كەۋسەر
1
پاكىزلىق ئىنساننىڭ خىسلىتى دېمەك ، ناپاكلىق يۈرەكنى قىلار بى كېرەك . پاكىز تەن ، پاكىز روھ كەلسە بىرلىشىپ ، ئاشقۇسى ھەرقانداق ئارزۇ ۋە تىلەك .
2 ھاجىتى چۈشسە بىر كىشىنىڭ ساڭا ، قىل راۋا ، ئىززىتىڭ كۆكلەيدۇ داۋام . بۇ دۇنيا بىرگە-بىر ئۆتنە ئالەمكەن ، يامانلىق قىلمىغىن تاپمايسەن ئارام .
3 كىبىردىن يىراقتۇر بۇ پەس بىر ئىللەت ، پۇل-مېلىم بەك كۆپ دەپ كۆرەڭلىمىگىن . مەنسىپىڭ ، ئىناۋەت مەڭگۈلۈك ئەمەس ، ئاجىزغا يەڭ تۈرۈپ، يوقال –دېمىگىن . 4 ياشلىقىم ئارقىغا كەلمىدى قايتىپ ، ساقالغا قوندى قار قالدىم ئۇھ تارتىپ . يەكۈنلەش ۋاقتىمۇ يەتتى ئۆمۈرنى ، ئۆتمەي بەس ، سازىمنى كۈندە سايرىتىپ . 5 خوش ئېيتىپ يىراققا كەتتى ياز كۈنى ، كەلدى كۈز بۇنىڭغا يەنە ئولىشىپ . تۆت كۈنلۈك ئالەمكەن ئەسلى بۇ دۇنيا ، ساقالغا تۈكۈردۇق ئەمدى پورلىشىپ .
6 ئاقىلغا ھەر مىنۇت ئالتۇن مىسالى ، ئەجرىدىن بارچىغا تەرلەر تۆكۈشتە . بەك ئەپسۇس ، بەزىلەر ئىشرەت قوينىدا ، ئۆتىدۇ كۈن-تۈنى خەقنى سۆكۈشتە... |