلەر ئۇچۇن يول ،ئۇ ئۆزنىڭ يىقىملىقلىقى بىلەن بىزنى مايىل قىلىدۇ لىكىن شۇ نەرسە ئىسىمىزدە بولسۇنكى ھەر قانداق ئىسىل نەرسىنىڭمۇ كەينى تەرىپى بولىدۇ.

Rank: 4

قىزغىنلىق
830 سەر
تىللا
9 دانە
تۆھپە
92 سەر
شۆھرەت
99 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 22:35:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز . مىنىڭچە ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم -ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ›› بىر -بىرىمىزگە ياخشى تىلەك بىلدۇرىدىغان مەنا چىقىدۇ . بۇسۆزنىڭ قېممىتى مەڭگۈ يوقالمايدۇ . لىكىن بەزىلەرنىڭ  شۇ سۆزدىن پايدىلىنىپ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشى ، بالا چاقىللىرىغا سالام سۆزىنىڭ ئەخلاق قارىشى ئىكەنلىگىنى بىلدۇرمەسلىگى ، جەميىتىمىزدىكى كىچىكلەرلا ئەمەس ،چوڭلارنىڭمۇ بۇ سۆزگە ئىتىبارسىز قاراۋاتقانلىغى ......دەل مۇشۇ سۆزدىن زېرىكىش ،مۆرىتى كەلگەندە دىيىشتىنمۇ نۇمۇسقىلىش ھالىتىنى شەكىللەندۇرۋاتىدۇ .

مۇشۇنداق ئۆزى كېچىك ئىش ،  مۆرىتى كەلگەندە بىر ئادەمنىڭ بىلىمىنى ، ئەخلاقىنى ، شۇنداقلا ئېنسانى  پەزىلىتىنى  جىڭلاشقا  يىتىپ ئاشاتتى . لىكىن تەرەققىياتقا قارۇغىلارچە ئىسىلىپ مىڭىپ ئۆزىمىزدىكى ئېسىل ئەنئەنىنى ، ئاتا بوۋىمىز كۆز قارچۇغىنى ئاسىرغاندەك ئاسىرىغان ئېسىل مەدىنىيتىمىزنى  ئاساسەن يوقاتتۇق  .
شۇڭا بىزدە مېھرى -مۇھاببەت ،گۈزەل ئەخلاق ، كۆيۈنۈش ،ئۆملۇكنىڭ  ئورنىغا  شەخسىيەتچىلىكنى باش قىلغان
نۇرغۇن نۇمۇسسىزلىقلار ۋابادەك تارقالدى.
مىنىڭ ئويلايدىغىنىم ؛ ئۆزىمىزدىن باشلاپ شۇ سالامنى جايىدا ئىشلەتسەك ( سۇنى سېڭگەن يەرگە سەپ دىگەن گەپمۇ بار ) ئائىلىمىزنى ،ئۇرۇق -تۇققانلارنى ‹‹ يامان بولىدۇ ›› غا قايىل قىلساق بۇندىن كىيىن ياخشى بولۇپمۇ
قالار .

ھەممىمىزگە  ،ئاللاھ نىڭ  زىيادە ئەقىل ئاتا قىلشىنى چىن دىلىمدىن تېلەيمەن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 00:02:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار،
ھەممىڭلار ئورۇنلۇق پىكىر بايان قىلىپسىلەر، مەنمۇ بىرئىككى ئىغىز سۆزلەپ باقاي.
ئەسسالام-ئەلەيكۇم دەپ سالام قىلىش بىز مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىنغان ئىشتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن  بۇ ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ، باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئىپادىسى. «ئەدەپ بىلگەن تۆرگە ئىرىشۇر»،«سالام قىلىش پەرز، ئىلىك ئىلىش قەرز» دىگەن ھىكمەت بارغۇ؟ ھەممىمىز توغرا سالام قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۇرەيلى دوستلار
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:16, Processed in 0.133880 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش